قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2121|ئىنكاس: 6

تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ چالا قالغان كۈندىلىك خاتىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

0

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1273
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 275
تۆھپە : 149
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 15:58:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ چالا قالغان
 كۈندىلىك خاتىرىسى

(تۇغۇلماي تۇرۇپلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان جىيەنىمگە بېغىشلايمەن!!!)
[align=justify]
   5- ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن پەيدا بولدۇم، يوق ئىدىم، ئەمدى بار بولدۇم، بەك ياخشى ئىش بولدى!مېنىڭ پەيدا بولغىنىمنى دادام-ئانام تېخى بىلمەيدۇ.بىر ئالمىنىڭ ئۇرۇقىدىنمۇ كىچىكمەن، شۇنداقتىمۇ ئىشقىلىپ مەن مەۋجۇتمەن. بەدەنلىرىم تېخى روشەن يارىتىلمىدى، يۈزۈممۇ تېخى يوق، ئەمما مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مېنىڭمۇ بىر تىرىك جان ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ بىر قىز بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمەن، چىچەكلەرنى سۆيىمەن، چىچەك كەبى بىر قىز بولىمەن.
    19-ئۆكتەبىر: بىر ئاز چوڭ بولدۇم، ئەمما مىدىرلىشىم مۇمكىن ئەمەس، ئانام تېخىچە بىلمىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئۇنىڭ قېنى بىلەن چوڭ بولىۋاتىمەن. ئۇنىڭ يۈرىكىدىن كەلگەن ئىسسىق قان ماڭا ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ يۈرەكنىڭ مېنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئانام مېنى كۆرسە چوقۇم خۇش بولىدۇ.
    23- ئۆكتەبىر: مەن كۆرەلمەيدىغان بىر غايىۋانە قول مېنىڭ ئېغىزىمنى يارىتىۋاتىدۇ، لەۋلىرىمنى، تاماقلىرىمنى.... ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئېغىزىمدىن تەبەسسۇملار تۆكۈلىدۇ، ھەر خىل سۆزلەر تۆكۈلىدۇ، ئەڭ ئاۋال " ئانا!" دەيمەن. ئانا!! گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ بۇ ئېغىزلىرىمدا  ئانامنىڭ كۆكسىدىن چىققان سۈتنى ئىمىمەن، يەنە ناننىڭ كىچىك ئۇۋاقلىرىنى يەيمەن. شۇنداقمۇ ئانا؟ ھەي تېزراق گەپ قىلالىسامتىم!؟!؟
    27- ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن بەك خۇشال،  تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن، ھازىر بىر يۈرىكىممۇ بار بولدى، سوقۇشقا باشلىدى. ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق گۈپۈلدەپ سوقىدۇ. بۇ يۈرىكىمنى سۆيگۈ ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىمەن. خۇددى ئانامنىڭ يۈرىكىگە ئوخشاش. ئانام بەدىنىدە ھازىر ئىككى يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلسە قانچە خۇش بوپ كېتەر-ھە ؟!   
    2-نويابىر: ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن چوڭ بولىۋاتىمەن. قول-پۇتلىرىممۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى. قوللىرىم يەنە ئازىراق چوڭ بولسۇنچۇ قېنى، سېنى قانداق قۇچاقلايدىكەنمەن ئانا، شۇ پۇتلىرىممۇ بىر تولۇق چىقسۇنچۇ، سەن بىلەن ھويلىمىزدا قوغلىشىپ ئوينايمەن .
    12- نويابىر: ۋاھ!! نېمىدىگەن پەيزى، بارماقلىرىممۇ چىقىشقا باشلىدى، بۇ بارماقلىرىم بىلەن ئەڭ گۈزەل گۈللەرنى ئۈزىمەن، ئانامنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدايمەن، قەلەم تۇتىمەن، تېخى گۈزەل شېئىرلارنى يازىمەن.  ئانا ئاڭلاۋاتامسەن، قوللىرىڭنى تۇتۇش ئۈچۈن بەكمۇ تاقەتسىزلىنىۋاتىمەن جېنىم ئانا .   
    20-نويابىر: ئۇف !ئانام ئاخىرى دوختۇرخانىغا كەلدى، مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇقتى. دوختۇر ئاجايىپ، ئالاھىدە بىر ئۈسكۈنە بىلەن مېنى كۆردى، ھەتتا رەسىمىمنىمۇ تارتىۋالدى. خۇش بولدۇڭمۇ ئانا؟يەنە بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دادام ئىككىڭلارنىڭ قوللىرىدا بولىمەن...
     25- نويابىر: داداممۇ مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇقۇپتۇ، ئەمما قىز ئىكەنلىكىمنى تېخى بىلمەيدۇ. ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇۋېتىمەن.
    10-دېكابىر: بۈگۈن يۈزۈم پۈتۈنلەي پۈتۈپ بولدى، ئىككى كۆزۈم، كىچىككىنە بىر بۇرنۇم، مەڭزىم ۋە ئويماقتەك ئاغزىم بار، ھى ھى ھى چوقۇم ئانامغا ئوخشايمەن .
     13-دىكابىر: ھازىر ئەتراپىمغا قارىيالايمەن، تۆت چۆرەم قاپقاراڭغۇ، مەيلى شۇنداقتىمۇ يەنىلا بەختلىكمەن .ئاز كۈنگە قالماي قۇياش نۇرىنى كۆرىمەن، ھەرخىل رەڭلەرنى، گۈللەرنى كۆرىمەن. يەنە تېخى ھەرخىل ئوماق قونچاقلارنى ئوينايمەن....
     ئانو!! دادو!!! سىلەرنىڭ چىھرىڭلارنىمۇ كۆرىمەن. چوقۇم بەختلىك بولىمىز.
     24- دىكابىر: ھازىر قۇلاقلىرىممۇ ئاڭلىيالايدىغان بولدى. ئانا سېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىلىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن. مېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىمنى سەنمۇ ئاڭلاۋاتقانسەن-ھە؟ مەن ھازىر ئاۋازىڭنى تونۇيالايمەن، ئاۋازىڭ بەك چىرايلىق ھەم تاتلىق جېنىم ئانا. مەنمۇ چوقۇم ساغلام ۋە تاتلىق بىر قىز بولىمەن، قوللىرىڭدا يۇۋاشلىق بىلەن ئۇخلايمەن، يۈزۈڭگە قاراپ ياتىمەن، تاتلىق ئاۋازىڭنى ھەر كۈن ئاڭلايمەن، يەنە ماڭا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىسەن شۇنداقمۇ  ئانا؟ مېنى چوقۇم تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسەن ئانا !!!
     28- دىكابىر: ئانا غەيرى بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، دوختۇر ئايال غەمكىن ھالدا بېشىنى چايقاپ ماڭا قاراۋاتىدۇ. ئانا سەن نېمە بولدۇڭ، يۈرەك سوقۇشۇڭ تېزلىشىپ كەتتىغۇ ؟ نېمىشقا  گەپ قىلمايسەن ئانا؟! ئانا ! ئانا !! يۈزۈمگە مۇزدەك سوغۇق بىر نەرسە تېگىۋاتىدۇ. ئانا ! ئانا !يۈزۈمنى كېسىۋاتىدۇ، ئانا ئۇلارغا گەپ قىل، ئاھ!!!! قول-پۇتلىرىمنى پارچىلاشقا باشلىدى، جېنىم  چىقىۋاتىدۇ، ئانا! ئانا! مېنى قۇتقۇزۇۋال، مېنى ساڭا باغلاپ تۇرغان تومۇرنى ئۈزىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ... ئانا !! ئا.....نا....... ئاھ !!!
     -- مۇبارەك بولسۇن خانىم !! ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.[align=justify]
     ئەسكەرتىش: بۇ ئەسىرىم ئۆتكەن يىلى قەھرىتاندا ھەۋەسكار ئەدەبىيات مۇنبىرىدە يېزىلىپ ئاۋازلىق ئەسەر قىلىنىپ ئىشلەنگەن ،كونا بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.

0

تېما

0

دوست

8500

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  518
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2075
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 523
سائەت
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 19:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ تۇغۇلمىغان بىر بالامنى ئانىسى ئۇدۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويغان.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

0

دوست

1857

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6856
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 470
تۆھپە : 251
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:11:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سىلىپ قويىدىكەن. يورۇق دۇنيانى كۆرمەي تۇرۇپ ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىۋاتقان بالىلار....... ھەي........

5

تېما

0

دوست

5460

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 1221
توردىكى ۋاقتى: 744
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:30:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ تۇغۇلمىغان بىر بالامنى ئانىسى ئۇدۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويغان ، بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىدىم ، مەن بۇ پۇتۇن ئۆمرۇمدە شۇ تۇغۇلمىغاي تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا كەتكەن شۇ بالامنى بۇ دۇنياغا ئەپكەلمىگەنگە پۇشايمان قىلىپ تۇرۋۇپتىمەن ، بىر ئۆمۇر پۇشايمەن قىلمەن ،،، ھەي ئەقىلسىز لىقىم
ئەپۇچانلىق ___ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئىسىل خىسلەت

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:42:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى nawkeranدە2012-05-30 20:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭمۇ تۇغۇلمىغان بىر بالامنى ئانىسى ئۇدۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويغان ، بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىدىم ، مەن بۇ پۇتۇن ئۆمرۇمدە شۇ تۇغۇلمىغاي تۇرۇپ ئۇ دۇنياغا كەتكەن شۇ بالامنى بۇ دۇنياغا ئەپكەلمىگەنگە پۇشايمان قىلىپ تۇرۋۇپتىمەن ، بىر ئۆمۇر پۇشايمەن قىلمەن ،،، ھەي ئەقىلسىز لىقىم  


سەل چۈشىنىكسىز ھەم غەلىتىغۇ گەپلىرىڭىز ، ئوچۇقراق دەپ باقامسىز ، ئۇ ئانىسى سىزنىڭ ئايالىڭىز بولغىيتتى

5

تېما

0

دوست

5460

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 1221
توردىكى ۋاقتى: 744
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 10:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sarsan88دە2012-05-30 21:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


سەل چۈشىنىكسىز ھەم غەلىتىغۇ گەپلىرىڭىز ، ئوچۇقراق دەپ باقامسىز ، ئۇ ئانىسى سىزنىڭ ئايالىڭىز بولغىيتتى  

كەچۇرۇڭ ،مەن چۇشنىشلىك دىيەلمەپتىمەن ،  << ئانىسى >> دىگىنىم دەل مىنىڭ ئايالىمنى كۆرسىتىدۇ
ئەپۇچانلىق ___ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئىسىل خىسلەت

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 21:34:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بالاممۇ قىز بالاقىز بولسا نېمە بوپتۇ ،بۇبىر ئەقىلسىزلىكتە
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )