قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2364|ئىنكاس: 17

ئېسىڭىزدە بولسۇن، 21- فېۋرال« دۇنيا ئانا تىل » بايرىمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 23:01:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتتە ،دۇنيادا 7000خىل تىل بار بولۇپ، ئەمما بۇ تىللارنىڭ %96 نى ئىشلىتىدىغانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4نى ئىگىلەيدۇ .
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى 1999-يىلى قارار ماقۇللاپ ،ھەريىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتتى ۋە بۇئارقىلىق ئانا تىلنى قوللىنىش ئاساسىدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى .
شۇنىڭدىن بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى«مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «ئېنتېرنتتا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلماقتا .
ئۇنداقتا مەزكۇر خەلقئارالىق خاتىرىلەش كۈنى قانداق مەيدانغا كەلگەن؟
2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىش  بىنگاللىقلارنىڭ ئاناتىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
1952-يىلى پاكستاننىڭ كونتروللىقىدىكى بىنگاللىقلار بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كۈچ كۆرسىتىپ ،نامايىش ئېلىپ بارىدۇ .2-ئاينىڭ 21-كۈنى پاكىستان ساقچىلىرى بىنگاللىق نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بەش نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .كېيىن بېنگال مۇستەقىل بولۇپ  ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ،بېنگال ھۆكىمىتى بۇ بەش نەپەر «تىل قۇربانلىرى» (语文烈士)ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە ئابىدىسى تىكلەپ ،خەلقنى ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئىتشىقا چاقىرىدۇ .
1953-يىلىدىن باشلاپ بېنگال 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئىزچىل تۈردە قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
1956-يىلى پاكىستانمۇ ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېنگال تىلىنى  ئوردۇ تىلى بىلەن بىرگە ،ئورتاق ،باراۋەر ھالدا قوللىنىشقا بولىدىغان تىل سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئىتىراپنامىسى ئېلان قىلدى .
1999-يىلى 11-ئايدا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن-تېخنىكا كومىتېتى قارار ماقۇللاپ ،200-يىلىدىن باشلاپ، ھەر2-ئاينىڭ21 -كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن .
دۇنيا ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنىشى
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  مائارىپ، ئىلىم– پەن كومىتېتىنىڭ سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دېگۈدەك مائارىپ سىستېمىسى، خەۋەر– ئاخبارات ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم- پەن كومىتېتى ۋە غەيرىي ماددىي بايلىقلارباشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى سېمس مۇنداق دەيدۇ :
« نۆۋەتتە دۇنيادا نۇرغۇن تىللار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ،تەخمىنەن ھەر ئىككى ھەپتە ۋاقىتتا بىرخىل تىل يوقالماقتا ، ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمايدىكەن ،شۇ نەرسە ئىنىقكى  يەنە يۈزيىللاردىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت بىرقانچىلا تىللار ساقلىنىپ قالىدۇ. .ئەلۋەتتە ،بۇنداق تىللارنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش تامامەن مۇمكىن ،بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ھەرىكەت ،يېتەرلىك ئىقتىسادى قوللاش بولۇشى كېرەك .لېكىن  نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يەنىلا قېيىن مەسىلە .»
سېمس يەنە مۇنداق كۆرسىتىدۇ :
«يەنە ،ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،مەلۇم تىللارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مەسىلەن : ۋېلش تىلى ،كاتالۇناتىلى ۋە كانادادىكى ئىندىئان تىللىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.»
«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» جۇڭگودا قانداق ئۆتكۇزىلىۋاتىدۇ ؟
دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ «دۇنيا ئاناتىل كۈنى»پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ بۇ ھەقتە كۆپ ماتېرىيالغا ئىرىشەلمىدىم (كېيىنچە تولۇقلىنىدۇ)
دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئىناق دۇنيا قۇرايلى»دېگەن تېمىلاردا بىرقاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلماقتىكەن .
«دۇنيا ئاناتىل كۈنى» نى بىزقانداق ئۆتكۇزسەك بولىدۇ؟
«دۇنيائاناتىل كۈنى»گە دائىر مەلۇماتلاردىن بايقىشىمچە ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى«دۇنيا تىل كۈنى» قىلىپ جاكارلىغان .مېنىڭچە 2008-يىلى بىزنى ھاياجانغا سالغان «مەھمۇدكاشغەريىلى» بەلكىم شۇ نىڭ تەسىرىدە روياپقاچىققان بولىشى مۇمكىن .
ئىلگىرى بىرمەزگىل توردا تارقىلىپ يۈرگەن«دۇنيادىكى 100چوڭ تىل» تېمىسى ئاستىدىكى بىرسانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرتىلى 98-ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىرتىل بىر مەدەنىيەتكە تەڭ .بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرتىلى تارىختا كۆرۈلمىگەن سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە،بىزئۈچۈن تەرەققىيات بىلەن مىللىي مەدەنىيەت ئوخشاشلا مۇھىم.بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن ۋاز كىچەلمەيمىز.بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سىجىلىلىققائىگە ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى بولىشى كېرەك .
بىز بۇ ھەقتە ھۆكىمەتتىن ئاناتىلمىزنىڭ مەۋجۈدلىكى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بىلەن بىرگە بۇ سۆيۈملۈك تىلنىڭ ۋارسلىرى بولغان قىرىنداشلارنى ئاناتىلنى چىن يۈرەكتىن سۆيۇشكەچاقىرىمىز.
سەمىمىزدە بولسۇن :«ئاناتىل»- ئۇ ئانىمىزنىڭ تىلى .
2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەققىدە دوستلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن .



مەنبە: ئىزدىنىش تورى

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 00:34:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ   بىر  كۈننى  ساپ  ئانا  تىلىمدا   سۆزلەپ  تەبىرىكلەيمەن     ..........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئىنسان دىگەن نىم

99

تېما

16

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4201
تۆھپە : 2436
توردىكى ۋاقتى: 1278
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 01:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىر كۇننى << دىۋانى لوغەتىت تۇرك>> نى ئوقۇپ ئۆتكۇزگۇم بار .

8

تېما

0

دوست

1130

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 259
تۆھپە : 159
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 10:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر كۈندە ئەڭ ئەقەللىي بولغان تېلفون نومۇرىنى ئۇيغۇرچە دېيىش ئارقىلىق ،ھازىر بىزدە ئەڭ ئېغىر بولغان ،لېكىن تازا ئېتىۋارغا ئېلىنمىغان بۇ مەسىلىنى تۈگىتىش ياكى خاتىمە بېرىش تولىمۇ زۆرۈر.چۈنكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ،ساناق ساننى تۈرك تىلىدا سانايدىغان باشقا ئەللەر خېلى بار،مەسىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەر ،زامانىداسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى بولمىش بۇ دۆلەتلەردىكى خەلىقلەرمۇ ساننى ئانا تىلدا سانايدىكەن.
بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە خەنزۇچە دېسە تېز ئەستە ساقلىيارمىش،ئالدى بىلەن خەنزۇچىنى بىر راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنىڭ،ئانا تىلدا سۆزلەش ۋە ئانا تىلنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنى پەرزەنتلىرىڭىزگە،ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىڭ.چۈنكى مۇشۇ دەۋىردە ئانا تىلنى ياخشى ئۆگەنسىڭىز ۋە بىلسىڭىز كەم دېگەندە ئالتە دۆلەت تىلىنى بىلگەن ۋەب د ت دائىشلىنىدىغان تىللاردىن ئاز بولسىمۇ سۆزلۈك بىلگەن  بولىسىز.ئەلۋەتتە،بۇ سىز ،بىز ئۈچۈن كاتتا ياخشى ئىش...

2

تېما

0

دوست

2909

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  259
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 344
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 11:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئوقۇغۇچىلارغا چوقۇم سۆزلەپ بېرىمەن.

0

تېما

0

دوست

7260

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  275
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1734
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 12:29:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمىزنى قوەدايلى . بۇ كۈننى ئۆزىمىز ھەم پەرزەتلىرىمىز ئۇنتۇپ قالمىسۇن .

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2342
توردىكى ۋاقتى: 738
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 13:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتىلگە توغرا كەپ قالىدىكەن، بولمىسا مەكتەپتە مۇشۇ توغۇرلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزسەك ياخشى بولاتتىكەن.

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 13:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى japakaxدە2011-02-18 12:29يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئانا تىلىمىزنى قوەدايلى . بۇ كۈننى ئۆزىمىز ھەم پەرزەتلىرىمىز ئۇنتۇپ قالمىسۇن .  

جاپاكەش  تورداش   ئانا  تىلنى  شۇنداق   قوغدامسىز   ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )