قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1990|ئىنكاس: 2

ئەپەندىمنىڭ كونا ۋەھشى يۇمۇرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 03:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەپەندىمنىڭ بىر سازەندە ئاغىنىسى ئەل - ئاغىنىلەر يىغىلغان بىر سورۇندا، دۇتارنى تىرىڭ - تىرىڭلا قىلىدىكەن، توختاپ دۇتارنىڭ قولىقىغا تۈكۈرىدىكەن، يەنە ئىككىلا پەدە چالىدىكەن، توختاپ دۇتارنىڭ قۇلىقىغا تۈكۈرىدىكەن. ئەپەندىم بۇنىڭغا ئىچى پۈشۈپ ئولتۇرسا، ھېلىقى ئاغىنىسى يېنىدا ئولتۇرغان ئەپەندىمگە
: - ئاداش، قۇلاققا تۈكۈرۈپ قويۇڭلار، - دەپتۇ. ئەپەندىم بولىدۇ، دەپتۇ - دە، ئاغىنىسىنىڭ قۇلىقىغا بىرنى تۈكۈرۈپتۇ.
ئەپەندىمنىڭ سازەندى ئاغىنىسى دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: - ئەپەندىم، مەن سىزنى قۇلىقىمغا تۈكۈرۈڭ، دېمىدىم، دۇتارنىڭ قۇلىقىغا تۈكۈرۈڭ! دېدىم، - دەپتۇ.
- خاپا بولماڭلار ئاداش، - دەپتۇ ئەپەندىم ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتتە، - مەن تېخى سىلەرنى قۇلىقىمغا تۈكۈرۈپ قويۇڭلار دەۋاتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن، دەپتۇ.
ئەپەندىم ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان مەسچىتكە يېپيېڭى گىلەم سېلىنغانىكەن، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر قىمارۋاز ئۆيدىكى پۇل - پۈچەك ۋە مال - مۈلكىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەپتارتماستىن مەسچىتتىكى گىلەملەرنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپتۇ. ئەپەندىم بۇ ئىشنى ئۇقۇپ بىر كۈنى ئەتىگەن جامائەتنى باشلاپ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قورۇسىغا بېرىپتۇ. بۇ جامائەتنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن قىمارۋاز ئەپەندىمدىن:
 - ئىمام ئاخۇنۇم، بامدات نامازنى مەسچىتتە ئوقۇماي بۇ يەرگە كىرگەنلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىپ قالدىلىمۇ، نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ. - يوقسۇ، - دەپتۇ ئەپەندىم قىمارۋازغا چۈشەندۈرۈپ:
 - تۈنۈگۈن قورۇيىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇيىڭىزغا قارىسام، ساپلا مەسچىتنىڭ گىلەملىرى سېلىقلىق تۇرىدۇ، شۇنىڭغا
قاراپ مەسچىت سىزنىڭ قورۇيىڭىزغا يۆتكىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. قىمارۋاز بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ
ئەپەندىمنىڭ ئايالى كاسسىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق ئىككى ئۆرۈمە چېچىنى ئەپەندىمگە دېمەي ساتىراشخانىدا كەستۈرۈۋېتىپ چېچىنى بۈدۈرەت قىلدۇرۇپ قايتىپ كېلىۋاتسا ئەپەندىم ئۇچراپ قاپتۇ. ئەپەندىم قېرىغىنىنى تۇيماي چېچىنى بۈدۈرە قىلىۋالغان خوتۇنىنى كۆرگەن بولسىمۇ تونۇمىغانغا سېلىپ كېتىۋېرىپتىكەن، ئايالى:
- ھوي ئەپەندىم، كۆزلىرىنى يۇمۇپلا ماڭماي، ئىككى يانغا قاراپ ماڭسىلا! يېنىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بولىدۇ، - دەپ ئەپەندىمگە خاپا بولۇپتۇ.
- شۇنداقمۇ خوتۇن، - دەپتۇ ئەپەندىم خوتۇنىغا قاراپ قويۇپ، - سىلەر مېنىڭ خوتۇنۇم بولامسىلەر؟ مەن تېخى ئەركىشىمىكىن دەپ قاپتىمەن.

5

تېما

0

دوست

6218

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   24.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3420
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1275
تۆھپە : 1036
توردىكى ۋاقتى: 863
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-3 10:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار ئۆچىرەيلى يوقارقى ئىنكاسنى بۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەر بولغاندىكىن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )