- تىزىملاتقان
- 2011-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1990
- نادىر
- 0
- يازما
- 72
ئۆسۈش
99%
|
مەن ھازىر يەرنى تۇتۇپ توختىتىمەن .نىمە دەپ تىنماي ئايلىنىۋېرىدۇ ئۇ ؟
نىھايەت ،زېرىكمىگەن بولسا ؟
يەرنىڭ ئاخىرى قايدا ؟تەسەۋۋۇرنىڭچۇ ؟
ئېنىق رەقەملەرنى جېنىم سۆيمەيدۇ .ئۈچ بۇرجەكلەر -تەسەۋۋۇر قەپەسلىرىدۇر !
خىيال قانىتى قىسقا ،زاتلارنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقىدۇر .
مۇشەققەتنىڭ ئاخىرى راھەت .راھەتنىڭ ئاخىرى يەنىلا مۇشەققەت .
كۈننىڭ ئاخىرى تۈن .تۈننىڭ بولسا ئاخىرى يوق .
بىر ئېغىز سوغۇق سۆز بىلەن دىلىڭ يەنە زىمىستان .
نىھايەت ،بىر كۈنلا كەچكىچە بەخىتلىك بۇلۇپ يۈرگەن ئادەمنى تېپىپ بەرچۇ ،ماڭا !
سىز مىڭ بىر مۇشەققەت بىلەن چىققان چوققىغا كېپىنەكمۇ بار ،سۇمرۇغمۇ ياشايدۇ .سىزنىڭ بۇ تۇيغۇڭىز ئۇلار ئۈچۈن ئاددى بىر تۇرمۇش تەشۋىشى .ئۇلار كۈندە شۇنداق .
مەن ھىدلاپ تويمىغان بېدىنى تايچاق غاراىسلىتىپ چاينايدۇ .
يالپۇزنى سۇ ئاققۇزۇپ كېتىدۇ .مەن كۆزۈمگە سۈرتكەن سۇدا چارپاقا ياشايدۇ .
قاغا دۇنيانى بېشىغا كىيىپ ۋارقىرايدۇ .
يۇلتۇزلار قۇرقۇپ ئۆچۈپ قېلىشىدۇ .بۇلۇتلار يىغلاشقا چۈشىدۇ .يەر يۈزىدە قوزا -قۇلۇنلار تۇغۇلىدۇ .ھەر قانداق ۋارقىراش ئاخىرىدا نىمىدۇر دۇنياغا كېلىدۇ .
نىمىدۇر دۇنيادىن كېتىدۇ .
كۈلۈپ گۈل ئېچىلىدۇ -يىغلاپ شەبنەم تۆكۈلىدۇ .
دەريا تاشىدۇ ،تاغ چايقىلىدۇ .
كېلىن خۇرسىنىدۇ -يەڭگە ئەرمەك قىلىدۇ .
******************************************************************************************************
ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كېلىدۇ .شۇ بىر كەلىمە سۆز بىلەن قانچە ساۋاب ئىشلار قىلىش مۇمكىن .شۇ كەلىمە سۆز سەۋەبلىك قانچە كۆپ گۇناھقا پېتىشى مۇمكىن .
بۇ گەپنى قېرى قىز ئېيتسا يىغلىغۇڭ كېلىدۇ .
سەتەڭلەر ئېيتسا جاھلى قاتىدۇ ئادەمنىڭ .
<<قويە ئاشۇ سۆيگۈ-پۆيگۈنى ،ئاجرىشىلار ،-دەيدۇ ئانا قىزىغا ،-ئادەم دۇنياغا بىر مەرتە كېلىدۇ !>>
<<سېنى ھەپتە ئىچىدە ئانىسى سۆيمىگەنگە ئۆيلەندۈرۈپ قويىمەن ،-دەيدۇ تەكەببۇر ئاتا ئوغلىغا ،-ئاجراش!ئادەم دۇنياغا بىر مەرتە كېلىدۇ !>>
ئابتۇبۇس ھەيدىگۈچى يول بويى خىيال سۈرۈپ كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ،مېنى گەپكە سالدى :
<<ھەي يىگىت ،نىمانچە ئويچانسىز ،بىرەرىگە كۆيۈپ قالدىڭىزمۇ ؟>>
<<سۆيگۈ دىگەن يوق نەرسە !>>دەيدۇ ئۇ جەھلىم چىققىنىدىن ھوزۇر ئېلىپ .
<<سۆيگۈ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن تاھىرنىڭ ساندۇقىدا ...>>
<<قانداق بابلىدىممۇ >>بۇ -ئۇنىڭ ئورۇق يۈزىدىكى سۇس تەبەسسۇم .
مەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جىلمايغان بولىمەن .ئۇ بۇنى ئۆزىچە چۈشىنىدۇ .
ئەمدى نەسىھەتكە ئۆتىدۇ :خاپا بولمىغىنچۇ ،بوشاڭ يىگىت ئىكەنسەن ئاغىنە .
ئۇنداق خىيلا سۈرۈپ يۈرىۋەرسەڭ خوتۇنسىز قالىسەن .
-ئۆزىڭىز سۆيۈپ ئۆيلەنگەنمۇ ؟
سۇئالىم ئۇنىڭغا ياقمايدۇ .شۈبھىلىنىپ بىر قاراپ قويىدۇ ۋە زەردە بىلەن :
-شۇنداق بولمايچۇ !ئۆزۈم سۆيگەن قىزغا ئۆيلەنگەنمەن ،-دەيدۇ .
-ئاخىرى ،سۆيگۈ سۇغا چۈشۈپ كەتمىگەنغۇ ،-دەيمەن ،-تاھىرنىڭ ساندۇقىدا .
ئۇ ئەمدى ئاڭلىمىغانغا سالىدۇ .-مەن ھازىر بۇ چەمبىرەكنى شېرىكىمگە بەردىم ،دەم ئالماقچىمەن ،دەيدۇ بۇ گەپنى بۇراپ .كىيىن يەنە قۇلىقىمغا شىۋىرلايدۇ:خاپا بولما ،سىتودىنىت ،ھەزىللەشتىم .
ئاسماننىڭ ئاخىرى قەيەردە دەيمەن ئۇنىڭغا جىددى .ئۇ ھېچنەرسىنى چۈشەنمىدىم دىگەندەك دولىسىنى قىسىدۇ .
مانا،بۇ شۇنداق يۈرىكىمنىڭ يانپىشىدا خورەك تارتماقتا .
مەن ئۇنى ئويغىتىپ قۇيۇشتىن قورقىمەن .
مۈگدەك باسقان دىلىم .
ئېيتىمەن بىر سىر ،
تەڭرى ئويقۇنىغۇ ،
پەللىدە تارتار.
ئويقۇ ھەم
نىسىگە بېرىلگەن ئۆمۈر .
ئويقۇڭ كۆپەيگەنسېرى ،
قەرزىڭمۇ ئارتار .
********************************************************************************************************
كەڭ بىر ئوتلاق بولسا ،ئەتراپىڭ كۆپكۆك مايسا .ئاسمان تىپتىنچ .مايسىغا چۆكۈپ ياتساڭ
،ئۆلۈپلا قالساڭ !...بېدىلىكتە ئەنە شۇنداق خىيلا سۈرۈپ ياتسام ،قاناتلىرى ئاپئاق بىر كېپىنەك كېلىپ ،يەلكەمگە چازا قۇرۇپ ئولتۇردى ،-سالام ئاغىنە ،نىمىگە كەيپىياتىڭ يامان ؟
-چارچىدىم ،-دىدىم ئۇنىڭغا ،-ياشاشتىن چارچىدىم .
كېپىنەك بىر خۇرسىنىپ قۇيۇپ ئۇچۇپ كەتتى .
قىزىق ،ئۇنىڭدا بالا-چاقا بارمىكىن ؟
-كېپىنەكنىڭ كەپىسى قەيەردە ؟
نېچۈن شۇنداق ئاجىز ۋە نەپىس جانۋارمۇ ئادەمدىن يۇقىرىدا ئۇچۇپ يۈرىدۇ ؟
بىقۇۋۋەت ۋە ۋەزمىن نەرسىلەر ھەمىشە ئاياغ ئاستىدا بولامدۇ ؟
دىمەك ئادەم ئېغىر بېسىقلىقى ئۈچۈن خارمۇ ؟
يېڭىلتەك ۋە خۇشامەتەۇي ئادەملەرنىڭ شۇنىڭ ئۈچۈن ئوشۇقى ئالچى ئىكەندە ؟
<<پىكىرلىرىڭىزنى جەملەڭ ،ئۇلار ھەممە نەرسىنىڭ باشلىنىشىدۇر.>>
ھېلىقى كېپىنەكنىڭ قانىتىدىكى ھېكمەت بۇ .
تۇنۇشقىنىمدىن خۇرسەن ئىدىم .تاڭدا مەن ئۇنى باغدا كۆردۈم .ئەتىرگۈنىڭ شاخىدا ،كېچىدىكى چۈشكۈن ھالىتىم ئۈچۈن ئۇيالدىم .ئۆزۈم سورىماقچى بولدۇم .
ئەمما ،كېچىكتىم .
ئەتىرگۈلدەك يۇمىلاندى كېپىنەك ،
بىر سىلكىنىپ قويمىدى ھەم گۈل شېخې .
جان تالىشىپ قۇم يالىدى كېپىنەك .
كۆچتى مېنىڭ كۆكسۈمگىمۇ تىترىكى .
مەن ئۇنىڭدىن ئاسماننىڭ ئاخىرى قەيەردە دەپ سورىماقچى ئىدىم .
ئاخىر، بۇنى پەقەت ئاشۇ قانىتى ئاجىز قۇش بىلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ ...
********************************************************************************************************
ئاسمان ھېچكىمگە قارىمايدۇ .
بۇلۇتلارنىڭمۇ ئىگىسى يوق .
ھېچكىم قۇياشنىمۇ مېنىڭكى دەپ ئېيتالمايدۇ .ئەگەر شۇنداق دەۋاگەر تېپىلسا ،ئۇنى ئازغانغا چىقىرىدۇ .خوش نىمە ئۈچۈن ئادەملەر يەرگە ئىگىلىك قىلىشىدۇ ؟ئەتراپنى ئوراپ ئېلىشىدۇ -دە،بۇ يەرمېنىڭكى ،دىيىشىدۇ .يەر تالىشىپ بىر-بىرىنى ئۆلتۈرىشىدۇ ؟
ماڭا ئېيتىڭچۇ ،باھارنىڭ ئىگىسى كىم ؟
گۈل-چىچەكنىڭ باشلىقى ،بىنەپشىنىڭ خوجايىنىچۇ؟
تىككىنىڭنى ئورىسەن ،تىكمىگىنىڭنى بولسا كۆرسىەن خالاس .
مەن بالىلىقىم ئۆتكەن جايلارنى ئۆزگەرتىپ كېتىشنى ئىستەيمەن .مەن شاتۇتىنى ئادەمنى سېغىنغاندەك سېغىنىمەن ،تاللار بىلەن قۇچاغلىشىپ سۆرەشكۈم كېلىدۇ .خۇددى قىزلارنى قۇچاغلىغاندەك ...
ئەگەر شۇ گەپلەرنى بېدە قاراۋۇلى ئىشىتسە ،خىڭىلداپ كۈلىدۇ .
-كەل،-دەيدۇ ،-ئەنە كۆپلىگەن قارا تال،-خالىغىنىڭچە قۇچاغلا ،خالىغىنىڭچە سۆي .
ئاسماننىڭ ئاخىرى بولسا يالپۇزنىڭ يەلكىسىدە -بىر يەلكىسىدە ،ئۇنىڭ باشقا يەلكىسى تولا سېغىنىش ،مۇرۇۋەت ،مۇھەببەت .
ئەگەر شۇ گەپلەرنى بېدە قاراۋۇلى ئاڭلىسا ...
**********************************************************************************************************
<<ئاسماننىڭ ئاخىرى قەيەردە ؟>>دىدىم مەن سۆيگەن قىزىمغا .
ئۇ مېنىڭ پىشانەمنى تۇتۇپ كۆردى :
قىزىتماڭ يوق ،ئىشقىلىپ ...
سۇئالىمنى تەكرارلىدىم .
<<ئاسماننىڭ ئاخىرى قەيەردىلىكىنى بىلمىدىمغۇ ،لېكىن دۇكانغا سېرىق ياغ كەلگەنمىش .ئەگەر مۇمكىن بولسا ،بىر غەيرەت قىلساڭ ...>>
-ھېچ ئىلاج يوق ،دىدىم ،-ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن بەندىمەن .تېخى ئۆيلەنمەستىن ئىش بۇيرۇدى ئۇ .ئايال زاتى ئەگەر ئۇنىڭغا ئىشقىڭ چۈشكىنىنى سېزىپ قالسا ،بۇرنۇڭنى يەرگە پاتۇرىدۇ .قايسى دانا ئېيتقانىدى بۇ گەپنى ؟
ئەمما كىمنىدۇر سۆيمەستىنمۇ ياشاپ بولمايدۇ .ئاسماننىڭ ئاخىرى بولسا يوق .بولسىمۇ ماڭا نىمە ؟
<<نىمە دەپ ئاللىقانداق تۈركمەنلەرنى ماختايسەن ؟مېنىڭ قەيىرىم كەم ئۇلاردىن ؟....>>
كۆڭلەكلىرى بىلەن كوچىلارنى سۈپۈرۈپ يۈرگىنى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن ،بىلدىڭمۇ ؟
ئاسماننىڭ ئاخىرى تۈركمەن قىزلىرىنىڭ يەڭلىرىدە .
ئۇلار قوللىرىنى كۆتۈرگەن جايدا كۆك تۈگەيدۇ .
قوللىرى قۇياشنى توسۇپ قويىدۇ ...
قىزىق،ئۆمرۈمدە بىرمۇ تۈركمەن قىز بىلەن كۆرۈشمىگەنمەن .تىلىنىمۇ چۈشەنمەيمەن .لېكىن ياخشى كۆرىمەن .
ئاخىر ،خۇدانىڭمۇ يۈزىنى بىر كۆرمەي تۇرۇپ ياخشى كۆرىدىغۇ بەندىلىرى .
مۇھەممەدمۇ ئۇنىڭ بەندىسى .
ئۇنىڭ ۋە مۇھەببەتنىڭ بەندىسى .
ۋۇگزال قەيەردىن باشلىنىدۇ ؟
ۋۇگزال -نەرسە -كېرەك ساقلاش ئورنىدىن .
پاسپورتنى ئىزدەشتىن .
خوش ،بازارچۇ ؟بازار قەيەردىن باشلىنىدۇ ؟
ھەزىلكەش كىشى چۆنتىكىنى كولاشتىن ،دىيىشى مۇمكىن .
جىددىيراقى كەمچەتتىن دەيدۇ .
ھەممىسى توغرا .چۈنكى بازارغا ھەممە ھەرخىل خىيالدا بارىدۇ -دە .
كىمدۇر زېرىكىپ .
كىمدۇر دەم ئېلىش ئۈچۈن .
بىراۋ توي تەرەددۇتى بىلەن .
خۇلاسە ،بازارغا ھەممىنىڭ ئۆز پىلانى بار .
مېنىڭچە بازار دەرۋازدىن باشلىنىدۇ .
ئۆز دەرۋازاڭدىن چىقىپ ،سودا قىلىشنى كۆزلىگىنىڭ بازار دەرۋازىسىدىن كىرىشىڭنى كۆرسىتىدۇ .
بازاردا ،ئېنىقكى شەرق بازىرىدا ،ئۆزۈڭگە قۇشۇلۇپ يەنە بىر جۈپ قول چۈنتىكىڭگە كىرىپ -چىققاندەك گويا .
بىر مەھەللىدە نان ئۇششاقلىرىغا قۇلۇپ تېگىپ قالىدۇ .
كورىيە كەمپىرلىرىنىڭ خۇشبۇي نىمەتلىرىدىن تېتىپ كۆرۈش ھېسسىي پەيدا بولىدۇ .
ئەرەپ قىزلىرىنىڭ يۈزلىرىدەك پارقىراق خورمىلار يېنىدىن كۆز يۇمۇپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ ئادەم .
تاۋۇزلار ئۆزلىرى يۇمىلاپ ئايىغىڭ ئاستىدا ئويۇنغا چۈشىدۇ .
نۆۋەتتە تۇرۇپ ساپ سۆڭەك گۆش ئالىسەن .ئىچىڭدە بولسا <<مېنى تونىدى ،باھار قوشمىدى >>دىگەن تەسەللى .
ئىنجىقلاپ ئابتۇبۇس بېكىتىگە كېلىسەن ،شۇندىلا ئۆيدىن ئېلىپ چىققان مائاشىڭ يادىڭغا چۈشىدۇ .
ياپىرەي ،نىھايەت ،بىرىنى ئىشلەتتىم ؟...
خورمىنى نىمە دەپ ئالدىم ؟
تاۋۇز ئۆيدە بار ئىدىغۇ ؟
ئەنە شۇنداق گەپلەر .
خوش ،بازار قەيەردىن باشلىنار ئىكەن ؟
بىلمىدىم ،
بىلمىدىم ،بىلگىنىم -بازار نىمە بىلەن تۈگىشى .
خوتۇن بىلەن جاڭجال بىلەن تۈگەيدۇ .
ئالتە ئېرىقلىق چالدىن سورىدىم :
-ئالتە ،بىلەمسىزكىن ،ئاسماننىڭ ئاخىرى قەيەردە ؟
چال مېنى شەرەتلەپ يېنىغا چاقىرىپ ،قۇلىقىمغا شىۋىرلىدى :
-تارازىخانىدا ،بالام !
مەنبەسى -<<ئاسماننىڭ ئاخىرى >>ناملىق كىتابتىن ئېلىندى |
|