قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2372|ئىنكاس: 6

مۇقام تۆھپىكارى ئەسەت مۇختار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 02:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقام تۆھپىكارى ئەسەت مۇختار ئاكىغا
سالامەتلىك تىلەيمىز!!!

[align=justify][align=justify]     ئەسەت مۇختار ئاتا بوۋىلىرىدىن تارتىپ بىر نەچچە ئەۋلاد ئەلنەغمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى ئۆگىنىش، ساقلاش، تارقىتىش ۋە دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزۈپ كېلىشتەك ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان داڭلىق مۇقامچىلاردىن بىرى.
 ئەسەت مۇختار 1938 - يىلى قۇمۇل شەھەر پالۋانتۇر يېزا يۇقىرى مەھەللە كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى مەمەتنىياز دورغا مۇھەممەت بېشىرۋاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن كىشى بولۇپ، پالۋانتۇر تەۋەلىكىنىڭ دورغىسى، شۇنداقلا ئەينى زاماندا ئەڭ داڭ چىقارغان مۇقامچى ئىدى.
[align=justify]
 ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بىلەن ھېسابلاشماي، خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ھەر خىل توي - تۆكۈن، مەشرەپ - باراۋەتلەردە باشلامچىلىق بىلەن ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ خەلقنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەلنەغمىچىلىك ھاياتىدا كۆپلىگەن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. مەمەتنىياز دورغىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى تۆمۈر نىياز تۈەنجاڭ (ئاتىسىدىن كېيىن دورغا بولغان)، دورغا تۇرسۇن، باقى دېھقان، (بۆرە باقى) قاتارلىقلار دادىسىنىڭ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلغان. ئۇلارنىڭ بىرى داپنى چالسا، بىرى راۋابنى، يەنە بىرى غىجەكنى چېلىپ، مۇقام توۋلاپ، ناخشا ئېيتىپ پالۋانتۇر يېزا تەۋەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن قۇمۇل بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغ ئارىسىدا خەلققە تونۇلغان ئەلنەغمىچىلەردىن بولۇپ قالغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە دورغا تۇرسۇن بىلەن باقى دېھقاننىڭ ئەلنەغمىچىلىك ساھەسىدىكى تەسىرى زور بولۇپ، ئۇلار شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئوردا ئەلنەغمىچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مەيلى ئوردا ئىچىدىكى بەزمە - مەشرەپ ياكى خەلق ئىچىدىكى توي - تۆكۈن مەرىكىلەردە بولسۇن، ئۇلار قاتناشقان ھەرقانداق سورۇن ئالاھىدە جانلىنىپ قىزىپ كەتكەن.[align=justify]
 ئەسەت مۇختارنىڭ دادىسى مۇختار ئاخۇنۇم خەلق ئەلنەغمىچىلىكىگە ناھايىتى ھەۋەسمەن، ئىلغار پىكىرلىك، تەرەققىيپەرۋەر، خۇش مۇئامىلە كىشى بولغاچقا، مۇقامچىلارنى ھۆرمەتلەيتتى. مانا مۇشۇنداق ياخشى ئائىلە مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەسەت مۇختار كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق ئەلنەغمىچىلىك سەنئىتىنى ئۆگىنىپ، ئەجدادلىرىدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سەنئەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشقا بەل باغلىغان ۋە بۇ ساھەدە توسۇپ بولمايدىغان بىر خىل قىزغىنلىق ھەم ھېرىسمەنلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پېشقەدەم مۇقامچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغىچە بولغان بىر نەچچە يىل ئىچىدە قۇمۇل غېجىكى، قۇمۇل راۋابى سىكرۇپكا، سۇناي، داپ، ناغرا قاتارلىق بىر قانچىلىغان چالغۇلارنى چالالايدىغان ۋە قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مۇقام ۋە چۈشۈرگە تەركىبلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئېيتالايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا نەۋرە ئاكىلىرىدىن گۈلزامان تۇرسۇن (تۇرسۇن دورغىنىڭ ئوغلى) يەدىگاباقى (باقى دېھقاننىڭ ئوغلى) قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىسى كۈچلۈك بولغان. گۈلزامان تۇرسۇن ۋە يەدىگا باقىلار ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ، قۇمۇلدا تونۇلغان مۇقامچىلاردىن ئىدى.
ئەسەت مۇختار 60 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 70 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئاخۇنبەگ، ئاقپاشا قاتارلىق داڭلىق مۇقامچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، قۇمۇل ئون ئىككى مۇقام ناخشا - كۈيلىرىنى، تېكىست تەركىبلىرىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى ئاھاڭ، تەركىب، تېكىستلىرى بىلەن تولۇق ئېيتالايدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد داڭلىق ئەلنەغمىچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ قابىل مۇقامچىغا ئايلانغان.
[align=justify]
 1980 - يىلى شەرقىي شىنجاڭ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان. 1963 - يىلى قۇمۇل ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى بىلەن قۇمۇل رادىئو ئۇزىلى ئۇيۇشتڭرغان قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش ۋە لېنتىغا ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. شۇنداقلا 1988 - يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان شەھەر ئىچى ۋە پالۋانتۇر يېزىلىرىدىكى داڭلىق ئەكنەغمىچىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى قايتا ئەلنەغمىچىلەرنى ئاساس قىلىپ قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى قايتا ئۈنئالغۇغا ئېلىش، رەتلەش، تولۇقلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
 1989 - يىلى مەملىكەت بويىچە «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئۈچ چوڭ توپلىمى» نى تۈزەش خىزمىتى باشلانغاندا، شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «قۇمۇل شەھەر خەلقى قوشاقلىرى توپلىمى» نى تۈزەش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، بۇ خىزمەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
 1992 - يىلى ئاستانا يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈپ غازىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، بىر ئاي 35 نەپەر مۇقام ھەۋەسكارىنىڭ قۇمۇل ئون ئىككى مۇقامىنى «قۇمۇل نەزمىلىرى» دە قېلىپلاشتۇرۇلغان قىياپىتى بويىچە ئۆگىنىش، تولۇقلاش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان.
 1933 - يىلى ئاۋغۇستتا قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قۇمۇل مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ھەمدە قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مەشرەپ پائالىيىتىدە «يالغۇز تۇيۇن مۇقامى» «دۇئا مۇقامى» لىرىنى چۈشۈرگىلىرى بىلەن ئورۇنداپ، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 1963 - يىلىدىن تا ھازىغىچە ئۇ ئورۇندىغان قۇمۇل ئون ئىككى مۇقام ناخشىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىئو ئىستانسىسى، قۇمۇل شەھەرلىك، ئاراتۆرۈك ناھىيىلىك رادىئو ئۇزىللىرى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
[align=justify]

بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاستىدىكى ئېلاننى بىر قېتىم چىكىپ قويۇڭ : ئەسكەرتىش 24 سائەت ئىچىدە پەقەت بىرلا قېتىم چېكىڭ !

0

تېما

0

دوست

0

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 0
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:31:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقام تۆھپىكارى ئەسەت مۇختار ئاكىغا  سالامەتلىك  ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز !!!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

0

دوست

3418

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 835
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 20:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇل 12 مۇقاملىرىنى قوغداپ ۋە ساقلاپ كېلىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە  تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز !!!

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4229
توردىكى ۋاقتى: 4332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-24 10:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئادەمنىڭ ناخشىسىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.

1

تېما

0

دوست

3097

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  233
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 738
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 108
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-25 14:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقامشۇناس ئەسەت مۇختار نىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

3

تېما

0

دوست

1268

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  430
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 297
تۆھپە : 187
توردىكى ۋاقتى: 322
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-30 18:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇقامشۇناس ئەسەت مۇختار دادىمىزغا  سالامەتلىك  ، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!                   بۇرۇن ساقلاپ قويغان،يوللاپ قويدۇم. 12_2523_70142106e27901c.jpg
گۈللە باغداش!!!

5

تېما

0

دوست

1204

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 295
تۆھپە : 167
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-31 01:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخۇنبەك دادىمىز ناھايىتى خوشال ، بۇلايىم ئادەم ئىدى ، ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن توھپىكارلىرىمىزنىڭ . ئەسەت ئاكىمىزغا ئۇزۇن  ئومۇر تىلەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )