- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
يەتتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى بېشىر ( 1813 - يىلدىن 1866 - يىلىغىچى تەختتە ئولتۇرغان ) . جياچىڭنىڭ 18 - يىلى ( 1813 - يىلى ) ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېلىلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ .
بېشىر زېرەك ئادەم ئىدى ، ئۇ ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى قويىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ، سىرتقى جايلاردىكى چېچەك چىقمىغان ۋاڭ - گۇڭلار بېيجىڭغا كىرىشكە بولمايدۇ ، دېگەن بەلگىلىمە بار ئىدى . بېشىرغا چېچەك چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ . ئەمما چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىپ ، جياچىڭنىڭ 20 - يىلى ( 1815 - يىلى ) 8 - ئايدا ، ئۇنىڭ رېخېغا ( ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې ناھىيىسىدىكى سالقىندايدىغان تاغلىق كەنتكە ) بېرىپ ، خانغا كۆرۈنۈپ قايتىشىغا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىدۇ . جياچىڭنىڭ 24 - يىلى ( 1819 - يىلى ) ئۇ يەنە بىر قېتىم رېخېغا بارىدۇ . چېچەك چىقىپ بولغاندىن كېيىن ، داۋگۇاڭنىڭ 3 - يىلى ( 1823 - يىلى ) ئاندىن ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ .
داۋگۇاڭنىڭ 6 - يىلى ( 1826 - يىلى ) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوجا ئەۋلادى جاھانگىر خوجا توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكتىن ، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەتتە قالىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن 3000 ئەسكەر ئەۋەتىپ قۇمۇلغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئاندىن كېيىن زور قوشۇن شىنجاڭغا ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلايدۇ . يول يىراق بولغانلىقتىن ، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە ئوت - بوغۇز بىلەن تەمىنلەش قىيىنلىشىپ كېتىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى گەرچە زور كۈچ بىلەن ئات - ھارۋا غەنلەپ توشۇش ئىشىنى تەشكىللىگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ . بۇ چاغدا بېشىر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، 100 كالا ھارۋىسى تاييارلاپ ، دېھقانلارنى ئاشلىق توشۇشقا تەشكىللەيدۇ . ئەسلىدە ھارۋىلارنى تۇرپاندا ئالماشتۇرۇش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ يەردىمۇ ھارۋا غەملەش قىيىن بولغاچقا ، بېشىر دېھقانلارنى ئاشلىقنى توغرىدىن - توغرا ئالدىنقى سەپ بولغان ئاقسۇغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، جاھانگىر خوجا مەغلۇب بولىدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى بېشىرنىڭ << ھارۋا تەييارلاپ ، ئەسكەرلەرگە ئوزۇق - تۈلۈك يەتكۈزۈپ بەرگەن >> تۆھپىسى ئۈچۈن ، داۋگۇاڭنىڭ 7- يىلى ( 1827 - يىلى ) 7 - ئايدا ، ئۇنىڭغا توز پېيى سانچىلىدىغان بىر دانە ئاق قاشتېشى نەيچە ، بىر دانە ئاق قاشتېشى بارماق غىلىپى ، ئېسىل كەشتىلىك بىر تون ، يوغان ئىككى توپ كىمخاپ ئىنئام قىلىدۇ . دېھقانلار ھاشارغا كېتىپ قېلىپ ، تېرىقچىلىققا تەسىر يەتكەنلىكى ئۈچۈن ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەتيازدا ئۆتنە ئالغان ئاشلىق قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ .
داۋگۇاڭنىڭ12 - يىلى ( 1832 - يىلى ) 12 - ئايدا ، بېشىر بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلغاندا ، شۈەنزۇڭ خان ئوردىسى زىجىنچېڭغا ئاتلىق كىرىشكە رۇخسەت قىلىدۇ ھەم ئۇنى ئىنانچىخان دەرىجىلىك بېلىدىن دورۇ ئىنانچىخانلىققا ئۆستۈرىدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|