- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 22583
- نادىر
- 0
- يازما
- 958
ئۆسۈش
100%
|
مەن خاتا چۈشۈنىۋالمىغان بولسام ، ماكۈتۈپ خانىنىڭ لاھىيەسى قازاندىن چىقىپ بولۇپتۇ ، ھازىر ھۆكۈمەت ئەلرايىنى سىناپ ئەلگە بەكرەك ياققان لاھىيەدىن بىرنى تاللاپ قۇرۇلۇش باشلايدىكەن . شۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئەمدى تاشقى قىياپىتىنى ئانچە مۇزاكىرە قىلماي ، ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ، ھەرخىل ئەسلىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ياخشى پىكىر تەلەپلەرنى باغداش تورىمىزغا ۋاكالىتەن بىر ۋەكىل چىقىرىپ ھۆكۈمەتكە ئىنكاس قىلساقمۇ ياخشى بولاتتى.
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدىمۇ ئازراق توختالغان ، بۇقېتىم يەنە ئازراق بىلجىرلاپ باقاي . كۈتۈپخانە زادى قانداق جاي ؟ كۈتۈپخانە ھەرخىل تۈر ، ھەرخىل مەزموندىكى كىتاپ-ماتىرىياللار توپلانغان بىر غەزىنە دىيىشكە بولىدۇ ، بىز كۈتۈپخانىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش ، خىزمەت ، تەتقىقات ئىشلىرىغا ئائىت ھەرخىل ماتىرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن شۇنداق بولغانكەن بىز بۇغەزىنىدىكى بايلىقنىڭ(مىللى تىل يېزىقتىكى ماتىرىياللارنىڭ سانى، تۈرى) مۇكەممەل چىقىشىغا پىكىر تەلەپ بەرسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن . غەزىنىنىڭ بايلىقى كۆپەيگەندىن كېيىن ئۇنى باشقۇرۇش ، ئىزدەپ-تېپىش بىر مۇھىم ، قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ ، ئەگەردە بىز بۇرۇنقىدەك يەنىلا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بۇئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمىز دىسەك مېنىڭچە بۇ سەل قىيىنغا توختايدۇ ، شۇڭلاشقا چوقۇم زامانىۋى يوقۇرى پەن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئاپتۇماتلاشقان كۈتۈپخانە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . ئەمدى كۈتۈپخانە دەپ كىتاپلارنى تىزىۋەتكەن بىلەن كىتاپلار بىر-بىرىنى كۆرمەيدۇ ، يەنە شۇ ئادەملەر كىرىپ كۆرىدۇ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشانغان ، مىيىپلار ھەم كىچىك بالىلارمۇ بار شۇڭلاشقا كۈتۈپخانىنىڭ كىرىش چىقىش ئېغىزى ، ئۆتۈشمە يوللىرى قاتارلىقلاردا چوقۇم قولايلىق يول تەسىس قىلىنىشى كىرەك . ئەمدى رايونىمىز كۆپ خىل تىل-يېزىق ئورتاق قوللىنىلدىغان رايون بولغاچقا كۈتۈپخانا دىگەندە ھەرخىل تىل يېزىقتىكى كىتاپ-ماتىرىياللار بولىدۇ بۇلار ئەلۋەتتە تىل ئايرىمىسى بويىچە ئايرىم تىزىلىشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا ئەمدى كۈتۈپخاننىڭ ھەربىر تىل رايونىنى شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا لاھىيەلەپ بېزىسە مىنىڭچە زامانىۋىلىق بىلەن مىللى خاسلىق بىرلىشىپ تىخىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر كۈتۈپخانە بولۇشى مۇمكىن. |
|