- تىزىملاتقان
- 2012-6-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-6-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
1.67%
|
بۇ بەكلا ياخشى خەۋەركەن،كۆرۈپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم.ئەمدىكى گەپ بۇ تائام مەدەنىيىتىمىزنى قانداق قىلىپ،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈش
بولۇپ قالىدۇ،مەن يېقىندا،لەنجۇدا شىنجياڭلىق تۇنگانلارنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرى ئاشخانىلىرىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق نامدىكى
ئاشخانىلار كۆپىيىپ قاپتۇ،يەرلىك تۇنگانلارنىڭ ئاشخانىلىرىدىن ئۇلار ئاچقان ئاشخانىلار مانا مەن دەپلا پەرقلىق بولۇپ قاپتۇ.خېرىدارلىرىمۇ بارغانسىـ
رى كۆپىيىۋېتىپتۇ.بۇنى كۆرۈپ بىراز ئويلىنىپ قالدىم.ياخشىسى بىزنىڭ ئادەملىرىمىز مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئارقىلىق،ئۆزىمىزنىڭ مىللى تېز تاماقخانىلى
رىنى ئىچكىرىدىكى ھەربىر شەھەردە زەنجىرسىمان ھاللەتتە قۇرغان بولسا،كۆپلىگەن ئىش ئورۇنلىرىنى ياراتقان بولار ئىكەن.يەنە بىر جەھەتتىن،خەلقىمىز
ئەزەلدىن قىيىن كۈنلەردىمۇ ھۈنەرگە تايىنىپ ياشاپ كەلگەنىدى.بۇندىن كېيىنمۇ بىزگە نىسبەتەن ھۆنەر يەنىلا ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى كۆرسىتىدىغاندەك
قىلىدۇ.مېنىڭچە،ھازىر ئىچكىردە،غەرىبىي شىمالدا،گۆش مەھسۇلاتلىرى بىرقەدەر كەڭرى ھەم ئىشەنچىلىك،شۇڭا تېز تاماقخانا خوجايىنلىرىنىڭ غەرىبىي
شىمالغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ باقسۇنمىكىن دىمەكچىمەن،چۇنكى ھازىر دۆلەت ئىچىدە ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يىمەك -ئىچمەك بولۇپ قاپتۇ،
بىزدە ھالال -ھارام چۈشەنچىسى بەكلا روشەن،ئەلۋەتتە،بىز بۇ ئۈستۈنلىكىمىزدىن بالدۇرراراق پايدىلانساق بولاتتى.بولمىسا تائاملىرىمىز يەنە باشـ-
قىلارنىڭ بولۇپ كەتمىسۇن. |
|