ئاللاھنى تونۇشنىڭ ۋاستىلىرى
[align=justify] ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئىنتايىن كۆپ.ئەمما ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىككىگەقىسكارتىپ چۈشەندۈرۈش مۈمكىن؛ بىرى،ئەقىل بىلەن ئىلىم، يەنە بىرى،ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىبارەت.ئىنساندىكى ئورگانلارنىڭ ھېچبىرى بىكارغا يارىتىلغان ئەمەس .ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئەقىلنى ئالايلۇق؛ ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى -تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.ئەگەرئىنسان ئەقلىنى ئىشلىتىپ ،ئەتراپتىكى شەيئىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ ،ئىزدەنمەيدىكەن ،ئۇ ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسىنى جارىقىلدۇرمىغان،ھەتتا بارا -بارا ئەقىلنىڭ رولىنى يوقاتقان بولىدۇ .ئىسلام دىنى ئەقلىي بىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دىن بولۇپ ،ئۇنىڭ دەۋىتى پەقەت ئەقىللارغا خىتاپ قىلىدۇ .كىشىلەرنى پىكىر يۇرگۈزۈپ ئىزدىنىشكە چاقىرىدۇ .ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارغۇلارچە ئېتىقات قىلىشىنى قەتئى رەت قىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىپ ئويلاپ ،پىكىر يۈرگۈزۈپ ،ياخشى چۈشۈنىپ،ئاندىن ئىسلام دىنىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا،قۇرئان كەرىمدە ،ئاللاھنىڭ ئاسمان، زىمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى گۈزەل سەنئەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ ،پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى دەپ قارىغانلىقتىن ،ئۇنىڭغا ئىنتايىن كۆپ ساۋاپلىق بېرىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىنغان. ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛ [ئېيتقىنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۈزۈتىڭلار] .بۇ ئايەتتىكى كۈزۈتىشتىن مەخسەت،ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى ئاجايىپ قۇدرەتلىرى ۋە كامالىغا يەتكەن سەنئەتلىرى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇشتۇر. ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛ [ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۇر قىلسۇن دەپ ،قۇلاق ،كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى ]ئاللاھ كائىناتتىكى ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىن ئىبرەت ئالمىغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛[ ئۇلار زىمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار { يەنى سەير قىلىپ} چۈشۈنىدىغان دىللارغا ،ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەر كور بولمايدۇ. لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلىپلەر كوردۇر] ئاللاھ ئىنساندىكى قۇلاق،كۆز ۋە يۈرەك قاتارلىق ئورگانلارنىڭ بىكارغا يارىتىلمىغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ؛ [ قۇلاق، كۆز، دىل {يەنى سەزگۈ ئەزالىرى} نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە سۇئال -سوراق قىلىنىدۇ] دىمەك: قۇلاق ،كۆز، قەلپ قاتارلىق سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئىنسان ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمەتلىرى كۆپ ۋە بۇ ئەزالار نىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولغانلىقتىن ، ئاللاھ بۇ ئەزالارنى قۇرئاندا بىر قانچە يەردە تەكرار بايان قىلغان . چۈنكى ئىنسان قۇلۇقى بىلەن ئاللاھنىڭ كالامىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئاڭلايدۇ . كۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى گۈزەل سەنئەتلىرىنى ،ئۇنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىگىنى نامايەن قىلىدىغان تۈرلۈك ئالامەتلەرنى كۆرىدۇ. قەلبى بىلەن ،كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىپ، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدۇ. يوقۇرقى ئۈچ ئەزانى ئىشلىتىش پەقەت ئەقىلنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. ئەقىل ئۆز يولىدا ئىشلىتىلگەندىلا ،يوقۇرىقى ئۈچ ئەزامۇ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلالايدۇ .
[align=justify] مەنبەسى:{ دىن ۋە ھايات} |