قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3260|ئىنكاس: 12

پولات ئەلىمدار كىم؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

0

دوست

7734

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1243
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 20:06:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات ئەلىمدار كىم؟؟



[align=justify][align=justify]پولات ئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، ھەقىقى ئىسمى مۇھەممەت نىجاتى شاشماز. 1971- يىلى 15- دىكابىردا تۈركىيەنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامىرىكىدا 6 يىل ئىشلىگەن. 2001- يىلى ئائىلىسنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ، قايتىش بېلىتىنى 11- سىنتەبىرگە ئالىدۇ. دەل 11- سىنتەبىر كۈنى ئامىرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايرۇپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغان كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقە سەۋەپلىك شۇ كۈنكى ئامىرىكا ئايرۇپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېىين ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىن ۋاز كىچىدۇ.  نىجاتى شاشماز كېيىنىكى ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدە سوغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنو سىنارىيە رىژىسورى بىلەن كۆرىشىدۇ. ئوسمان سىناۋ ئۆزى رىژىسورلۇق قىلماقچى بولغان “بۆرىلەر ۋادىسى” فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باش رولچى بۇلۇشقا ئەڭ ياخشى نامىزات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدە باش رولچى بۇلۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نىجاتى شاشماز بىر ئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قۇبۇل قىلىپ، بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى بىلەن ئۆمىرىنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ.نىجاتى شاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشماز دەپ ئىككى قېرىندىشى بار. راجى شاشماز بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى سىنارىيەسىنىڭ يازغۇچىللىرىدىن بىرىدۇر. نىجاتى شاشمازنىىڭ 20 يېشىدا يازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىق دەۋىرىدىكى ئاشقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن “ئاشىق” ئىسىملىك بىر شىئىر كىتابى بۇلۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىنغان. نىجاتى شاشمازنىڭ بۇ شىئىر كىتابىدا ئاشقنىڭ نۆۋىتى، سەن ۋە تىكەن، بېلىقلارنىڭ ھىدى، ئاۋازىڭ قاتارلىق شىئىرلەر بار.
بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدار تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ كاتىبېشى مەمەت قاراخانلىقنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپى ئادىمى بۇلۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. كېيىنكى 3 يىلدا تۈركىيەدىكى قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، مەمەت قاراخانلىق قاتارلىق قارا جەمىئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنى تازىلاپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپى ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ئالاھىدە تەربىيلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىن ھۇشىيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر – يىنىك قۇرۇللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە، فىرانسۇزچە، ئەرەپچە، كوردچە ۋە رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.
پۇلات ئەلەمدار ھىسياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بۇلۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مىھىر – مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشقىغا بولغان ئىشقىدەك چۇڭقۇردۇر. پولات ئەلەمدار بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدە ماماتى، ئابدۇلەي، ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋە قابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگە قاھشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. پۇلات ئەلەمدار زامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋۇلى، قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق بولسا، پۇلات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ رول ئالغان بۆرىلەر ۋادىسى، بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق، بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن ۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىملىرى تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايۇنلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇگۈنكى كۈنلەردە، پۇلات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن خەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانى بۇلۇپ قالدى.
ئەگەر بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز گوگولدىن Kurtlar Vadisi, Kurtlar Vadisi Pusu, Kurtlar Vadisi Irak, Kurtlar Vadisi Filistin دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.
بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.diziizleyelim.com/izl ... iler/kurtlar-vadisi
بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.diziadresi.net/izle-seyret/kurtlar-vadisi-pusu.html
بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق فىلىمى كۆرۈش ئادىرىسى :
http://www.yenifilmizle.com/film ... disi-Irak-izle.html
بۆرىلەر ۋادىسىدىكى مەنىلىك سۆزلەر
 
بۆرىلەر ۋادىسىدىكى پېرىنسىپ، چۈشكەن ئولجىنى قاچۇرماي يېيىش.
ئىككى كىشىنىڭ بىلگىنى سىر ئەمەس.
دوستۇڭ دوستۇمدۇر ، دۇشمىنىڭ دۇشمىنىم.
ئاقىۋىتىنى ئويلىغانلار ھەرگىزمۇ قەھرىمان بولالمايدۇ.
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دوستۇم بولالمىساڭ، دۇشمىنىم ھايات قالماس.
سەن ، سەن بولغىن! قەتئىي بىز بولۇپ قالما.
ئاتا- بوۋىسىنى تونۇمىغانلار، ئېتنىڭ پېشدىن كەتمەس.
ئىنسان بالىسىغا ئېشەنمە ئۆلۈر، دەرەخكە يۆلەنمە قۇرۇر.
ھاياتتا ھېچقانداق نەرسە تاساددىپى ئەمەستۇر.
ياخشىلىق مەخپىي قىلىنىدۇ، مەخپىي قالمايدۇ.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار… ۋاقتى بار… ياشاشنىڭ… سۆيۈشنىڭ … ئۆلۈشنىڭ.
سوقۇشۇشقا رۇخسەت يوق، ئەمما سوقۇشۇپ يەڭسەڭ، مەغلۇپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىمايسەن.
ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز.
بىز قورالنى بېلىمىزغا ئاستۇق، قۇرال بىلەن كۆكرىكىمىزگە ئېتىلايلى دەپ.
ئۆلۈم، ئۆلۈم دەيسەن، ئۆلۈم دىگەن نېمىكىن ئۇ، جېنىم؟ ھاياتىم پىدادۇر سەن ئۈچۈن مېنىڭ .
ئوخشاش تېلدا سۆزلەشكەنلەر ئەمەس ، ئوخشاش ئوي- پىكىردە بولغانلار ئېتتىپاقلىشالايدۇ.
ئۆلگەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن يېغلاپ قالما ، ئۆلسەڭ ئارقاڭدىكىلەرنى يېغلىغان ھالدا قويما.
بوران قانچە كۈچۈپ چېقسىمۇ، تېك قىيادىن ئالىدىغىنى ئۈستىدىكى بىر قەۋەت توپىدۇر.
ئەگەر سېنى بىرى ئالدىغان بولسا بۇ ئۇنىڭغا گۇناھى، ئەگەر ئۇ كىشى سېنى داۋاملىق ئالدايدىغان بولسا بۇ سەندىكى گۇناھ.
ھەرگىز ھېچكىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلما، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەڭ ئاخىرقى چېقىش يولىدۇر.
ئاقىل كىشىلەر يېڭىلىقلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قىزىقىدۇ، پەسكەشلەر بولسا باشقا كىشىلەرنىڭ ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ
 

10

تېما

0

دوست

7004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 21:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان، تۈرك مىللەتلىرى مەنۋىيىتىنى بىر يىپقا باغلايدىغان، مەرتلىك، ھەققانىيەتك ، ئەقىدە-ئېتىقاد، ئادىمىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن كۆپ قىسىملىق كىنو تىياتىرى. فىلىم بىزگە قانداق ياشاشنىلا ئۆگىتىپ قالماي، سىياسىدىن ئىبارەت بۇ <<چوڭ قىمار>>نىڭ ماھىيەتلىك بىر تەرىپىنى كۆرۈرمەنلەرگە ئاشكارلايدۇ. http://www.uqur.net
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1914

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3627
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 458
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم تۈركىيەنىڭ باشقا شەھۋانى تۈس ئالغان فىلىملىرىدىن مىڭ ياخشى.

0

تېما

0

دوست

466

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6741
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:52:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ  ئۆمۈر تارىخىمدا كۈرگەن  ئەڭ  ياخشى  فىلىم بۇ.ھەر  ھەپتىدە  بىر قىسىم  يوللىندۇ.1-بۈلۈم 123 قىسىم،2-بۈلۈم ھازىرغىچە157قىسىم  يوللۇنىپ  بولدى  ھەممىسنى  ساق  كۆردۈم...ئىۋۇ  كورياننىڭ ئىنجىمارۇق  كىنولىردىن.ماۋۇ  چىننىڭ ئەتگەندىن كەچكىچە  يىگىننى  داڭلاپ چىقىدىغان تېتىقسىز  فىلىملىردىن،ھىندى- شارۇلخانىڭ كەچكىچە  ناخشا  ئېيتىپ  ئۇسۇل  ئويناپ  چىقىدىغان 100كىنو  كۆرسىمۇ بىر  خىل  ۋەقە  سۆزلىندىغان كىنولىردىن مىڭ  ياخشى.....ئەرلەرگە ئەردەك  ياشاشنى،قەلبى  ئۆلگەنلەرگەغۇرۇرنى  ئاتا  قىلىدىغان  فىلىم بۇ.....تۈرۈكچىسنىمۇ 3 قىسىم كۆرگەندىن  كىيىن چۈشۈنىپ  كىتىسىز....باشقا  تۈرۈك  فلىملىردىن مىڭ  ھەسسە  ياخشى....دىن،تارىخ،پەلسەفە،سىياسى...ھەممىسى  بار....
پۇلاتنى  پۈتكۈل تۈرۈك دۇنياسى مىللىي قەھىرمان دەپ  تۇنۇيدۇ.....پۇلاتنىڭ[نىجاتى  شاشماسنىڭ]تۈركىيە  ھازىرقى  زاماندىكى ئىناۋىتى  مۇستاغا  كامال،ئەردۇغان،ئابدۇللا گۈل  بىلەن تەڭ  دىگۈدەك ئابرۇيغا  ئىگە.....بىر  كۈرۈپ  بېقىڭلار.بىر فىلىم بىر دۇنيا  قارشى....

0

تېما

0

دوست

466

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6741
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 10:58:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر  جۈمە  كۈنى  كەلگۈچە  كۆزلەر  تۆت.بۇكۈنى  2خۇشاللىق بار  ماڭا،بىرى جۈمە  نامىزى يەنە  بىرى مۇشۇ پۇلاتنىڭ  كىنوسى....
  بۇلاردىكى  دوستلۇق  ،ساداقەت،بۇلاردىكى ۋەتەن  -ئەل  سۆيگۈسى....

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 18:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنو ھەقىقى تۇسنى ئالغاچقا ئادەمنى ھەقىقى ئادىمىيلىك كۆزقاراش،ۋەتەن مۇھەببىتى،مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھى ھەرقانداق بىر ئادەمنى تەسىرلەندۈرمەي قويمايدۇ
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن

5

تېما

1

دوست

1482

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2530
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 166
تۆھپە : 361
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 23:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم بۇ ، كۇرتلار ۋادىسى بۆلىمىنىلا ئۈچ قېتىم كۆرۈپتىمەن . ساقلاپ قويۇپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ .

يوققۇرقى ئاددېرىسلاردىن كۆرەلمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئاددېرىستىن كۆرسەڭلار بولىدۇ .
كورتلار ۋادىسى ( تۈرۈكچە )
http://www.banuay.com/kino_play.asp?id=367

كورتلار ۋادىسى ئىراق ( ئۇيغۇرچە )
http://www.banuay.com/kino_play.asp?id=324

كورتلار ۋادىسى گىلادىيو ( تۈرۈكچە )
http://www.banuay.com/kino_play.asp?id=424

ئۆزبەكچىسىنى كۆرمەكچى بولساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار . يوللاپ بېرىمەن .

0

تېما

0

دوست

257

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6844
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 41
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 19:59:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلار توغرا ئېيتىپسىلەر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )