ئەرلەر نېمە ئۈچۈن ئاياللارنى چۈشىنەلمەيدۇ؟
(ئىسمايىل ئىبىراھىم تەرجىمىسى)
ئايروپىلاندىكى ئون ئەركەك بىلەن بىر ئايال قۇتقۇزۇش ئارغامچىسىغا تەڭلا يامىشىپتۇ،ئۇلار قۇتقۇزۇش ئارغامچىسىغا پەقەت ئونلا ئادەمنى كۆتىرەلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىكەن.ئۇنداق بولسا كىم چۈشۈپ كېتىشى كېرەك؟ ھەممەيلەن زۇۋان سۈرمەي ھەدەپ بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ.ئەڭ ئاخىرىدا ھېلىقى ئايال ئېغىز ئېچىپ شۇنداق دەپتۇ؛بوپتۇ،مەن چۈشۈپ كىتەي،بىز ئاياللار ئەزەلدىن سىلەرنىڭ تامىقىڭلارنى ئېتىپ،كىرىڭلارنى يۇيۇپ،ئىزچىل تۈردە سىلەر ئەرلەر ئۈچۈنلا ئۆزىمىزنى قۇربان قىلىپ كەلگەن ،ئەمدى ،مەن يەنە بىر قىتىم قۇربان بۇلاي .بۇ گەپنى ئاڭلاپ تەسىرلەنگىنىدىن ئون ئەركەك تەڭلا چاۋاك چېلىپ كېتىپتۇ.
بۇ ھېكايە بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى،ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا بولىدىغان جەڭدە ئەمەلىيىتتە ئەرلەر كۆپىنچە دۆتلۈك قىلىپ ،ئۆزىنىڭ قانداق ئۇتتۇرۇپ قويغىنىنىمۇ بىلەلمەي قالىدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن،مەن ھەمىشە ئەرلەرگە ئاسمان بىلەن ئېلىشساڭمۇ،يەر بىلەن ئېلىشساڭمۇ مەيلى،بىراق ھەرگىزئاياللار بىلەن ئېلىشما،دەپ نەسىھەت قىلىمەن.ئۇلۇغ قىرى يىگىت شوپېنخائوئېرمۇ مانا شۇنداق ھېسىياتتا بۇلۇپ،ئۇ ئەرلەرنى ؛ئەقىللىق ۋە يېتىلگەن ئەر بولساڭ ،خوتۇن خەق بىلەن تالاشما،دەپ ئاگاھلاندۇرغان.مېنىڭ ئۇنۇڭ بۇ سۆزىگە بولغان چۈشەنچەم مۇنداق ؛چۈنكى ئەرلەر ھېچقاچان ئاياللارنى ھەقىقى چۈشۈنۈپ باقمىغان ،ئۆز رەقىبىنى چۈشەنمىگەن ئادەم نېمىلا قىلغان بىلەن رەقىبىنى زادىلا يېڭەلمەيدۇ.
ئەرلەر بەلكىم بىر ئايالنى ئەبەدىل-ئەبەد ھەقىقى چۈشەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن.نىكاھلىق بولغان نۇرغۇن ئەرلەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۈمۈرىنى سەرىپ قىلىپمۇ ،ئۆزى بىلەن نەچچە ئون يىللاپ بىر تۆشەكتە ،بىر ياستۇققا باش قۇيۇپ ياتقان ئايالىنى ھەقىقى تۈردە چۈشىنەلمەيدۇ.بۇ يەردىكى چاتاق ئۇلارنىڭ ئەقلىدە ئەمەس ،بەلكى كۆزىدە ئاياللارغا نەزەر سالغان.ئەرلەرنىڭ ھەمىسى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ چىرايىغىلا ئاشىق بولىدۇ -دە ،ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى كۆڭۈل دۇنياسىغا سەل قارايدۇ.
ئۇنىڭ ئەكسىچە ،ئاياللار ئەرلەرنى ئىنتايىن چوڭقۇر،تولۇق چۈشۈنىدۇ.قىلچە مۇبالىغە قىلمايلا ئېيتالايمىزكى ،ئاياللار بىرەر ئەرنى ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمىگە تايىنىپلا تازا ئوبدان بىلىۋالالايدۇ ھەم تەلتۈكۈس چۈشىنىۋالالايدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن ،ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتۇرسىدىكى جەڭدە ،،ئەرلەر جەرياندا غەلبە قىلغاندەك قىلسىمۇ ،ئاقىۋەتتە كۆپىنچە ئاياللار بىر پەم بىلەنلا يىڭىپ چىقىدۇ.ئەرلەر بىر ئايالنى تەڭلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن دوئېلغا چىقىشىدۇ.ئاياللار بولسا ،بىر ئەرنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن تىلىنى بىر قىلىپ بۇ ئەرگە تاقابىل تۇرىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى چۈشەنمەسلىكى چاغلىق گەپ ،مۇھىمى شۇكى،ئۇلار مۇنداق بىر داۋلنى بىلىپ قۇيىشى لازىم؛ئايال خەق دىگەن بىر سۇ ،سۇ قىيىقنى كۆتۈرۈپمۇ تۇرالايدۇ ،غەرىق قىلىپمۇ تاشلىيالايدۇ.ئەرلەر سۇغا غەرىق قىلىنىپ كەتمەي دېسە،ئاقىلىرىمىزنىڭ نەسىھىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ ،ئاياللارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىشى ،ئاياللارنى ھۆرمەت قىلىشى لازىم.ئايال دېمەك ئەرلەرنى يېڭىباشتىن ئادەم بۇلۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەتتا دۇنيا يارىتىدىغان ئۇلۇغ كۈچ، دېمەك.بۇنۇڭ ئەكسىچە ،ئىچى يامان ۋە ئۆزۈمنىڭلا راست دەيدىغان مەنمەنچى ئەرلەر كۆپىنچە گۈل چىراي ئايالارنى ئاپەتكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ،ئايال خەق ئاپەتكە ئايلاندىمۇ ،بولدى،ئەرلەر ئۆلۈكىنى قويغۇدەكمۇ يەر تاپالماي قالىدۇ.
مېنىڭ تەجىربەم ۋە تەسىراتىم شۇكى،ئاياللار ئەخمەقلىق قىلغىلى تۇرغاندا ،راستىنلا ئەخمەق بولىدۇ.ئەمما ،ئاياللار ئەقلىنى ئىشقا سالغىلى تۇرىدىغان بولسا ،ئوتتۇرا قولدەك ئون ئوغۇل بالىمۇ بىر قىزغا تەڭ كىلەلمەي قالىدۇ.ئەرلەرنىڭ بىشىغا كېلىدىغان بارلىق ئازاب-ئوقۇبەت ،بەخىتسىزلىك ۋە بالا -قازانىڭ بېشى ئاياللارنى چۈشەنمەسلىكتە ئەمەس،بەلكى ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئەقىللىق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ،ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ ،گاراڭ -گۇرۇڭ ھالەتتە ئەرزىمەس جىنىدىن جۇدا بولغان تۇرۇقلۇق،يەنە ئاياللارنى ئەخمەق دەپ قارىغانلىقىدا.
مەنبە ؛ھاياتلىق |