قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6384|ئىنكاس: 12

« گۈلچاي» توزۇتقان خىياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

186

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3952
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 17:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« گۈلچاي» توزۇتقان خىياللار
.
.
[align=justify][align=justify][align=justify]       كىلىياڭ مەشىرىپنىڭ يىقىنىقى زامانلاردا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ سەنئەت كىچىلىكىلىرىدە قويولىشى بىلەن شىنجاڭ تەۋەسىدە كىلىياڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر يۇرتنىڭمۇ بارلىقى باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىشقا باشلىدى. قانداقلا بولمسىۇن گۇما ناھىيسنىڭ 70كىلومىتىر نىرىسىگە جايلاشقان بۇ يۇرتنىڭ ھاۋاسى سوغۇق، تۇپرىقى مۇنبەت يۇرتلارنىڭ بىرسى ئىدى.گەرچە پارلاق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ ، جايلىشش ئورنىنىڭ ناھىيە مەركىزىگە يىراقلىقى، شۇنداقلا بۇ ناھىينىڭمۇ شىنىجاڭدىكى جايلىشىشى چەت يىراق جايدا بولغانلىقى تۇپەيلىدىن، ئىقىتىسادى جەھەتتە ئەتراپىدىكى باشقا ناھىيلەردىن خىلى بەك ئارقىدا ئىدى. يىل بويى چىقىدىغان بۇراننىڭ كۆپلىكى، سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن بۇ يۇرتتا نورمال تىرىكىچىلىك قىلىش بىر كىرىزىس سۈپىتىدە گۇما خەلقىنىڭ ئالدىغا قويولغان بىر سۇئال ئىدى. قانداقلا بولمسۇن بۇ ناھىينىڭ بەزى يىزىلىرىدا ئىككى قىتىم مول ھوسول ئىلىش تۈگۈل، بەزى يىزىلىرىدا ئاران بىر قىتىم مۇل ھۆسول ئالماق تىخىمۇ تەس بولىۋاتاتتى. ھەتتا بەزى مىۋە چىۋىلەر پىشماي تۇرۇپلا ھاۋا سوۋوپ قىش كىرىپ ئاپئاق قارلار زىمىننى باساتتى. ناھايەت كىيلىياڭ يىزىسى تەبىئى شارائىتنىڭ ناچارلىقى، ھاۋا كىلماتىنىڭ سوغۇقلىقى، سۇ مەنبەسىنىڭ يىتەرسىز بولىشى سەۋەپلىك بۇ يۇرت ھايات ھەقىقەتلىرى توغرىسدا ئاچچىق كۈلىۋاتاتتى. پۇقرالىرى نامراتلىق ئازابىدا تولغۇنۇۋاتاتتى. يىغىسى بولغان بۇ ھاياتنىڭ كۈلكىسىمۇ بولغىنىدەك 2011-يىل كىلىياڭلىقلارنى تازا خۇشال قىلغان بىر يىل بولدى . چۈنكى بۇ يۇرتتا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسىنى كەلتۈرمەيدىغان بىر نەرسە مەيدانغا كەلگەن بولوپ، بۇ نەرسىنى كىشىلەر يەرلىك تىلدا «گۈل چاي » دەپ ئاتىدى. بۇ تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل گۈل تۈرىگە تەۋە ئۇسۇملۇك بولوپ،بۇ چاينى دەملەپ ئىچكەندىن كىيىن، قان بىسىمىنى چۈشۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. شۇنداقلا قاندىكى ماينى چىقىرىپ تاشلاش جەھەتتە ياخشى رولى بار ئىدى. بۇ چاينى دەملىگەندىن كىيىن رەڭگىنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىقلىقى،ئات قىنىدەك قىزىللىقى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇراتتى. گەرچە بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇزۇندىن بىرى ئىزچىل قارشى ئىلىنىپ كىلىۋاتقان مەھسۇلات بولسىمۇ، بۇ يۇرتنىڭ تەبىئى جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ ناچارلىقى، پۇقرالىرىنىڭ بىكىنمچىلىك ئىڭىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن «گۈل چاي»مۇ بىكىنمە ھالاتتە تۇرۇپ كىلىۋاتقان ئىدى. بىر قىسىم ئويغاق كىشىلەر ۋە ياكى ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى چاي سودىگەرلىرىنىڭ بۇ يۇرتقا دىققەت ئىتىۋارىنى بىرىشى بىلەن «گۈل چاي»نىڭ  تارىخى خاراكتىرلىك بۇ سىرى كەڭ جامەئەتچىلىككە ئاشكارلاندى. سودىدا يۇرىكى پىشقان، پايدا بىلەن زىيان ئوتتورىسىدا كەسكىن ھىساپ قىلالايدىغانلار بىر نەچچە كىچىنىڭ ئىچىدىدىلا مىلىيۇنىرلارغا ئايلاندى. ئۇلارلا ئەمەس ئۆمۈر تارىخىدا ئون مىڭ يۇەننى كۆرۈپ بىقىپ تۇتۇپ باقىمىغانلار بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا مىلىۇنىرلارغا ئايلانغانىدى. بۇ بىر ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئەھۋال ئىدى. بۇ جەھەتتە بىز ئىشنەيلى ۋاياكى ئىشەنمەيلى، كلىياڭلىقلارنىڭ يانچىقى ھەقىقەتەن پۇلغا تولدى.سانتانا دىيشىنى بىلمەيدىغان بەزى دىھقانلار «ساتىنا»ماشىنا ئالىمىز دىيىشكىنىچە ماشىنا بازىرىغا قاراپ ئاقتى. كىلىياڭلىقلار ھاياتىدا تولىمۇ ئاز ئولتۇرالايدىغان بەزى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى ھەيدەشنى بىلمىسمۇ، ئويىنىڭ ئالدىدا توختۇتۇپ قويوپ شوپورلۇق مەكتەپتە ئوقوپ پىراۋا ئالماقچى بولوشتى.  گۇما ناھىيە ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى تاللا بازىرى يىزا بازارلارغا ناھىتى ئاز ئىلىكىتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلىپ بىرىپ ساتاتتى. ئاز ئىلىپ بىرىشىتىكى سەۋەپ، كىرىم چىقىمنى قامدىيالمايتى.  لىكىن بۇ قىتىم كىلىياڭ يىزىسىغا ئىلىپ بىرىلغان ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىدە ئۇنداق بولمىدى. ئەكىسچە بۇ تاللا بازىرى ئۇزۇندىن بىرى ئىسكىلاتلىرىدا بىسىلىپ قالغان ماللىرىنى ئاپىرىپ ساتقان بولسىمۇ پاك پاكىز تۈگەپ، دىھقانلارنىڭ ئالدىن پۇل تاپشۇرۇپ مال زاكاس قىلىشىتىن ئىبارەت كىلىياڭ يىزىسدا تارىختىن بىرى كۆرۈلۈپ باقىمىغان ئەھۋال كۈرۈلدى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر بازار كۈنى(كىلياڭدا دۇشەنبە كۈنلىكى بازار بولىدۇ) 100دىن ئارتۇق توڭلاتقۇ سىتىلغانمىش. بۇنى بىز بۇ يۇرتلارغا رىكورت دەپ ئاتايمىز.[align=justify]ئىچكىرىدىكى چاي سودىگەرلىرىنىڭ كۆپلەپ بۇ يۇرتقا كىرىشى كىلىياڭلىقلارنى ھەقىقەتەن باي قىلىۋاتتى.مۇنداقچە ئىتقاندا كىلىياڭلىقلارنىڭ بىشىغا ئامەت قۇشى قوندى. ياراتقان ئىگەم بۇ يۇرتلارنى بەكمۇ تەڭشەپ ياراتقان ئىدى. ئارانلا  بۇغداي قوناقتىن مول ھوسول ئالالايدىغان بۇ يۇرتنىڭ ھاۋا كىلىماتىغا شۇنداق ماس كىلىدىغان گۈل چاينى يار يۆلەك قىلغان ئىدى. گۈل چاي ئىچىلغاندىن كىيىن  بۇ نەرسىنىڭ مو بىشى ساپ پايدىسى 100مىڭ يۇەندىن ئىشىپ كەتتى. باشقا يۇرتلاردا تىرىپ سىناپ باققانمۇ بولدى.  لىكىن سۈپىتى ھەقىقەتەن كىلىياڭنىڭكىگە يەتمىدى. كىلىياڭ گۈل چىينىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتتى. مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانلىرىنىڭ قىززىق نوقتا زىيارەت مەنبەسىگە  ئايلاندى. تاغدا ئۆسىدىغان بىزنىڭ زاغرا تىلىمىز بويىچە ئىتقاندا بۇ ئۆت چۈپ ھەقىقەت ئۆزىنىڭ سىھرى كارامىتى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ بىر يىلدا گۈل چاي تىرىمىغانلار ھەقىقەتەن ئارماندا قالدى. يۇرەكلىرى ئىچىشىىپ كەتتى. پىقىرمۇ بۇ جەھەتتە ئارماندا قالغانلارنىڭ بىرسى مەن. گۈل چاي تىرىپ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا گۇمان بىلەن قاراپ ئەرزان سىتىۋاتقانلار «مەن رازى»دىگەننى توختىماي دەپ نىرۋىسىدىن ئادىشىپ قالدى ۋە ياكى ئادىشىپ قالايلى دەپ قالغانلارمۇ كۆپ بولوشتى. خوش 2011-يىلى بەزەنلەرنى كۈلدۇرسە بەزەنلەرنى ئارمان بىلەن، يەنە بەزەنلەرنى ئازاپ بىلەن يولغا سىلىۋاتاتتى. ماشىنا ھەيدەش تىخنىسكىنىڭ توۋەن بولىشى سەۋەپلىك پوچىلىق قىلىپ ماشىنا سىتىۋىلىپ ئۇچقاندەك ھەيدەيدىغانلار قاتناش ۋەقەسىگ ئۈچراپ پۇلىنىمۇ خەجلەشكە ئۈلگۈرمەي خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. بەزەنلەر بۇ ئاماتلەرنىڭ ئۆزىگە بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويوپ خوتون ئۈستىگە خوتون ئىلىپ، سىرىق چاچلىق ، قىشقا يوپكا كىيكەن گۈزەل نازىنىلارنى بۇ يۇرتقا ئەكىلىشكە باشلىدى.كىلىياڭلىق ئاياللار جەينامازدىن چۈشمەي بەختىلىك ئائىلىسىنى بۇزغان گۈل چاينى قارغىماقتا ئىدى. ھاراق تاماكا تاپماق ئىنتايىن تەس بۇ يۇرتتا ئەيشى ئىشرەت كەيپى ساپا كۆپىىيپ قىلىشقا باشلاۋاتاتتى. بۇ ئامەتنىڭ يىنىدا يەنە بىر ئاپەتمۇ تۇراتتى. بىز ئەنە شۇنداق سىناق ئالدىدا تۇرۇپ 2011-يىلىنى ئۈزۈتۇپ باھارنى كۈتىۋالدۇق. قىززىق ئىشلار تىخىمۇ يۈز بىرىشكە باشلىدى.2011-يىلنى گۈل چاي تىرىماي خاتالىق بىلەن ئۆتكۈزىۋەتكەنلەر بۇ 2012-يىلىنى بۇنداق ئۆتكۈزىۋەتكۈسى كەلمىدى. ئۇلارمۇ تىرىپ مىلىيۇنىر بولغۇسى كەلدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىر قىسمى مەككار، ھارامتاماق ، ساختىپەزلەر باي بولوشنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغان ئىدى. گۈل چاي تىرىش ئۈچۈن گۈل چاي ئۇرۇقى لازىم بولاتتى.  گۈل چاي ئادەتتە 7-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ ئىچىلىشقا باشلايدۇ. ھەر ئۈچ كۈندە(ھاۋاسى ئىسسىق بەزى جايلاردا ئىككى كۈندە)بىر قىتىم گۈل چاي يىغىۋىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق يىغىۋىلىنىدۇ .بىر مو يەرنىڭ گۈل چىينى يىغىۋىلىش ئۈچۈن ئاز دىگەندە 5-8گىچە ئەمگەك كۈچى كىتىدۇ. بۇ تاكى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە گۈل چايدىن مول ھوسول ئىلىنىدۇ. 9-ئايدىن كىين ئۇرۇققا تاشلىۋىتىلىدۇ. 10-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدا ۋەياكى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇرۇق يىغىۋىلىنىدۇ. بۇ بىر تىخنىكىلىق تەلەپ. لىكىىن بەزەنلەر تاكى 10-ئاينىڭ ئوتتورلىرىغىچە گۈل چاي يىغىش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. بۇنداق كىىين قالغان گۈل چايلارنىڭ ئۇرۇققا سالغاندا بىر بولسا سوغۇقتا ئۇششۈپ كىتىش ۋەياكى ئۇرۇق تولوق پىشماسلىق ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. گۈل چاي بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار ئۈنچىلىك كۆپ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۈششۈپ كەتكەن ئۇرۇقمۇ ۋەياكى خام ئۇرۇقمۇ بىلىش دىڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا ئىش. 2012-يىلى يىڭى يىل كىرىشى بىلەن گۈل چاي ئۇرۇق بازىرى قىززىپ كەتتى. ھەر كىلوسى 1500يۇەندىن 4000يۇەنگىچە سىتىلدى. گۈل چاي ئۇرۇقى بىلەن ئىچكىرىدە ئۈستۈرۈلىدىغان بىر مەنزىرە گۈلى(白雪菊)نىڭ ئۇرۇقى بەكمۇ ئوخشاش چىقىپ قالدى. بىرقىسىم ساختىپەر، ئالدامچىلار ئىچكىرىدىن بۇ خىل مەنزىرە گۈلىنىڭ ھەر كىلوسىنى 20يۇەندىن ئىلىپ گۇمىغا ئەكىلىپلا ھەقىقى گۈل چاينىڭ شادىسىغا ئارلاشتۇرۇپ ھەقىقى كىلىياڭ گۈل چاي ئۇرۇقى دەپ ساتتى. شۇ ۋاقىتتا گۈل چاي شادىسىمۇ قاتتىق پۇل بولوپ كەتتى. بىر كىچىك بىر يۇرتتىن شۇنچىلىك كۆپ گۈل چاي ئۇرۇقى سىتلدى.بۇ قانداقمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغسۇن. [align=justify]4-ئايداباشلىرىدا، ئوتتورلىرىدا، ئاخىرلىرىدا تىرىلىدىغان بۇ گۈل چاي ھىكايسىى داۋام ئەتمەكتە ئىدى. گۈل چاينىڭ نامىنى چىقارغان،10نەچچە يىللاردىن بىرى گۈل چاي سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلۋاتقان ئۈستاز كىلىياڭ توققوز يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ ئوقوتقۇچىسى نۆرەخمەت ئالىم مۇنداق دەيدۇ:«گۇما ناھىيسىدە مىنىڭ پەرىزىمچە 10توننىغا يىقىن گۈل چاي ئۇرۇقى چىقىش ئىھتىماللىقى بار ئىدى. لىكىن ھازىر 100تونندىن ئارتۇق گۈل چاي ئۇرۇقى سىتىلىپ بولغان بولىشى مومكىن».بۇ گۈل چاي مۇتەخەسسىسى ئىنىقلا قىلىپ ٪90 گۈل چايدىن مول ھوسول ئالغىلى بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ تۇرىۋاتاتتى.  ئويوننىڭ قىزىقى 5-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىدى.قىممەت باھادا سىتىۋالغان بۇ بايلىق ئىلاھى ئۈنمىدى. يۇقىرى باھادا سىتىۋالغان يەرلەردە ئوت-چوپتىن باشقا ھىچنىمە كۈرۈنمىدى. بەزەنلەرنىڭ مىلىيۇنىرغا ئايلىنىش چۈشى بىردەمدىلا بەربات بولوپ، بىر مۇنچە زىياننى يۈكلىۋالدى. زىيانغا چىدىمىغانلار ئۇرۇق ساتقۇچىلارنى ئىزدەپ تازا بىر دىيشمەكچى بولوپ ئۆيىگە بارغاندا، بۇ مەككار، ساختىپەزلەريوغان قۇلپىنى ئىشىككە سىلىپ قويوپ بىر مۇنچەپۇلنى ئىلىپ ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىدى. بۇنىڭلىق بىلەن مەسىلە ھەل بولمدى. قانداق قىلىش كىرەك؟بەزەنلەر گۈل چايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىدىن ئۆمىدىنى ئۈزۈپ يەرلەرنى ئاغدۇرۇپ قۇناق تىرىپ بولغان ئىدى. يەنە بەزەنلەر بولسا تەن بەرمەي، مايسا كۆچۈرۈش ئىشى بىلەن مەشخۇل بولىۋاتاتاتتى.ئەپسۇس ، كۆچۈرگەن مايسىمىزنىڭ راستىلىقىغا كىم بىر نەرسە دىيەلەيدۇ؟ 7-ئاينىڭ ئوتتورلىرىدا بۇ گۈل چاي توغرىسىدا يىڭى يىڭى ھىكايىلەر يىزىلمايدۇ دەپ ھىچكىم ئىيتالمايدۇ.گۈل چايدىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر خۇدادىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدۇ.

گۈل چاي بىزلەرگە ئامەت ئىلىپ كىلەمدۇ ۋەياكى ئاپەت ئىلىپ كىلەمدۇ بۇنىڭغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. بۇندىن كىين گۈل چاينىڭ تەقدىر ئىستقبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كەڭ تورداشلارنىڭ گۈل چاي مەسىلىسىدە سوغوققانلىق بىلەن ئىش تۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

135

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5317
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 135
تۆھپە : 81
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2012-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 20:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر قەشقەر شەھرىگە تەۋە بىر قىسىم يىزىلاردىكى دىققانلارمۇ بەس - بەس بىلەن گۈل چاي تىرىپ كەتتى . گۈل چاي تەرگەننى مەن كۆرگەن بىرىنچى قاتارنى تىرىپ 20 - قاتارغا بىرىپ بولگىچە بىرىنچى قاتاردىن يەنە ئىچىلىدىكەن . ئەمگەك كۈچى كۆپ كىتىدىكەن . شۇڭا يۇقۇردىكى ماقالىدا دىيىلگەندەك دىققانلارنىڭ ئۈرۈك تاللاش ، تىرىش كۆلىمى ، بازار ئەھۋالى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرشىنى ئۈمۈت قىلىش بىلەن ئاجداتلىرىمىزنىڭ ئىككى كەلىمىسىنى قوشۇپ قويماقچىمەن :
بىر خارلانغان ، بىر كۈنلەردە ئىزىز بولۇر . ئەلۋەتتە ئىزىز بولغان نەرسىمۇ خار بولىدۇ .
نىيتى ياماننىڭ قازىنى تكشۈك .
باشقىلارغا ياردەم قىلىشمۇ بىر خىل ىۇشاللىق .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 22:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بەرگەنگە رازى بولماي تېما ئىگىسى دېگەندەك كەيىپ-ساپاغا بېرىلىش خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىش بىلەن مانا مۇشۇنداق ھالاك بولىدۇ .ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر ئۇھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن

10

تېما

0

دوست

7004

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2666
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1694
تۆھپە : 1002
توردىكى ۋاقتى: 280
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 00:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلچاي دېسە مەن تېخى بۇ يۇرتلاردا باش كۆتۈرىۋاتقان <<قىزلار سۈننەت تويى>>مىكىن دەپ قاپتىمەن. ئەسلى بۇ ئۆسۈملۈك گۈل چاينىڭ گېپى ئىكەندە؟ ! تېما ئىگىسىنىڭ سەمىمىي ئەسكەرتىشىگە كۆپ رەھمەت! بۇ يەرلەردىمۇ شۇ گۈلچاي يېتىشتۈرۈش ھەۋەسكارلىرى پەيدا بولۇپ، سىناق تەرىقىسىدە كۆلەملەشتۈرۈپ مايسا كۆچۈرۈپ تىكتى. بەزىلىرىگە بېرىپ ياردەملىشىپ بېرىش جەريانىدا ئىقتىسادى قىممىتىنىڭ ناھايتى يوقۇرى ئىكەنلىكىنى مەنمۇ ئاڭلىدىم. يوقارقى بايانلاردىن بۇ ئىشنىڭ كەينىدىمۇ ئېتىقادسىزلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگىمىز بىزنى ئازغۇنلۇقتىن نېرى قىلسۇن!!! ئامىن!

0

تېما

0

دوست

1914

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3627
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 458
تۆھپە : 274
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 00:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كىلوسى 700-800سوم بولىۋاتىدۇ؟ساتىدىغانلار بامۇيا؟

0

تېما

0

دوست

504

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7049
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 120
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 10:27:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم  100 كىلۇگىرام  گۇلچاي  ئۇرۇقى  سېتىپ، 150 مىڭ يۇەن  ساپ پايدا  ئالۈانلىغىنى ئۈز  ئاغزى بىلەن  ماڭا دەپ  بەرگەندە مەن ھەيران قالغانتىم.
بۇ ماقالىنى ئۇقۇپ  بۇ  ئىشنىڭ ھەقىقى  ماھىيتىنى  چۈشەنگەندەك بولدۇم.  بۇ  يىل  بىزنىڭ  يۇرتىممۇ  چاي  تېرىغانلار  خېلى كوپ، ئۈنمەي  مايسا كۇچۈرەگەن ئەھۋال  ئۇمۇميۇزلۇك،مەۋجۇت«بىر تۈپ مايسىنى  7-8 موچەندىن  ئېلىپ كۇچۈردى»،بۇ  ئشنىنىڭ سەۋەبى بۇ  يىل 3-ئايدا چاي  تېرىسا  بىر  مو  يەردىن    50000 يۇەن  كىرىم  قىلغىلى  بولدىكەن  دىگەن  سۈزلەر  ئەۋىج  ئېلىپ  كەتتى،  دىھقانلار  ئۈزىنىڭ نىمە  تېرىغانلىغى  بىلەن  ھىساپلاشماي  بەس  بەستە  ھەر  كىلوگىرام  ئۇرۇقنى  3000-3500  يۇنگىچە  سېتۋېلىپ  تېرىدى.

0

تېما

0

دوست

230

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2002
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 53
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 15:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى گۈل چاينىڭ مايسىسىنىڭ رەسىمى بولسا يوللىغان بولساڭلار، بىزنىڭ قاراقاشتا تېرىغان «گۈل چاي»غا بىر سېلىشتۇرۇپ باققان بولساق. بۇ يەرلەردە بىر، ئىككى يۈز مو تېرىغانلار بار. ياكى مايسىغا قاراپ راست-يالغانلىقىنى ئايرىغىلى بولمامدۇ؟

0

تېما

0

دوست

30

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7452
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرىتتا دىھقانلار تىىرىغان بۇغدايلىرىنى ئاغدۇرىۋىتىپ ئورنىغا گۈل چاي تىرىۋاپتۇ،ئەگەر شۇگۇل چىيىنى ساتالمىسا بۇيىل قىشتا شۇ دىھقان نىمە يەپ قىشنى ئۆتكۈزەر؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )