قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3575|ئىنكاس: 8

«ھۇررا» سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيىسى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2056
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 21:27:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل توپ تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توپچىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ھۇررا دەپ توۋلاش ئومۇملاشتى، بىر قىسىملار كىنولاردا رۇس قاتارلىقلارنىڭ ئاتاكىغا ئۆتكەندە ئۇررا دەپ توۋلىغىنىغا ئاساسەن بۇ سۆزنى رۇسلاردىن كىرگەن دەپ قارايدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشلىرىمنى يېزىپ چىقتىم. بۇنى پۇتبول كۇلۇبى، ھۇررا تورىدىكى بىر قىسىم ھۇرراچى تورداشلارنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن يازغان، باشقىلارغىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللىدىم

«ھۇررا» سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيىسى توغرىسىدا
تىل بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالاقە قورالى ۋە تەپەككۈر  قىلىش قورالى. ھەر قانداق بىر تىلنىڭ لوغەت تەركىبىنى تارىخىي نۇقتىئىينەزەردىن تەكشۈرۈشكىمۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئېنىقلاش مەقسىدىدە تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. تارىخىي لىكسىكىلوگىيە نۇقتىسىدىن تىلنى سىنخرونىىيىلىك ئۇسۇل يەنى ھادسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ جەريانىنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەكشۈرگەندە نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، تىلنىڭ لوغەت تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى سۆزلەر بىر نەچچە ئەسىرنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كونىراپ ئىستىمالدىن قېلىشى، بەزىلىرىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولىشى، بەزىلىرىنىڭ مەنىسىنىڭ كېڭىيىشى، ئۆزگىرىشى تەبىئىي. شۇڭا لىكسىكىنىڭ تەرەققى قىلىش مەنبەسىنى جەمئىيەت تارىخىدىكى تەرەققىياتتىن ئىزدەشكە توغراكېلىدۇ.

يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرنى چىقىش قىلغان ئاساستا تىلىمىزدىكى «ھۇررا» سۆزىنڭ كېلىپ چىقىشى، لىكسىكىلىق ۋە فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھەققىدە توختىلىمىز.

بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ماھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ شاھانە ئەسىرى، ئەبەدىيلىك مەنىۋىي بايلىقىمىز «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە «ارلشدى(ئۇرلاشدې)- ھۇررا توۋلاشتى، ۋاقىراشتى، جارقىراشتى. بودۇن قامۇغ ئۇرلاشدې- پۈتۈن خەلق ھۇررا توۋلاشتى». («دىۋان»، 188-بەت) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. «دىۋان»نىڭ لىكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىدا  ئاساسەن ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلماقتا، مەسىلەن: «ئۇردى، ئۇرۇشتى، تۇردى، تۇرۇشتى» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 27-بەت)، «باردى، كەلدى، كەلتۈردى» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 26-بەت)، «كۆمەچ» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 14-بەت)، «بىلىش»   («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 14-بەت)، «يايلاغ، قىشلاق» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 15-بەت)، «ئورغاق» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 18-بەت)، «تاغار» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 26-بەت)، قاتارلىقلارنىڭ مەنىسىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان. «ھۇررا توۋلاشتى، ۋاقىراشتى، جارقىراشتى. » مەنىسىدە كەلگەن «ارلشدى(ئۇرلاشدې) » دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى «ئۇر» بولۇپ، «ئۇر» دېگەن سۆزنىڭ 2- شەخس بۇيرۇق رايى «ئۇرە» دېگەن  شەكلى دەل بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان «ھۇررا» سۆزى شۇ. ئۇنداتتا بۇلارنىڭ فونىتىكىلىق شەكلىدىكى ئوخشىماسلىقنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى فىلىملىرىدە، كىتابلىرىدا  رۇس قاتارلىقلار ئاتاكىغا ئۆتكەندە ئۇررا دەپ روۋلايدۇ بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بىز بۇ سۆزنى رۇسلاردىن قوبۇل قىلغانمۇ ياكى رۇسلار بىزدىن قوبۇل قىلغانمۇ؟

«ئۇر، ئۇرە» جۈملىدىن« ھۇررا» ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ھۇررا سۆزى قەدىمقى ئۇرە سۆزىنىڭ فونىتىكا جەھەتتىن ئۆزگەرگەن شەكلى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇرە» سۆزى بىلەن «ھۇررا» سۆزىنىڭ مەنىسىدە پەرىق بولۇپ، «ئۇرە» دېگەن سۆز مەلۇم ئادەم ياكى نەرسىنى ئۇرۇشقا قىلىنغان بۇيرۇقنى بىلدۈرىدۇ، «ھۇررا» سۆزى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ھۇجۇم قىلىۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋار نىداسى» دەپ ئىزاھلانغان. قەدىمقى دەۋردە ئەجداتلىرىمىز دۈشمەن سېپىگە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ كىرگەندە، سەركەردە «ئورە» دەپ ئۈنلۈك نەرە تارتىپ دۈشمەن سېپىنى يېرىپ ھۇجۇمغا ئۆتسە، لەشكەرلەر بىردەك «ئۇرە» دەپ ۋارقىراپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئۇرۇشتا ئاتاكىغا ئۆتكەندە «ئۇرە» دەپ نەرە تارتىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە بىرى: دۈشمەن ھودۇقۇپ سەپلىرى قالايمىقانلىشىدۇ، يەنە بىرى: ئاتاكىغا ئۆتكەن جەڭچىلەر روھلىنىپ قورقۇنچ تۈگەيدۇ، ھەرىكەت بىرلىككە كېلىپ  ئىلگىرى ئاخىرى ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. خەنزۇلارنىڭ يەل گۇمپىسىدا «ھايت- ھۇيت» دەپ كۈچنى مەلۇم ئەزاغا  يىققاندەك ئەجداتلىرىمىز «ئۇرە» دەپ ۋاقىراپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچنى بىلەككە يىققان، «ئۇرە» دەپ ۋاقىراپ، بولۇپمۇ پىستىرمىدا تۇرۇپ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندا «ئۇرە» دەپ قەھرى بىلەن نەرە تارتىپ ھۇجۇم قىلغاندا دۈشمەن تېخىمۇ ئالاقە زادە بولىدۇ، دۈشمەن ئېسىنى يىغىپ، سەپلىرىنى تۈزەپ بولغىچە بېشىدا شەمشەر، بوينىدا خەنجەر، كۆكسىدە نەيزە ئوينايدۇ، ئاخىرىقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە «ئۇرە» سۆزىدىن كۈچ- قۈۋەتكە تولۇپ، غەلىبىگە ئېرىشكەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئاستا- ئاستا  «ئۇرە» سۆزىنى غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەندە، بىرەر ئىشقا تەنتەنە قىلغاندىمۇ  ئىشلەتكەن. ئۇلار تەنتەنە قىلغاندا ياراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۇرە» دەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشقان. ھازىرمۇ بىر قىسىم ياش- ئۆسمۈرلەر توپلۇشۇپ ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشماقچى بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ نوچىلىرى ئالدىغا چىقىپ بىر نەچچە ئېغىزدىن ياپتا گەپلەر بىلەن دوق قىلىشىۋىلىپ، قايسى تەرەپنىڭ بالىلىرى يۈرەكلىك بولسا ئالدى بىلەن ھۇجۇم باشلاپ، نوچىسى «ئۇرە» دەپ قارشى تەرەپنىڭ  نوچىسىغا ئېتىلىدۇ، ئاندىن قالغان بالىلار ۋاقىرىشىپ ھۇجۇم باشلايدۇ، مانا بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى سىماسى.

 «دىۋان»نىڭ يېزىلغىنىغا 1000يىل بولاي دېدى، «ئۇرە» سۆزى مىڭ يىل بۇرۇن خاتىرىگە ئېلىنغان، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ سۆزنى بىزمىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا بار ئىدى دېسەك ئالدىراقسانلىق قىلغان بولىمىز، چۈنكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر نەچچە ئەسىر تاۋلىنىشتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن شۇ تىلنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرەلەيدۇ، ھەمدە ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ، بولۇپمۇ پېئىللار ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ، مىڭ يىل بۇرۇن خاتىرىگە ئېلىنغان بۇ سۆز ھازىرمۇ «ئۇرە» شەكلىدە قوللىنىلىۋاتمامدۇ؟ شۇڭا ئۇرە سۆزى «دىۋان»دا خاتىرىگە ئېلىنىشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا بار بولۇپ، بىر مىڭ بەش يۈز يىلدىن ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، دەپ تەخمىن قىلشقا بولىدۇ.

سەئىدىيە خانلىقىدىن كىيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانلار خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى...دەۋرىدىكىدەك «ئۇرە» توۋلاپ ئاتاكىغا ئۆتىدىغان شانلىق كۈنلىرىمىز يوقالغاچقا (ئۇنىڭدىن كىيىن دەرۋەقە نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى باشتىن كۆچۈردۇق، نەزەردە تۇتقىنىم خاقانلىرىمىزغا ئەگىشىپ ئاتاكىغا ئۆتەلمىدۇق، تورداشلار بۇ ئۇدۇللا دېگەن گېپىمگە قايىل بولماسلىقى تەبىئىي) ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە »ئۇرە»نىڭ ئورنىغا «اللە اكبر» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر كىرىپ كەلگەچكە، بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال چاستۇتىسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەريانىدا بۇ سۆز يەنە ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلغان. 

بۇ سۆز ئۇيغۇرتىلىدىن ئۇزاق مۇددەت رۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان تۈركى خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق رۇسلارغا كىرىپ رۇسلار قوبۇل قىلغان. رۇسلاردا «ئە» تاۋۇشى بولمىغاچقا، «ئە» تاۋۇشىنى «ئا» تەلەپپۇز قىلىپ «ئۇرە»نى «ئۇرا» دەپ تەلەپپۇز قىلغان، توۋلىغاندا ئۇرغۇلۇق چىقىش ئۈچۈن« ر »بىلەن« ئا» نىڭ ئارىسىغا يەنە بىر «ر »نى قوشۇپ «ئۇررا» دەپ تەلەپپۇز  قىلغان، بىر مەزگىل ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان «ئۇرە» دېگەن سۆز 40 – يىللاردىن كىيىن رۇس تىلىدىن يەنە بىزگە «ئۇررا» شەكلىدە قايتىپ كىرگەن،  كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلىدا بولۇپمۇ قەشقەر تەرەپلەردە «ئاۋۇت» نى «ھاۋۇت»، «ئايشىخان»نى «ھايشىخان»، «ئۆمەرجان»نى «ھۆمەجان»، «ئائۇشۇر» (ئەسلى ئائۇشۇر بولۇپ ئۇيغۇرلار ئاشۇر، ئوشۇر ئىككى خىل ئاتىغان )نى  «ھوشۇر»، «ئابلا» نى «ھابلا» دەپ سۆز بېشىغا بىر «ھ» تاۋۇشىنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلغىنىدەك، «ئۇررا»نىڭ ئالدىغا بىر «ھ »نى قوشۇپ «ھۇررا» دەپ تەلەپپۇز قىلغان، كىيىنچە «ھۇررا » سۆزىنىڭ «ھۈررەي» دېگەن ۋاريانتىمۇ پەيدا بولغان.

«ھۇررا» ئەسلى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك جەڭچىلەر ھۇجۇمغا ئۆتكەندە توۋلايدىغان جەڭگىۋار نىدا. بۇنىڭدىن باشقا غەلىبىگە تەنتەنە قىلىش، ئۇرۇشتىن باشقا ئىشلاردىمۇ باشقىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن توۋلاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، خەنزۇ تىلىدىكى  前进冲啊  دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بىلەن بىر ئاز يېقىن.

مەنبە: ئۆزۈم

 

0

تېما

0

دوست

1914

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3627
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 458
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 11:27:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بىرقىسىم ساپاسىز ئادەملەر ئۇيغۇرچە ئاتاشقىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئەپلىك ئىسىم بولسىمۇ ، سان ۋە بەزى سۆزلەرنى  پەسلەرچە، ئاناتىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇپ خەنزۇچە ئاتايدىغان بولىۋاپتۇ.شۇنداق ئاتىسا ئاسان ھەم سەۋىيلىك بولامىش.قېرىنداشلار تىلىمىزنى قوغدايلى! ھەر قانداق ئورۇن ، شەيئى ،ئىش -ھەركەت ،ۋە سۆزلەرگە ئامال بار ئۇيغۇرچە سۆز ئىشلىتەيلى.بۇ ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشنىڭ يارقىن ئىپادىسى.<ھۇررا>سۆزى ئىنتايىن مەنىلىك ھەم جاراڭلىق بولۇپ ،ئاڭلىغان كىشىگە جاسارەت بېغىشلايدۇ.بۇندىن كىيىن بارلىق  چوڭ-كىچىك مۇسابىقىلەردە خەنزۇچە <加油>،<ماي قاچىلاش>نى ئەمەس ،ئاناتىلىمىزدا <ھۇررا>دەپ تولايلى!بۇخىل تولاشنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرايلى!
ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھۇررا!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

0

دوست

7734

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1243
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 11:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق گەپ قۇللايمىز  چۇقۇم ھۇررا دەپ توۋلىشىمىز كىرەك.......

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 00:33:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى danko1دە2012-05-20 11:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىر بىرقىسىم ساپاسىز ئادەملەر ئۇيغۇرچە ئاتاشقىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئەپلىك ئىسىم بولسىمۇ ، سان ۋە بەزى سۆزلەرنى  پەسلەرچە، ئاناتىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇپ خەنزۇچە ئاتايدىغان بولىۋاپتۇ.شۇنداق ئاتىسا ئاسان ھەم سەۋىيلىك بولامىش.قېرىنداشلار تىلىمىزنى قوغدايلى! ھەر قانداق ئورۇن ، شەيئى ،ئىش -ھەركەت ،ۋە سۆزلەرگە ئامال بار ئۇيغۇرچە سۆز ئىشلىتەيلى.بۇ ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشنىڭ يارقىن ئىپادىسى.<ھۇررا>سۆزى ئىنتايىن مەنىلىك ھەم جاراڭلىق بولۇپ ،ئاڭلىغان كىشىگە جاسارەت بېغىشلايدۇ.بۇندىن كىيىن بارلىق  چوڭ-كىچىك مۇسابىقىلەردە خەنزۇچە <加油>،<ماي قاچىلاش>نى ئەمەس ،ئاناتىلىمىزدا <ھۇررا>دەپ تولايلى!بۇخىل تولاشنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ ۋە ئالى مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرايلى!
ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھۇررا!  

   مەن قۇشۇلىمەن ، مۇشۇنداق قىلىش ئۈچۈن ھۇررررررررررررررررررررررررررررررررررررررررررررررررررراااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا   !!!

0

تېما

1

دوست

6144

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7274
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1462
تۆھپە : 888
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:36:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ مۇسابىقىلەردە غەيرەت قىل دەپ ۋاقىرپ باقسام سەل ئۇزۇن ھەم جايىغا چۈشمىگەندەك ھېس قىلغان ئىدىم.
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ،بۇ ياخشى بولدى.
سۈلھىچىلىك بىچارىلىك...ئەركىنلىكتىن باشقىسى قۇرۇق گەپ!

0

تېما

0

دوست

594

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1316
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 99
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا سۈزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاكىغا ئۈتكەندە ئىلىتىدىغان سۈزى، پۇتبول مۇساباقەسى قىلغاندىمۇ بىرەيلەن كوماندا بولسا قالغانلار تەڭ ئەگىشىپ «ھۇررا» دەپ تاۋلىسا بەك ھەيۋەتلىك ئاڭلىناتتى......
بۇ بىر سىرلىق دۇنيا ئىشىنەمسىز

0

تېما

0

دوست

594

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1316
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 99
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت قىل دەپ ۋاقىراش بىلىمدار كىشىنىڭ قىلمىشى ئەمەس،ئۇ كىشىنىڭ بەلكىم تارىختىن ئانچە ھەۋىرى بولماسلىغى مۇمكىن .
بۇ بىر سىرلىق دۇنيا ئىشىنەمسىز

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2056
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 18:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىزدىنىش» تورىدىكى birhonنىڭ ھۇررا سۆزى ھەققىدىكى ھەققىدىكى تولۇقلىمىسى.
رۇسلار «Cheer up» دېگەن مەنىدە قوللىنىدىغان بۇ سۆزنى 1880 - يىلى ۋىلادىمىر ئىۋانوۋىچ (Даль, Владимир Иванович) تۈزگەن رۇس تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (Толковому словарю) دە مۇنداق ئىزاھلاپتۇ:
«Ура» (ئۇرا)  سۆزى تاتارچە سۆز بولۇپ، تاتار، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىكى «ئۇر» سۆزىدىن كەلگەن.
татарское слово «ур» — бей, от «урмак» — бить, а также киргизское «уран» — племенной военный клич, и, наконец, русское «уразить» — ударить.
يەنە، 1800 - يىلى تۈزۈلگەن بىروكوس ۋە ئېفرون ئېتىمولوگىيە لۇغىتى «Энциклопедический словарь Брокгауза и Ефрона» دە «ھۇررا» سۆزىنى تۈركىي تىللارنىڭ سۆزى، رۇس تىلىغا تاتارچە ۋە قىرغىزچە ئارقىلىق كىرگەن دەپتۇ.
بىروكوس ۋە ئېفرون ئېتىمولوگىيە لۇغىتىدە كۆرسىتىلىشىچە مەزكۇر سۆزنىڭ ئەسلى تۈركچە (ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە، تاتارچە، ....) شەكلى: «ئۇرە»دۇر.
«ھ» تاۋۇشى تۈرك (تۈركىي) تىلىدىمۇ، رۇس تىلىدىمۇ يوق (بۈگۈنكى كۈندە تۈرك تىللىرىدا بار بولغان ھ تاۋۇشى ئەرەب قاتارلىق تىللاردىن كىرگەندۇر.) . رۇسلار بۇ سۆزنى ئاينى پېتى ساقلىغان بولۇپ، رۇسلاردىكى شەكلى «Ура» دۇر. ئۇيغۇرلار رۇسلاردىن قايتا قوبۇل قىلغاندا بىر «ھ»نى قوشۇۋالغان.
دېمەك «ھۇررا» سۆزى ئەسلى تۈركچە (ئۇيغۇرچە) «ئۇرە!» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدۇر. ئىككى ئەسىر ئىلگىرى تۈزۈلگەن رۇسچە لۇغەتلەر شۇنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپتۇكى «ھۇررا»نىڭ ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىكىدە ئەمدى ئارتۇق گۇمان ۋە تالاش - تارتىش يوقتۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )