قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2303|ئىنكاس: 8

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبى كىم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2054
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 01:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتسىمۇ يەنىلا ئالدىمىزدا چوڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۈمكىن، مەن بۇ تەھلىلنى پەقەت سان- سىفىرلارنى تەھلىل قىلشى ئارقىلىقلا قاراشلىرىمنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇنى مۇكەممەل بولغان ئانالىز دېيىشكە بولمايدۇ، ھەمدە توپ دېگەن يۇمۇلاق نەرسە، كوماندىدا سەۋىيە جەھەتتە ئۆسۈش چېكىنىش بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇپ بېقىشقا بولىدۇ.


  تاش ئالمىنىڭ رەقىبى كىم؟


    2012- يىللىق جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا 14 ئۆلكە، 5 بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن 26 كوماندا قاتناشقان. شىمالىي رايۇندا 6 ئۆلكە، 3 شەھەردىن شىنجاڭ تاش ئالما، بېيجىڭ يىتوڭ (北京亿通酷车)، بېيجىڭ سەنگاۋ (北京三高)، بېيجىڭ ياشلار (北京青年)، چىڭخەي سېنكې (青海森科)، چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى (青海足球队)، خېبېي جوڭجى (河北中基)، خېبېي ياشلار (河北青年)، شەنشى لاۋچېڭگېن (陕西老城根)، شاڭخەي جوڭباڭ (上海中邦)، سەنشى جيايى (陕西بىلەن山西 نى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن山西 نى سەنشى دەپ ئالدىم)(山西嘉怡)، تىيەنجىن پاراۋۇز (天津火车头)، شەندوڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى (山东男足) قاتارلىق 13 كوماندا بار. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا بېيجىڭ شەھرى 3 كوماندا، چىڭخەي ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتناشتۇرغان، شەنشى ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتماشتۇرغان بولۇپ، بىر كوماندىسى شىمالدا بىر كوماندىسى جەنۇپتا ئوينايدۇ. شىمالدا ئويناشقا تېگىشلىك چىڭداۋ كوماندىسى مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇن كوماندىنىڭ تارقىتىۋىتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. جەنۇبىي رايۇندا 9 ئۆلكە، 2 شەھەردىن 13 كوماندا قاتناشتۇرلغان بولۇپ، شىنجىن شەھرى 2 كوماندا، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتناشتۇرغان، شەنشىنىڭ بىر كوماندىسى جەنۇپتا ئوينايدۇ. مۇسابىقە 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. شىمالىي رايۇندا 156 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، ھەر بىر كوماندا ئۆز مەيدانىدا 12 مەيدان، رەقىبىڭ مەيدانىدا 12 مەيدان جەمئىي 24 مەيداندىن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

   شىنجاڭ كوماندىسى 6 قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىدە 4 مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، 6 توپ ئۇرۇپ، 1 توپ كەتكۈزۈپ، بىر قېتىممۇ يېڭىلمەي، 14 نومۇر بىلەن شىمالدا 1- ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.
 كوماندا                                  كىرگۈزگەن توپ   نومۇر
شىنجاڭ-شەنشى                             0:1               ئۇتتۇق، 3 نومۇر
شىنجاڭ-چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى   0:1               ئۇتتۇق، 3 نومۇر
شىنجاڭ-سەنشى جيايى                    0:0               تەڭلەشتۇق، 1 نومۇر
شىنجاڭ-تيەنجىن پاراۋۇز                  0:0               تەڭلەشتۇق، 1 نومۇر
شىنجاڭ-خېبىي ياشلار                      0:2              ئۇتتۇق، 3 نومۇر
شىنجاڭ-بېيجىڭ سەنگاۋ                   1:2              ئۇتتۇق، 3 نومۇر

         بۇ ئەھۋاللارنى مەن دېمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىمىز، ئۇنداقتا بىر قېسىم تورداشلار ھەممەيلەن بىلىدىغان كونا گەپلەرنى بۇ يەرگە يېيىپ نېمە دېمەكچى سەن، دېيىشى تۇرغانلا گەپ. جەڭدە ئۆزىنىمۇ بىلىش، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دەيدىغان بىر گەپ بار. غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلىش، ئالدىدا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق- مۈشكىلاتلارنىمۇ بىلىش ۋە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى قىلىش ئاقىلانىلىق.
 ئۆزىمىزنى تەھلىل قىلساق: مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش، تاكتىكا، ئەزالىرىمىزنىڭ باشقا كوماندىدىكىلەردىن ئۈستۈنلىكى قاتارلىقلار بىر قەدەر ئۆزگۈرۈشچان ۋە مۇرەككەپ مەسىلە بولغاچقا بۇلار كىيىنگە قالدۇرۇلۇپ سان- سىفىرلارغا ئاساسەن پۇتبول كوماندىمىز ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

          5- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە 2 مەيدان ئۆز مەيداندا، 4 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا، 6 مەيدان ئويناپ، بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمىدۇق،  كەتكۈزۈپ قويغان توپىمىز پەقەت بىر توپ بولۇپ بۇ جەھەتتىمۇ 13 كوماندا ئارىسىدا 1- ئورۇندا تۇرىمىز. بۇ چوڭ غەلىبە ئەلۋەتتە. چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى 5 مەيدان ئويناپ 5 قېتىم ئۇتتۇرۇپ، 20 نومۇر كەتكۈزگەن بولۇپ، 0 نومۇر بىلەن ئارقىدىن 1- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئادەمنى خوشال قىلىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 11 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 9 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز، تەلىيىمىزگە 7-، 8- ئايلاردا ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ھۇرراچى ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا رەقىپلەرنىڭ مەيدانىدا بىزنىڭ مۇسابىقىمىز ئازراقكەن، ئاساسەن ئۆز مەيداندا بولىدىكەن. بۇمۇ بىزدىكى بىر ئۈستۈنلۈك.

ئەمدى رەقىپلىرىمىزگە قاراپ باقساق:
  (1) گەرچە 6 قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقە تۈگۈگەن بولسىمۇ، لىكىن 4- ئاينىڭ 21- كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرغان 1- ئايلانما مۇسابىقىدىكى 10 كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، خېبىي جوڭجى بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە تېخى ئېلىپ بېرىلمىدى، ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خېبىي جوڭجى پەقەت 5 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، بېيجىڭ ياشلار 4 مەيدان ئوينىدى. 2 مەيدىنى بار، بۇنىڭ بىر قېتىملىقى يۇقىرىدا دېگەندەك خېبىي جوڭجى بىلەن ئوينىلىدۇ، بېيجىڭ ياشلارنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مۇسابىقە تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قۇرۇق ئايلانما مەيدان(轮空). (شىمالدا 13 كوماندا بولغاچقا، ئىككىدىن جۈپلىسە بىرى ئېشىپ قالغاچقا، ھەر ئايلانمىدا بىر كوماندا قۇرۇق ئايلىنىدۇ،ھەر بىر كوماندا مۇسابىقە تۈگىگىچە 2 قېتىم قۇرۇق ئايلىنىدۇ. شىنجاڭمۇ 5- ئاينىڭ 30- كۈنى قۇرۇق ئايلىنىدۇ. بۇ كۈنكى مۇسابىقە ب دەرىجىلىك رەسمىي مۇسابىقە ئەمەس). گېپىمىزنى قىسقارتساق گەرچە بىز 14 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 1- ئورۇندا تۇرغان بىلەن ناۋادا خېبىي جوڭجى 5 مەيداننى تولۇق ئوينىغان بولسا يەنىلا بىز1- ئورۇندا تۇرىۋىرەرمىتۇق؟ تەھلىل قىلىپ باقايلى: بىز 6 مەيداندا 14 نومۇر ئالدۇق، خېبىي جوڭجى 5 مەيداندا 13 نومۇر ئالدى، ئەگەر خېبىي جوڭجى كوماندىسى بىيجىڭ ياشلار بىلەن مۇسابىقىنى قالدۇرماي ئوينىغان بولسا دەيلى، تەڭلەشسە 1 نومۇر ئېلىپ نومۇرى 14 بولاتتى، ئۇتسا 3 نومۇر ئېلىپ 16 نومۇر بولاتتى، ئۇتتۇرسا 0 نومۇر ئېلىپ ھاززىرقى 13 نومۇرنى ساقلاپ قالاتتى. لىكىن 5 مەيداندا 4 ئۇتۇپ 1 تەڭلىشىپ بىر قېتىممۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، 11 توپ ئۇرۇپ، 2 كەتكۈزۈپ،  2- ئورۇندا تۇرىۋاتقان خېبىي جوڭجى كوماندىسىنىڭ بېيجىڭ ياشلارنى ئۇتىۋىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، تەڭلىشىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئەگەر خېبىي جوڭجىنىڭ مۇسابىقىسى ۋاقتىدا ئوينالغان بولسا بىز يەنە 1- ئورۇندا تۇرالارمىتۇق، كىيىن تولۇقلاپ ئوينالغاندا ئەھۋال قانداق بولار؟

 (2)بىز نومۇر جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرغان بىلەن كىرگۈزگەن توپىمىزغا قاراپ باقساق، 6 توپ كىرگۈزۈپتۇق، بۇمۇ يامان ئەمەس نەتىجە، لىكىن، بىزنىڭ ئارقىمىزدىن قوغلۇشۇپ كېلىۋاتقان 3 رەقىبىمىز خېبىي جوڭجى 5 مەيدان ئويناپ 11توپ ئۇرۇپ 2 كەتكۈزۈپ، بېيجىڭ يىتوڭ كۇچې 6 مەيدان ئويناپ 12 توپ ئۇرۇپ، 4 كەتكۈزۈپ، چىڭخەي سېنكې 5 مەيدان ئويناپ 12 توپ ئۇرۇپ، 5 كەتكۈزۈپ ھەممىسى13 نومۇر بىلەن بىزگە خىرىس قىلىپ كەلمەكتە. ساپ توپ كىرگۈزۈش (كىرگۈزگەن توپىدىن كەتكۈزۈپ قويغان توپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى نەتىجە) جەھەتتە خېبىي جوڭجى ( 5مەيدان ئويناپ) 9 توپ بىلەن 1- ئورۇندا، بېيجىڭ يىتوڭ كۇچې 8 نەتىجە بىلەن 2- ئورۇندا،  چىڭخەي سېنكې 7 توپ بىلەن 3- ئورۇندا، شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ياشلار 5 توپ بىلەن 4- ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ تۈردە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندا بىلەن 4 توپ پەرقىمىز بار. گەرچە ئۇرغان توپقا نومۇر بەرمىسىمۇ، پەقەت ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرى تەڭلىشىپ قالسا، ئۇرغان توپىغا قاراپ دەرىجىگە تىزسىمۇ، كوماندىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئاجقىزلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.

دېمەك شىمالىي رايۇندا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولىشى مۈمكىن.
   (3) تيەنجىن كوماندىسى 35 مىڭ كىشىلىك ئالۋاستى مەيدانىمىزدا تەڭلىشىۋالدى، بىيجىڭ سەنگاۋ 45 مىڭ كىشىلىك ئالۋاستى مەيدانىمىزدا 1 توپ ئۇرۇۋالدى ۋە ئۇرغاندىمۇ بىزدىن بۇرۇن ئۇرۇۋالدى، 5 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىكتەك شەرەپلىك تارىخىمىزغا خاتىمە بەردى. 2 رەقىبىمىزنىڭ پىسىخىك بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى خېلى يامان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. يەنە ئالدىمىزدا رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايدىغان 9 مەيدان مۇسابىقە بار. رەقىپلىرىمىزنىڭ كۆزى ئېچىلىپ بىزگە ئوخشاشراق (بىزدەك مەيدان تەشكىللىيەلىشى مۈمكىن ئەمەس) ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەپ قالسا، كوماندىمىزنىڭ روھى جەھەتتىكى تەييارلىقى قانداقراق، بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ بۇمۇ ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.

   (4) ئەمدى ئۇتقان،تەڭلەشكەن  كوماندىلىرىمىزغا قاراپ باقايلى.
چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى. بۇ كوماندا 5 مەيدان ئويناپ 5 مەيدان ئۇتتۇرۇپ،  1 توپ ئۇرۇپ،20  توپ كەتكۈزۈپ، 0 نومۇر بىلەن ئاخىرىدا تۇرىۋاتقان كوماندا. مۇشۇنداق ئاجىز كوماندىنى  بىز پەرقەت 0گە قارشى 1 نەتىجقە بىلەن ئۇتتۇق. خېبىي جوڭجى بۇ كوماندىنى 1گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۇتقان.
خېبىي ياشلار. بۇ كوماندا 4 مەيدان ئويناپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ،  2مەيدان ئۇتتۇرۇپ،  5 توپ ئۇرۇپ،8 توپ كەتكۈزۈپ، 4 نومۇر بىلەن ئاخىرىدىن 5- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. مۇشۇنداق بىر قەدەر ئاجىز كوماندىنى  بىز   0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇق. بۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئۇتۇش بولدى.
بىيجىڭ سەنگاۋ. بۇ كوماندا 5 مەيدان ئويناپ 2 مەيدان ئۇتۇپ  2 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 7 توپ ئۇرۇپ،8 توپ كەتكۈزۈپ، 7 نومۇر بىلەن 8- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندىنى  بىز 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇق.
تيەنجىن پاراۋۇز. بۇ كوماندا  4مەيدان ئويناپ 0 مەيدان ئۇتۇپ،  3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 2 توپ ئۇرۇپ،7 توپ كەتكۈزۈپ، 1 نومۇر بىلەن 11- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندا بىلەن بىز 0گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىمىزدا تەڭلەشتۇق.
سەنشى جيايى. بۇ كوماندا   5مەيدان ئويناپ 0 مەيدان ئۇتۇپ،  4 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 2 توپ ئۇرۇپ،13 توپ كەتكۈزۈپ، 1 نومۇر بىلەن 12- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندا بىلەن بىز 0گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتۇق.
تەڭلەشكەن كوماندىلار نۇقتىسىدىن ئېيتساق بۇلار 11-،12- ئورۇندىكى ئاجىز كوماندىلار، ئۇتقانلىرىمىزدىن بىرى 13- ئورۇندىكى كوماندا، ئىككىسى 5-، 8-،10- ئورۇندىكى كوماندىلار. ئۇتقان تەڭلەشكەنلىرىمىزنىڭ 4ى 13 كوماندا ئىچىدە 10-،11-،12-،13- ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ ئاجىز كوماندا. بىرى ئوتتۇرىھال، بىرى 5نىڭ ئىچگە كىرگەن كوماندا. بىز پەقەت ب دەرىجىلىكلەر ئىچىدىكى ئاجىزلارنى ئۇتتۇق.
  بۇنىڭدى شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، بىز تېخى ھەقىقىي رەقىپكى دۇچ كەلمىدۇق.بىز ئەمدى تېخى پىچكىلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق،  ھەقىقىي رەقىپلىرىمىز بىزنى ھەم قىزىقىش، ھەم ھودۇقۇش-تەمتىرەش، ھەم ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.
 بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز بىرىنچىسى: خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولۇپ خەتەرلىكى خېنەن جوڭجى كوماندىسى. ئىككىنچىسى: ئۆزىمىز. ئاجىز كوماندىلار بىلەن ئويناپ ئۇتۇپ، تەڭلىشىپ  ھەقىقىي رەقىپكە دۇچ كەلمەي، يىتەرسىزلىكىمىزنى كۆرمەي، بىز 1- ئورۇندا دەپ مەغرۇرلىنىپ يۈرسەك ئېنىقكى ......
  يەنە 18 مەيدان مۇسابىقىمىز بار، 1- ئورۇننى ساقلاپ قالالامدۇق، قاچانغىچە ساقلاپ قالالايمىز، تاش ئالمىنى ئاللە نىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم. قاملاشمىغان تەھلىلىم بىلەن تورداشلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويغان بولسام  كەچۈرەرسىلە.

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2054
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 13:20:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 11 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 9 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز، دېگەننى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 10 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 8 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز، دەپ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز بىرىنچىسى: خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولۇپ خەتەرلىكى خېنەن جوڭجى كوماندىسى بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز بىرىنچىسى: خېبىي جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولۇپ خەتەرلىكى خېبىي جوڭجى كوماندىسى دەپ تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

25

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7363
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 15
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 13:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىلىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم.شۇنى ھېس قىلدىمكى،بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز ئەڭ چوڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرىدىغان پىسخىك ساپا شۇنىڭدەك مۇكەممەل ماھارەتنى يىتىلدۈرۈپ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەككەن. توغرا، ئۆزىنىمۇ ،ئۆزگىنىمۇ بىلگەندىلا رەقىبىنى يەڭگىلى بولىدۇ.بىراق تىرىشقانلاردىن ،ئىزدەنگەنلەردىن ئامەت قاچقان ئەمەس. ئەزىمەتلىرىمىز ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،كەمتەرلىك ھەم چىدام-غەيرەت بىلەن ئۆز ماھارىتى ،كەسپىي سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى نامايەندە قىلسۇن! شۇ چاغدا مەيلى ئۇلار ئۇتسۇن ياكى ئۇتتۇرسۇن بىز ئۇلاردىن يەنىلا ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز! ئىشىنىمىزكى،بۇ قېتىملىق مۇسابىقە شىنجاڭ پۇتپۇلچىلىقىدىكى ،جۈملىدىن ،ئۇيغۇر پۇتپۇلچىلىقىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ياخشى باشلىنىش بولۇپ قالغۇسى!

the wolf , he used to be

1

تېما

0

دوست

1195

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7807
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 212
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 13:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ب دەرىجىلىك كۇلۇبلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كوماندىلار ئارىسىدا باشقا رەقىبلەرنى ئۈزۈپ چىققۇدەك كۈچلۈك كوماندا تېخى يوق ؛ 2. مۇسابىقە پەسلىنىڭ تېخى تۆتتىن بىرى ئاياغلىشىپ بولالمىغان ۋاقىتتا ، مەلۇم كوماندىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياكى كەمچىلىكىنى تولۇق بايقىۋېلىش بەك تەس ؛3. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئاتلىنىشتىكى ، ھۇجۇمدىن مۇداپىئەگە ئۆتۈشتىكى ئالمىشىش سۈرئىتى ئازراق تۆۋەن ؛4. نومۇر جەھەتتە ئاخىرقى تۆتكە تىزىلغان كوماندىلار بەلكىم ئاجىز كوماندىلار بولماسلىقى مۇمكىن ، بولۇپمۇ تيەنجىن كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەدىكى تاكتىكا ئالاھىدىلىكى ناھايىتى رۇشەن ؛5. بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىر كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچى مۇداپىئە كۈچىگە قارىتا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ ، شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىلاردا ئىپادىلىگەن ھۇجۇم كۈچى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ؛6. شىنجاڭ كوماندىسى غوللۇق ئەزالىرى بىلەن زاپاس ياكى ئالماش ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا سەۋىيە پەرقى يوق دېيەرلىك ، بۇ جەھەتتە شىنجاڭ كوماندىسى پۈتۈن پەسىلدىكى نەتىجە مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئۈستۈنلىككە ئىگە . 

0

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1149
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2337
تۆھپە : 1873
توردىكى ۋاقتى: 485
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 00:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ خىلدىكى تېمىلارنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قەلەم تۇتۇپ يازمىسا،ئىشان ئاكىمىزنىڭ مۇرتلىرىدىن ئىككىسى چىقىپ ئۈستى بېشىڭىزغا تازا كەلتۈرۈپ غاجاقچى، كۆرۈلمەسنىڭ تونىنى پىچىپ بېرىدۇ....
توپچىلىرىمىز مېنىڭچە يەنە بىر ئىككى مەيدان ساھىبخان ئوينىسا ئاندىن مەيداندىكى بېسىمغا تەلتۆكۈس كۆنۈپ كېتىدۇ دەپ قارايمەن،،،ئاخىرىغىچە ئۇتۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن،،،،
سامانلىقنىڭ ئاچقۇچى تېگىپ قالسا،كۆرەڭلىگەن ئىتلار!

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق

13

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5015
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1981
تۆھپە : 2054
توردىكى ۋاقتى: 878
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 16:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى تارخاندە2012-05-25 00:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
موشۇ خىلدىكى تېمىلارنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قەلەم تۇتۇپ يازمىسا،ئىشان ئاكىمىزنىڭ مۇرتلىرىدىن ئىككىسى چىقىپ ئۈستى بېشىڭىزغا تازا كەلتۈرۈپ غاجاقچى، كۆرۈلمەسنىڭ تونىنى پىچىپ بېرىدۇ....
توپچىلىرىمىز مېنىڭچە يەنە بىر ئىككى مەيدان ساھىبخان ئوينىسا ئاندىن مەيداندىكى بېسىمغا تەلتۆكۈس كۆنۈپ كېتىدۇ دەپ قارايمەن،،،ئاخىرىغىچە ئۇتۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن،،،،  

قۇياشنى ئېتەكتە ياپقىلى بولمايدۇ، بىز تېخى جانلىق دۈشمەنلەرگە دۇچ كەلمىدۇق، 10-،11-،12-،13- رەتتە كېتىۋاتقان كوماندىلار بىلەن تەڭلىشىپ ۋە ئۇتقانلىقىمىزنى ھەرقانچە قىلسىمۇ چۈشەندۈرۈش تەس، كەسپىي پۇتبول بىكەتلىرىگىمۇ يوللىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش، قارىشىمنى ئېتىراپ قىلدى.
a=b
b=c
شۇڭا:
a=cنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ.

6

تېما

4

دوست

8615

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 19:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://sports.survey.sohu.com/poll/result.php?poll_id=60772
بۇ يەرگە كىرىپ بېلەت تاشلاڭلار!

6

تېما

4

دوست

8615

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   72.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1475
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 19:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
用户分析نى چېكىپ بولۇپ ئاستىغا  سېرىپ چۈشۈرۈپ  我要投票  دېگەننى چەكساڭلار  ئىككىنچى بەتكە كىرىسىلەر ،ئۇ يەردىن 新疆海棠  غا بەلگە ئۇرۇپ بېلەت تاشلىساڭلار  بولىدىكەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )