بۇرۇتلۇق قىزلارغا قاراپ سالماڭ !
[align=justify][align=justify]ھەي مۇشۇ تېمىدا ئەسلى پەقەتلا يازماي دېگەن ئىدىم،
بىراق بۈگۈن ناھايتى يىراق بىر يەردىن شەھەرگە كېلىش يېنىدا ، ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدىم.
ئەتراپتىكى گۈزەل تەبىئەتتىن ھۇزۇرلانغاچ ، يىراقتىكى ئېتىزلىقلاردىن نەزىرىمنى تەسادىپى بۇ قىزغا يۆتكەپ ، ئۇزۇندىن بېرى «ياز-ياز، يازە» دەپ كېلىۋاتقان بۇ تېما يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
قىزلارغا قاراش ياخشى ئىش ئەمەس، بىراق بەزىدە قارىلىپ كېتىدۇ دە.... شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ...
بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ قىز بۇ يىل ئۇنىۋېرسىتتقا ئوقۇشقا كەلگەن ئىكەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ يىگىتلەرگە ئوخشاش خەت تارتقان بۇرۇتىغا قاراپ، كۆڭلۈمدە داڭ قېتىپ قالدىم.
ئىككى ئاي بۇرۇن كەنىتكە خىزمەتكە بېرىپ، شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر ئاقىزنىڭ يۈزىگە قاراپ، ناھايتى يۇمران، قۇيۇق ئۆسكەن بۇرۇتلىرىغا قاراپ ھەيران قالغان ئىدىم.
شۇ چاغدا تېخى مەن ئۇنىڭغا « بۇرۇتىڭىزنى چۈشۈرۋەتسىڭىز بولغۇدەك» دەپ چاقچاقمۇ قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
كېيىن يەنە بىر تەسادىپى پۇرسەتتە خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى بىر قىزنىڭمۇ شۇنداق يۇمران بۇرۇتلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۈرۈپ، تەسادىپى كاللامغا ھازىرقى زامان ياش قىزلىرىدىكى بۇرۇت مەسلىسى ھەققىدە بىر نەرسە يېزىپ باقسام قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن جىن تەككەندەكلا بىر ئىش بولدى، قىزلار بىلەن پاراڭلاشقان ھامان ئۇنىڭ بۇرۇتىغا قارايدىغان بۇلۇپ قالدىم- توۋا.....
مەلۇم بىر ئىش بىلەن شەھەرگە كىرىپ، بىر ئاغىينەمنىڭ كومپىيوتېر دۇكىنىغا كىرسەم، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر قىز بار ئىكەن. مەن ئۇ قىزنىڭ تېخىمۇ قۇيۇق، قارا، يۇمران بۇرۇتىغا قاراپ ، جەمئىيەتتىكى بىر ئىجتىمائى ھادىسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
شۇنىڭ بىلەن بۇرۇت بىلەن تۈك بىر گەپمىدۇ؟ بۇرۇتقا قانداق تەبىر باردۇ؟ دەپ لۇغەتكە قارىسام، بۇرۇت ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات يوقكەن.
قىزلار ھەققىدە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدە « 闺女» دېگەن خەت بار ئىكەن. قىز دېگەن خەتنىڭ ئالدىدىكى 闺 دېگەن خەت قىز ھۇجرىسى دېگەنلىك بولىدىكەن، دېمەك، قىزلار قەدىمدىن تارتىپ خاس ئىچكى ھۇجرىدەك ئۆيلەردە خالى ساقلىنىدۇ ياكى ياشايدۇ دېگەن مەنا بولسا كېرەك. خەنزۇچە خەتنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ئەتراپى قورشالغان سىزىقلاردىن تۈزۈلگەن خەت بۇلۇپ، قىزلارنىڭ پىنھان، ئۆزلۈك ۋە لاتاپەتلىك بولۇشىدىن بىشارەت بەرسە كېرەك.
ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، بۇرۇتلۇق ئاياللارنى ناھايتى ئاز كۆرەتتۇق ياكى كۆرمەيتتۇق.
قىزلىرىمىزمۇ كىچىكىدىن باشلاپ ئىشچانلىق ۋە پاكىزلىق، ئىپپەتلىكتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئىچىدە چوڭ بولاتتى.
ئۆتكەن يىلى توردا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، كېيىن بۇ قىز ماڭا يازغان ئۇچۇردا «مەن ئوغۇل دوستلىرىمنىڭ قېشىغا ماڭدىم» دەپ خەت يېزىۋېىدى تاسلا قالدىم بىر چېلەك قۇسۇۋەتكىلى... ھەي توۋا، بىز ئۇيغۇرلاردا نەدىمۇ قىز-ئوغۇللار دوستلىشىدىغان ئىش باركىن ھە....
ھازىر بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئادەتتىكى ئىش بۇلۇپ قالغاندەك تۇرۇدۇ...
بۈگۈنكى بالىلار ئۆزى يەيدىغان نەرسىلەرنى تېپىپ يېيىشنى نېمىشقا بىلمەيدىكىن ...توۋا...
ھازىر ئىقتىسادى شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ يەيدىغان ، ئىچىدىغان نەرسىلىرى كۆپەيدى، خۇددى قىيامەتتىكى يەجۇجى مەجۇجىلەردەك بالىلار ھازىر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكان دەپ نامى بار نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق نەرسىنى يەپلا ماڭىدۇ....
بازار باشقۇرۇش خادىملىرىمۇ توسۇپ ھېرىپ قالدىمىكىن تاڭ، بىرەر ۋەقە سادىر بولمىغاندىكىن دەپ، ئۆز مەيلىگە قۇيۇۋەتكەن ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ تولىلىقىدىن ئەقىلىڭىز ھەيران قالىدۇ...
ھېلىمۇ ياخشى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئىشتىھاسىغا بېقىپ، ئانىلىرى ئۇلارنى ئاشقازانلىرىنى ناھايتى چىداملىق تۇغقان ئىكەن. ھازىرقى بالىلار باشقا نېمىدىن خوش بولمىسىمۇ، مېنىڭچە چوقۇم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بىمالال ھەزىم قىلالايدىغان ئاشقازىنىدىن خوش بولسا ۋە پەخىرلەنسە بولىدۇ.
شۇنچە جىق سىڭىلچاقلىرىمىزغا بۇرۇت بىكاردىن بىكار چىقىپ قالمىدىمىكىن، بۇنىڭ سەۋەبى شۇ يېمەك ئىچمەكتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ھازىرقى تېز سۈرئەتتە چوڭايتىلغان توخۇدىن باشقا، بالىلار ناھايتى ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرۇلغان نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ساتقۇچىمۇ بىلمەسلىكى مۈمكىن.
تېخى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىر سۈپەت تەكشۈرگۈچى قاقشاپ، شەھەرنىڭ بىر كوچىسىنى تەكشۈرسەك، %80 ناۋايخانا لاياقەتسىز چىقتى دېۋىدى، ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىدىم.
- بۇ ناۋاي ھارامزادىلەر، يۇد قۇشۇلغان تۇز ئىشلەتمەي، سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇز ئىشلىتىپتۇ - دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاش تاماققا ئىشلىتىدىغان تۇز بىلەن سانائەتكە ئىشلىتىدىغان تۇزنىڭ خالتىسىدا 30 يۈەن پەرق بار ئىكەن. 30 يىۋەن پۇلنى دەپ ، بىزلەرگە گىردە، ئاقنانلارنى سانائەت تۇزىدا يۇغۇرۇپ يىگۈزگەن بۇ تۇزكۇرلارغا نېمە دېگۈلۈك...
يەنە شۇ بۇرۇتقا مۇناسىۋەتلىك گەپكە كەلسەك، قىزلىرىمىزنىڭ يۇمران بۇرۇتلىرى بىلەن يىگىتلەردەك قەيسەر ئىرادىلىك بۇلۇپ كەتكىنىغۇ ياخشى ئىش، بىراق ئىرادىدىن ئەسەر يوق، بىر چىرايلىق چىرايىغا مۇددەتتىن بۇرۇن ھورمۇنى ئېشىپ كېتىپ، بۇرۇت چىقىرىپ يۈرسە بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى!
يەنە تەگىسەك شۇ گەپكى، بۇرۇتلۇق قىزلىرىمىز ۋە بۇرۇتسىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى - سىز ۋە بىزنى ئۆزىمىزدىن كىچىكلەرنىڭ يەۋاتقان نەرسىلىرىگە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر قىزىل چىراق بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس....
ئاخىرىدا تەۋسىيەم، ھەرگىز قىزلارنىڭ بۇرۇتىغا قاراپ سالماڭ....
[align=justify]2012-يىلى 24-ماي |