- تىزىملاتقان
- 2013-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4890
- نادىر
- 0
- يازما
- 677
ئۆسۈش
96.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akpar777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-12 19:26
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق شارائىتتا ھەم مۇشۇنداق پۇرسەتتە ئو تتۇرغا چىقىپ لىكسىيە سۈزلىشى مىنى بىر تەرەپتىن خۇشال قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن چۇڭقۇر ئۇيغا سالدى.مەزكۇر لىكسىيەنى ئۈچ قىتىم تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۈزۈمنىڭ ئۈزۇندىن بىرى دىيەلمەي كىلىۋاتقان كۈڭلۈمدىكى تۈگۈنلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىش خىيالىغا كەلدىم.
قوشتېل مۇئارىپى يولغا قويۇلغىلى 20 يىلچە بولدى. بۇجەريانلاردا نۇرغۇنلىغان ئەگرى توقاي مۇساپىلەرنى باشتىن ئۈتكۈزگەن بولسىمۇ بىراق 2013-يىلى قوشتېل مۇئارىپى ئىغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ دەلىلى شۇكى؛بەزى ئاتا ئانىلار دەسلەپتە بالىلىرىنى قوشتىلدا ئوقۇتسا كىيىن خىزمەت تىپىشقا ئاسان بولىدۇ دەپ قارىغان . بىراق بۇ ئاتا ئانىلار بۈگۈنكى كۈندە كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئاددى كاللىسىدا بىرقاتار مۇرەككەپ ئىشلارنىمۇ سىتاستىكىلاپ چىقتى ،بۇ بولسىمۇ ‹‹ 90- يىللاردا مىللىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى قانچە %؟ ، 2000-يىلىچۇ؟2010-يىلى قانچە%بولدى؟ 2020-يىلى قانچە% بولار؟›› دىگەنلەردىن ئىبارەت ‹‹ پارتىيىمىزنىڭ چولىسى تەگمىگەن ›› رىئال مەسىلىلەر ئىدى . قوش تىل مۇئارىپى ھەققىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۆز لىكسىيەسىدە ئازراقلا چۈشەنچە بىرىپ ئەگىپ ئۈتكەن بولسىمۇ مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ كونكىرىتنى چارە تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىنىق بىر لاھىيەسىنى ياكى مەۋقەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بەلكىم مەن بەكلا دۆت بولسام كىرەك، ياكى سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا چۈشىنەلمەي قالغاندىمەن. بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ، سورىماسلىق ئەيىپ دەپتىكەن، ئانداقتا يەنەبىر مەسىلىنى سوراپ باقاي، قوش تىللىق باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىسىمى ھەقىقەتەن ئىغىر، مۇشۇ سەۋەپلىك بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا مۇئەييەن ئۈزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت ‹‹ تاماق يىگەندە ئىغىزىنى تاپالايدىغان ›› ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ سەبى بالىلىرىمىزنى مۇشۇ بىسىمدىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟
بۇ بىسىمنى مۇ ئەللىملەر كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ؟ ياكى مۇدىرلار مۇ؟ ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش راستىنلا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئىيتقاندەك مۇئەللىملەرنىڭ قولىدىن كىلەمدۇ؟ تورداشلار مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بەرسەڭلا.
ablikim
بۇ مەسلىدە مىنىڭچە ، قەلمى بىلەن قەلبى بىر -بىرىگە زىت ياشاۋاتقان ئاتالمىش مۇتەسسىپ ، فىرافپىسورلارنىڭ قۇرۇق لىكسىيەسىدىن ئۆمۈت كۈتمەي ، مىللەت ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىۋاتقان ، گۈلەن ، قانۇن يولى ، قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ باسقان ھەر-بىر قەدەملىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ ، قولىمىزدىن كىلشىچە قوللاپ قۇۋەتلەپ بەرسەك ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى بولدۇ . بۇ تىمىدىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن باشلىق بىرقىسىم ئاتالمىش پەيلاسۇفلىرىمىز ھەقنى يازماس ، يولىدىن ئازماس كىشىلىرىمىز خالاس . مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە چېتلىدىغان بۇنداق چوڭ ئىشلاردا ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن لىكسىيەسىگە قاراپ ئولتۇرساق ، بىز ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان لىكسىيەلەر بىر ئۆمۈر تۈگىمەسلىكى مۆمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەت دەپ مىڭ ئېغىز سۆزلىگەن لىكسىيەچىلەرگە قارىماي ، ئەمەلى بىر قەدەم باسقۇچىلارغا يېقىن تۇرايلى .
ئالۋۇن
كاللا دىگەن بار يەدە با...ئتى ئۇلۇغ سۇپىرسى قۇرۇق...كىتابىنىلا ئۇقۇسا بولىدىغان ئادەمكەن
nusret
مەنمۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بىر نەچچە قېتىملىق لىكسىيىسىدىكى قوش تىل ۋە ئانا تىل مائارىپى ھەققىدىكى قىسقىلا بايانلىرىدىن پەقەتلا رازى بولمىغانىدىم . چۈنكى ، ئۇ خەلق شۇنچە چوڭ بىلگەن «ئاتاقلىق» كىشى تۇرۇپ بۇ مەسىلىدە ئېنىق مەۋقەسىنى ئىپادىلىمىگەنىدى ، ھەتتا قوللاش پوزىتسىيىسىدىكى بايانلارنى قىلغان . ئۇ ئەسلىدە خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتنى ئالدىن ئەسكەرتىشى ، خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى . لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى ...
mexrap
مىللىتىمىزنىڭ غېمىنى يەپ ئاقباش، تازباش بولۇپ كىتىۋاتقان چوڭلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قۇرۇق گەپلىرىدىن ،ئاۋۇ قانۇنىي يولغا بىر تىلفۇن قىلىپ نىمەى قىيىنچىلىق بولۇۋاتدۇ، دەپ سورغىنى، ياكى كورلىغا بىرىپ كېلىش يول كىراسىغا پۇلغا ھەسەل سېتۋالغىنى ئەۋزەل ئىدى.ئۇلارنىڭ يۈزى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئالدىدا بەك چوڭ ئىدى. ئەقەللىيىسى قانۇنىي يول بىر تىجارەت خاراكتىرىدىكى تاماقخاندا بىر ئەنئەنىۋىي بايرام ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورۇنلىرىنى تەكلىپ قىلىپمۇ بىر ئادەتتىكى چاينى ئۆتكۈزەلمىدى.مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوڭلىرىمىزنىڭ كەڭ كۆلەملىك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرىشىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز.بۇنىڭدىن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئۇلارغا قانچىلىك ئېتيبار بىلەن قارايدىغىنىنى كىچىك بالىلارمۇ ھېس قىلالايدۇ.لېكىن ئۇلار ئانا تىل يەسلىيسى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ قانۇنلۇق ،ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدىكى ئىشىنىشنى يوقىرى كۆتۈرىدىغان ئىشتىمۇ بىرەر ئېغىز گەپ قىلالمايدۇ؟
ئۇلار زادى نىمىدىن ئەنسىرەيدۇ؟قانۇنىي يول قېرىندىشىمىشنىڭ قىلىۋاتقىنى خاتا ئەمەس، قانۇنغا خىلاپمۇ ئەمەس، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ بولسا بۇكەمگىچەئۆزىنى مومىخانىدا كۆرەتتى.قانۇنىي يول قېرىندىشىمىز رېئال مەۋجۇتلىقىمىز يولدا قانۇنلىق ھالدا سىلجىپ كېتىۋاتقاندا ، ھەدېسىلا رېئال مەۋجۇتلىقىمىز دەپ گەپ باشلايدىغان پىرافېسور ئىككى ئېغىز ئىپادىسىنى بىلدۈرمەيدۇ؟گۈلەننىڭ قەشقەر مەپتۇن تاماقخانىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ 10دىن بىرىنىمۇ قىلالمايدۇ؟
يۇقارىقى سوئاللار ھەرۋاقىت مېڭەمنى غىردايدۇ، مۇشۇ يىللاردىمۇ بىز خەقنىڭ شەخسى نەپسى،شۆھرەتپەرەسلىكى ئۈچۈن گول بولۇپ يۈرگەندۇقمۇ؟ئۇيغۇر دەپ كاكىراپ يۈرگەن چوڭلىرىمىز ھەر بىر قەدىمىدە بىر ئىشەنچىمىزنى، ھۆرمىتىمىزنى يەرگە ئۇرۇپ پۈتۈن ئۇيغۇرنى گاڭگىرىتىپ قويماقتا!!!
./forum.php?mod=viewthread&tid=17025&highlight=%D8%A6%D8%A7%D8%A8%D8%AF%DB%87%D9%82%D8%A7%D8%AF%D9%89%D8%B1 |
|