ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قولى گۈل، ئىشچان خانىم قىزلار.
1970- يىللاردىكى گۆدەك چاغلىرىمدا ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن خانىم- قىزلارنىڭ دوپپا تىكىشلىرىگە، كانىۋاي كۆينەككە گۈل چېكىشلىرىگە، كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا كەررە قويۇپ كەشتە تىكىشلىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكەن ئىدى.
مانا ھازىر بۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىلا كۆرۈۋاتىمىز. مەزكۇر يازما « ئىزدىنىش مۇنبىرى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بالىقىمدىكلى شۇ ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىمغا كەلدى. ھەر قايسىڭىزلارنىڭ ئاشۇ ئەنئەنىمىزنى ھېلىھەم بولسىمۇ قايتا جانلاندۇرۇشىڭلارغا ياردىمى بولۇشىنى ئىزدەپ بۇ يازمىنى ئېلكىتاب (ئېلېكترونلۇق كىتاب) قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. ئېلكتابلاش جەريانىدا ئاپتور Dilara خانىمنىڭ ئەسلى يازمىسىغا ھۆرمەت قىلىنىپ مەزمۇن ئەينى بويىچە ئېلىندى. مەزكۇر يازمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى «ئىزدىنىش مۇنبىرى» ۋە مۇشۇ مۇنبەردىكى ئاپتور Dilara خانىمغا مەنسۇپ.
(بۇ ئېلكىتاب ئىنتېر تورىدا ھەقسىز تەمىنلەندى)
مەزكۇر ئېلكىتابنىڭ swf نۇسخىسى
بۇنى بېسىپswf نۇسخىسىنى ساقلىۋېلىڭ ياكى ئايرىم بەتتە كۆرۈڭ.
بۇنى بېسىپ pdf نۇسخىسىنى ساقلىۋېلىڭ .
بۇنى بېسىپ ئېلكىتابتا دېيىلگەن سىننى ساقلىۋېلىڭ.
~~~~~~~~~~~~~
يەنە تۈرلۈك يۇڭ توقۇلما نۇسخىلىرىنىڭ رەسىمىدىن 100 دىن ئارتۇقى ۋە swf پىچىمدىكى 90 نەچچە پارچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى پات يېقىندا تەمىنلىنىدۇ، دىققىتىڭىز مۇشۇ يازمىدا بولسۇن. |