قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 24494|ئىنكاس: 85

ئوتتۇرا ياشلىقلاردا نىمە تۈگىمىگەن ھاراق جىدىلى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

1586

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   58.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1786
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 377
تۆھپە : 227
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 11:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
thumbnaildd.jpg


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشۋېلىپ ۋارۋار قىلىپ يۈرىيىدىغان ۋارۋاردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
  پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە تۇرمۇش ساپارىمىزنىڭ ئۆسۈشى ،مىللەت سۆيەر ،ئەخلاق سۆيەر كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەدەت بىرىشى ،مۇھىمنىڭ موھىمى يىراقنى كۆزلىگەن،ھاراق مەدىنىيىتىگە ھۆ دىگەن ،رېستۇران خۇجايىنلىرىمىزنىڭ ئاۋاز قوشىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ تەۋەسىدە ھاراق قۇيۇشقا يول قويمايدىغان رېستۇرانلار كۈندىن- كۈنگە كۆپەيدى .دۇنياغا قارايدىغان بولساق قايسى رايون نامرات ۋە قالاق بولسا شۇ رايوندا ئىچەرمەنلىك  ئەۋىج ئالغانلىقىنى بايقايمىز ،قايسى رايون تەرەققىي قىلسا شۇ رايوندىكى كىشىلەر سۈپەتلىك تۇرمۇشقا شۇنچە ئېتىبار بىرىپ،ھاراقنى ئاز ئىچىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز .مانا تۇرمىشىمىز ياخشىلىنىپ ھاراققا ياق دەيدىغان ھالەتكە يەتتۇق .ئەسلىدىمىغۇ دىنى ئەنئەنىمىز ۋە مىللى ئۆرۈپ ئادىتىمىز بويىچە ھىندىئانلارنى تۈگەشتۈرگەن  بۇ ھەلەققە يېقىن كەلمەسلىكىمىز كىرەكتى .ھاراق ئۇيغۇرغا ئاز بولمىغان دەرت ئەلەمنى ،ئەخلاقى پاساتچىلىقنى،روھىي يوقىتىشلارنى ۋە مىللەت ئىچىدىكى زىديەتلەرگە سەۋەپ بولمىدى  ،شۇڭا بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەممىمىز يىللاردىن بۇيان ئويلاندۇق ،ئىزدەندۇق ،مانا ھازىرئۇيغاندۇق ،ھاراق تاشلاش ھازىر ياشلىرىمىزدا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغىلى تۇردى .
مىسالەن :مەن تۇرىۋاتقان قومۇل رايونىدا يېقىندا ،بارلىق توي رېستۇرانلاردا ھاراق قۇيۇلماسلىقتەك ياخشى كەيپىيات شەكىللەندى .بۇ ھادىسە ھەرگىز مەلۇم بىر كىشىلەرنىڭ پىلانلىق قىلغان سۈنئىي ھادىسە ئەمەسلىكى ئەقىللىك كىشىلەرگە ئايان .بۇ ھادىسە شۇنداق تەبىئىي پەيدا بولدى .چۈنكى مەيلى مەرىكە  ئىگىسى بولغاي ،مەيلى رېستۇران خۇجايىنلىرى بولغاي ھاراقتىن زىرىكتى .كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىچە بولسا ھاراقنى مەرىكىلىرىگە  قەتئىي يولاتماسلىقنى ئويلاپ تۇرۋاتاتتى .لېكىن ئاز بىر قىسىم روھىي مەغلۇب كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلىقى ،باتنىشى ،سېسق گەپلەر بىلەن كەلتۈرۈشلىرى ئارقىسىدا كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئارزۇيى يىللاردىن بۇيان ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتاتتى .مانا ھازىر قومۇلدىكى بارلىق رېستۇرانلىرىدا تەبىئىيلار ھاراق ئىچىلمەسلىك ھادىسىسى شەكىللەندى .بۇ ھادىسە ھەرگىز رېستۇران خۇجايىنلىرى مەسلىھەتلىشىۋالغان ئىش ئەمەسلىكى بىزگە ئايان بولىۋاتىدۇ .بەلكى يوقىردا دىيىلگەندەك تۇرمۇش ساپارىمىزنىڭ ئۆسىشى ۋە ئەخلاق قارىشىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن تەبىئىي شەكىللەندى .ئاللاھنىڭ بىزگە بۇ نىئمەتنى ئاتا قىلغانلىقىغا شۇكرى ھەمدۇسانە ئېيتايلى .
لېكىن مانا مۇشۇ تەستە كەلگەن ۋەزىيەتنى كۆزگە ئىلىمايدىغان بەزى كىشىلەر ،ئۆز شەيتانى نەپسىنى دەپ، رېستۇران ئىگىلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان ،ھاراق بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى كەمسىتدىغان، ھەتتا  مىنىرال سۇ بوتولكىسىغا ھاراق قۇيۇپ ئەكىرىپ ،بىر چىرايلىق پاكىز مەرىكىنى بۇلغايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىۋاتىدۇ .شۇنى بايقايمىزكى بۇ ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ياشلىق ئىچەرمەنلەر كۆپساندا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .
يېقىندا مەن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالدىم .بۇ توي ئىۋىرغول رېستۇرانىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئېۋىرغول رېستۇرانى قومۇلدا ھەممىدىن بالدۇر ھاراققا چەك قويغان پاكىز رېستۇران بولۇپ قالغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز .شۇ كۈنكى تويدىمۇ توي ئىگىسى ھاراق يولاتمىدى .مېنىڭ بىلەن جوزىداشلار ئاساسەن تونۇش كىشىلەر بولغاچقا، ئۆز- ئارا گۇڭۇر- مۇڭۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىدۇق .پاراڭ تېمىسى رېستۇرانلاردىكى بۇ ياخشىلىنىش ئۈستىدە بولىۋاتاتتى .بىردەمدىن كېيىن مەدەنىيەت ساھەسىدە خېلى نام ئابرويى بار ،قومۇل ناخشا -ئۇسسولى ،رەسساملىق،خەتتاتلىق  سەنئىتىگە تۆھپە قوشىۋاتقان مەلۇم بىر ئىسىل زادىمىز كىرىپ كەلدى .ھەممىمىز بۇ كىشىنى تونۇغاچقا ئۇنىڭغا ھۆرمەت سالاملىرىمىزنى بىلدۈردۇق .
مەن بۇ كىشىنى سىرتتىن  تونۇپ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئاپىرىن ئېيتقان ئىدىم .لېكىن بۈگۈنكى غەشلىككە بۇ كىشىنىڭ سەۋەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم ھەم بۇ كىشى بىلەن بۇنداق يېقىن ئارلىقتا سۆھبەتلىشىپمۇ باقمىغان ئىدىم .
تاماقلار تارتىلىپ ھەممە مەززە بىلەن غىزالىنىۋاتقان بەھۇزور كەيپىياتنى بۇ كىشى بۇزدى .
--چۈشتىلا دىدىم بۇ گۇيغا ،ھاراق قۇي، ھاراق قۇي دەپ .ھاراق قۇيمىسا توينىڭ كۆركى نەدە قالىدۇ .ئەتە مانا شىكەر شەنبە ،بۈگۈن كەچ بىر پەيزە قىلساق،قېنىپ ئۇخلىساق ئەتە ۋاخچە تۇرۇپ ئۇيقىنى قاندۇرساق بەلەن بولمامدۇ .شۇنداق ئەمەسمۇ ھە ئاداش .
دەپ ئۇددۇلىدىكى بىر ئەمەلدارغا سۆز تاشلىدى .ئۇ ئەمەلدار زورىغا كۈلۈمسىرەپ،كۆڭلى يەردە قالمىسۇن دىدىمۇ -ھە شۇ ئەمەسمۇ -دەپلا قويدى .
لېكىن سورۇنكى باشقا كىشىلىرىمىزدىن ئۇنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا ئاۋاز قوشقۇدەك سادا چىقمىدى .
بۇ ھالەتتىن نارازى بولدىمۇ ،ئۇنىڭ تولا سورۇن ئويناپ خۇنۇكلەشكەن كۆزلىرى تېخىمۇ خۇنۇكلىشىپ كەتتى ،يۈزى قارىداپ ،بۇجغۇر چاچلىرى ئارسىدىن تەرلىرى چىقىپ ،سىمىز بەدىنى تىترەپ كەتتى .ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ باشقىلارنى كۈتىۋاتقان توي ئىگىسىنىڭ ئاكىسىنى يېنىغا چوڭ ئاۋازدا چاقىردى .
--ھەي ماياققا كىلە ئاداش ،چۈشتىلا دىدىمغۇ مەن ساڭا ،قېنى ھاراق ؟قۇيمامسەن ھاراقنى دەپ ۋاقىرىدى .ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان باشقا جوزىدىكىلەرنىڭ سوغۇق نەزىرى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلدى .سورۇن ئىگىسى ئازراق ئوڭايسىزلاندىمۇ جىق گەپ قىلغۇسى كەلمەي پەقەتلا .
-ھە ماقۇلا ،جىم ئولتا ئورنىڭدا ئاداش دەپلا كېتىپ قالدى .لېكىن شۇ كەتكىنىچە بۇ جۇزىغا يېقىن يولىمىدى .
بۈگۈنكى مەرىكىنىڭ ھاراق جىدەلخورى بولغان مىللىتىمىزنىڭ بايلىقى بولمىش،  بۇ ئەتىۋارىمىز خۇددى  لالما كۈچۈكتەك  ئىچىدە غۇدۇڭشىپ ،بىرنىمىلەرنى دەپ   جىمىىپ قالدى .
مانا بۇ مەن يولۇققان ھادىسىلەردىن كىچىك بىر مىسال .ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ھاراق جىدىلى قىلۋاتقانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى 38 ياشتىن يوقىرى بولغان ئوتتۇرا ياشتىكىلەر بولىۋاتىدۇ .بىلمىدىم بۇ زادىي نىمە ئۈچۈنكى ؟ مانا تۆنۈگۈنلا قاتناشقان بىر تويدا يەنە يوقىرقىدەك ھادىسىنى ئۇچىراتتىم .كۆپچىلىك مەززە قىلىپ غىزالىنىۋاتاتتى .توساتتىن بۇرنىمىزغا ھاراقنىڭ پۇرىقى كەلدى .قارىسام بىر ئىشەكباش مىنىرال سۇ بوتولكىسىغا ھاراقنى قاچىلاپ ئەكىرىپ ،چاي چىنىسىغا ھاراقنى قۇيۇپ ،يېنىدىكى ھەمرايىغا تەڭلىگىلى تۇرۇپتۇ .ئۇ بىزنىڭ بىلىۋالغانلىقىمىزنى بايقاپ، ھەييارلىق بىلەن بىزگە سەت ھىجىيىپ -قېنى ئىچىدىغانلار بارمۇ ؟ئاز پاز ئويناپ قويمامدۇق دەيما .دەپ بېزىرىپ تۇردى .
لېكىن بۇ سورۇندا ئۇنىڭغا ئۈلپەدداش بولىدىغاندىن پەقەت ئىككى نەپەر تونىشى زورىغا ئىچىپ قويدى .مەن بىر خىل مەنسىتمەسلىك ۋە غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراۋاتقان ئىدىم.ئۇنىڭ كۆزى ماڭا چۈشتى ۋە ئازراق ئوڭايسىزلاندىمۇ ئېيتاۋۇر بوتولكىنى ئېلىپ ،باشقا سورۇندىكى تونۇشلىرىنىڭ يېنىغا كەتتى .مانا بۇ بۇزغۇنچىمۇ دەل ئوتتۇرا ياشلىق .
مىسالغا ئالسام بۇنداق مىساللار بەك تولا .شاراپسىز سورۇنلارنى ئاساسەن ئوتتۇرا ياشلىق ئىچەرمەنلەر بۇزماقتا .سورۇن ئىگىسىنىڭ مەقسىتى پاكىز بىر مەرىكە قىلىش بولسا، بۇ ساراڭلارنىڭ مەقسىتى سورۇن ئىگىسىنى بۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىك بولدى .ئۇلار نىمىدىگەن شەخسىيەتچى ،ئىچى تار ھە!!
كۆپچىلىك سىلەرمۇ شۇنداق ھادىسىگە ئۇچىرىدىڭلارمۇ؟ئوتتۇرا ياشلىقلاردىكى بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى  نىمە زادى؟
ئەسكەرتىش:
يازمامدىكى شەخىسلەر نىڭ تەسۋىرى  ھېچكىمگە قارىتىلمىغان .ئوقۇرمەن قارىسىغا پەرەز قىلىپ ،ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

4

تېما

0

دوست

1989

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7435
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 408
تۆھپە : 341
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 11:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.ھاراق ئۇيغۇرغا ئاز بولمىغان دەرت ئەلەمنى ،ئەخلاقى پاساتچىلىقنى،روھىي يوقىتىشلارنى ۋە مىللەت ئىچىدىكى زىديەتلەرگە سەۋەپ بولمىدى
ئىنسان تۇغۇلۇپلا  ھەمىنى بۇلۈپ كەتمەيدۇ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بىزنىڭ يۇرتتا بۇنداق ئىچەرمەنلىك يوقالعىلى  10يىلدىن ئاشتى . ھازىر توي-توكۇن ، ئولۇم -يىتىم ئىشلىرى حالىس بۇلۇش يولىعا مىڭىۋاتىدۇ .     ئاللا حالىسا  بۇ ياحشى يۇزلىنىش پۇتۇن رايۇنىمىزنى قاپلىسا كوزياشلىرىمز قۇرۇپ ،بەللىرىمىز رۇسنىلىپمۇ قالار .

0

تېما

0

دوست

511

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  440
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 135
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
50-60يىللاردا تۇغۇلغان ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىدىيە ئوزگەرتىش شامىلىغا ئۈچىرىغان .سولچىللار دىننى خۇنۇكلەشتۇرگەن ،ماۋ جۇشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان دەۋىردە تۇغۇلغان بۇ قىرانلىرىمىزنى ئاللاھ  ھىدايەت قىلسۇن ! دۇئا قىلايلى

3

تېما

0

دوست

1772

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  376
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 350
تۆھپە : 296
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق مەسىلسىدە ئىماملىرىمىزغىلا تايانماي موشۇنداق ۋاستىلەر ئارقىلىق تەلىم تەربىيىنى تەشۋىق قىلايلى،ئاياللىرىمىز  ئىسسىق ئاشنى قىلىپ ئۆيىمىدە ئولتىرايلى،سەندىن مەن قالامتىم دەپ قىزىلدىن ئاققا ئۆتۇپ كەتمەيلى.(موشۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۇپ ئىچىم بەك ئاچچىق بولغان)

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1279
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5009
توردىكى ۋاقتى: 1837
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:39:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە مەنمۇ بىر تويغا قاتناشقانتىم ،بۇ تويدىمۇ ھاراق قۇيماپتىكەن .بىر 50 ياشلاردىكى پور كۆتەك پاينەك باش ئاغىنىسى ،توي بولغان يىگىتنىڭ ئاتىسىغا
ھە سىلەرمۇ ۋاھابىلىشىپ كەتتىڭلەرمۇ ئەمدى ھاھاھاھ ..دەپ شاڭخوغا ئېلىۋاتىدۇ .بىز بۇ كىشىنىڭ سۆزىگە قاراپ توۋۋا دەپ ياقا چىشلەشتۇق ..

0

تېما

0

دوست

2739

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5113
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 624
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 421
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاغا شۈكرى نۇرغۇن ياخشىلىنىشلار بولدى،<<مەرىكە رېستۇران خوجايىنلىرىغا ئىككى ئېغىز ۋار-ۋار>>نى ئوقۇغاندىن كېيىن <<بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولار ،بۇنى چۈشەنگىدەك ئادەم رېستۇران ئاچارمۇ >>دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمىلىيەت ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسى بولۇپ چىقتى.قومۇلدىكى چوڭ رېستۇرانلاردا ھاراق قۇيۇلمايدىغان بولدى،بۇبىر ياخشى يۈزلىنىش.
  ئەمدى گەپ مۇشۇ ئوتتۇرا ياشلىقلار ئوڭشالمايۋاتىدۇ،يۇرتىمىز ئاخۇنىمۇ مۇشۇ ئوتتۇرا ياشلىقلاردىكى قىمارۋازلىق،ھاراقكەشلىكلەرنى نۇرغۇن قامچىلىغان ئاللا خالىسا بۇلارمۇ ئاستا-ئاستا ئوڭشۇلۇپ كىتەر،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىشىچە تىرىشىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ-ئەلۋەتتە.

10

تېما

0

دوست

7008

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 12:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن تېما ئىكەن مانا!!! شۇ بىر جۇملىنى توغۇرلاپ ئوقۇساقلا...
    بۇنداق ئەھۋاللارغا مەنمۇ كۆپ ئۇچىرىدىم... تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!! ئاشۇ ھاراق ھازىر بىز قاقشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى بارچە پاسىقچىلىقنىڭ قاتىلى!!! ئەگەر ھەممە بىردەك ئاۋاز قوشۇپ، بۇ قاتىلنىڭ قاتىلى بولالىساق، ئۇنداقتا بىزدە كەلگۈسىگە ئۈمىد تېخىمۇ زور...
    ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدىغۇ ئۇزۇن بولغان بۇ خىل يوشۇرۇن قاتىلغا زەربە بېرىلگىلى، شۇڭىمىكىن ئۇيغۇر نوپۇسى ناھايتى ئاز بولغان يۇرتىمىزدىن نى-نى ئەزمەتلەر چىقىپ رايونىمىز ھەتتا دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئۆز رولىنى نامايەن قىلىپ، يۇرت خەلقىگە زور ئىپتىخارلىق تۇيغۇلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەگەر قومۇلدىلا ئەمەس پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ ھارام قىلىنغان شەيتان سۈيدۈكىنى سۈپۈرۈپ تاشلىيالىساق، ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئۈچۈن غەلبە شۇ ئىدى...
    مەن بۇ ياشقا كەلگۈچە كۈرمىڭلىغان ياش ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ شۇ ھاراق تۈپەيلى ئاققانلىقىنى كۆردۈم... كۈرمىڭلىغان سەبىلەرنىڭ شۇ ھاراق تۈپەيلى يۈرەكلىرى داغلانغانلىقىنى كۆردۈم... ئانىلاردا، سەبى پەرزەنتلەردە گۇناھ يوق، ھەقىقى گۇناھكار ئاشۇ ھارام ھاراق!!!!
http://www.uqur.net
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
ilim + 10 مۇنبەرپۇلى:+10(ilim) نوچى ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )