قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 2

<<تەئەججۈبنامە >>

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

1

دوست

1990

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4908
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 454
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1

تىلىم تۈپەيلى بەخىت-سائادەتكە ئېرىشكەيمەن .تىلىم تۈپەيلى جەبرى-مۇشەققەتكە دۇچار بولغايمەن .

2

      ۋەھالەنكى، مېنىڭ بارچە گۇناھلىرىم كېچە قاراڭغۇلۇقى بىلەن ئۆزىنى پىنھانغا ئالدى .ئەمما قۇياش ئۇنى سۈبھى بىلەن ئاشكارلىدى .بۇ نىمە دىگەن رەسۋاچىلىق !



3
       ئاھ تەڭرىم !بۈگۈن كېچە مەن ئىزتىراپ ئىچىدە تۇرۇۋاتىمەن .بىلمەيمەن ،بۇ مېنىڭدىكى قانداق روھى-ھالەت ؟ ھە راست ،گۇناھلىرىم ئېغىرلاشقاندۇ ،شۇ سەۋەب ،يۈرىكىم تىترەۋاتقاندۇ .ھىم ،مېنىڭ كىپەنلىكىم قېنى ؟ قەبرەمنى كولاۋاتقانلار كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ئۇلار مېنى ئالغىلى كېلىۋاتامدۇ ؟ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ،ھەقىقەتتە مەن كېچىكتىم !...

4
      ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى بىر-بىرلەپ قەغەز يۈزىگە تىزىۋاتىمەن .ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى سەن ماڭا ئورۇنداپ بەرمەپسەن .مەيلى ،جانانىم ،ۋەدىلىرىڭنىڭ  ھەننىۋاسىنى قايتۇرىۋال .بىز ئىككىمىز جىمجىت تۇنۇشقىنىمىزدەك ،جىمجىت ئايرىلىپ كەتسەك ھېلىھەم ھېچقىسى يوقتۇر . ۋەھالەنكى ،سەن ماڭا ئۆمۈرلۈك ۋەدە بەرگىنىڭدىمۇ ئەتراپتا ئىككىمىزدىن بۆلەك ھېچكىم يوق ئىدى .



5
    بارچە ھېس تۇيغۇلىرىمدىن چىقىپ ،بۈيۈك تەڭرىم ،پەقەت ساڭىلا ئىلتىجا قىلىمەن .چۈنكى بۇنىڭغا پەقەت سەنلا ئەڭ لايىقتۇرسەن .سېنى ئۇنتۇپ ئادەملەرنى ئىزدىدىم .ئەمما ئۇلار ئاقىۋەت مېنى تاشلاپ كېتىشتى .سېنى قۇيۇپ ئادەملەرگە ھال ئېيتتىم .بىراق ،ئۇلار كۈلۈمسىرەپ قۇيۇشتى خالاس .شۇڭا دەيمەنكى ،ئادەملەر قۇدرىتى يەتمىگەن بۈيۈك ئىشلاردا پەقەت سەندىنلا نىجاتلىق تىلەيمەن .تەڭرىم ،پەقەت سەندىنلا ....


6

    بۇ چۈشۈم ئەمەس ،بەلكى خىيالىمدۇر ۋە ياكى ئارزۇ ئىستەكلىرىمنىڭ پەرۋازىدۇر .
سەن ھايات ئاتلىق پەلەمپەينىڭ ياشلىق دىگەن بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىڭچە قاراپ كەلمەكتىسەن .قاملاشقان قەددى- قامىتىڭ ئېگىز ۋە ھەيۋەت كۆرۈنەتتى . سەدەبتەك ئاق چىشلىرىڭدىن تۆكۈلىۋاتقان نۇرنىڭ جىلۋىسىدە مىڭ نازىنىننىڭ نالىسى پەرياد ئۇراتتى . قاپقارا قۇندۇز چاچلىرىڭدا ماڭا كۆز-كۆز قىلىۋاتقان ياشلىقىڭ غەليان قىلاتتى . سېنىڭ كىشىدە ھەسەت قوزغىغۇچى ئاشۇ مەغرۇر كۆزلىرىڭچۇ ؟
ئۇ ئىسيانكار كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ قارىيالمايمەن . مەندە ئۇنچىلىك ئىمكان-قۇۋۋەت يوق .
ئەنە ، سەن كېلىۋاتىسەن . ئاياغلىرىڭ تېگىدە گۈل-غۇنچىلارنى پەيخان قىلىپ يۈرمەكتىسەن . مەن غۇنچىلارنى ئاۋايلاپ قوللىرىمغا ئالماقچى بولۇپ يەرگە ئېڭىشتىم . سەن يېنىمدىن شۇنداق مەغرۇر ، پەرۋاسىز ئۆتۈپ كەتتىڭ .
كەينىڭدىن سېنى چاقىرماقچى بولدۇم . ئەمما ئىسمىڭنى يادىمغا ئالالمىدىم . مەن ۋارقىرىدىم :
-ئەي ياشلىق!
ئەمما سەن يەنە شۇ پېتىڭ بىلەن ئەتراپىڭدا گۈللەرنى ،گۈل-چىمەنلەرنى ، گۈل چىرايلارنى ،گۈل تۇتقانلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ، چۈشتىن بۇرۇن9نىڭ ئابتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ باھارىستانغا قاراپ كېتىپ قالدىڭ .


7

    ئېھ قارا،مۇدھىش تۇمان !
        سەن نىمانچە سىرلىق ، نىمانچە رەھىمسىز ؟تېزدىن ئۆزۈڭنى چەتكە ئال ، بولمىسا مەن سەن بىلەن ھىسابلىشىشقا تەييارلىنىپ قويدۇم .
سەن ساددا، ئاقكۆڭۈل ،بىغۇبار-ناتىۋان ئادەملەر ئارىسىغا كۆرەڭلەرچە ،بىزەڭلەرچە ،ھاياسىزلارچە كىرىپ كەلدىڭ .ئۇلارنى ئېزىقتۇرۇپ قانچىلىغان خورلۇقلارغا ،مۇشەققەتلەرگە دۇچار قىلدىڭ ! تەقدىرىدە تاغ كەبى مۈشكۈلاتلارنى ،نەس باسقان پالاكەتلىكلەرنى ئايان قىلدىڭ ! ئۇلارنى مەنزىلىدىن ئازدۇرۇپ بىر-بىرىگە ناتۇنۇش كۆرسەتتىڭ !ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ دىللىقنى مېھرى-ۋاپانى يالماپ يۇتتۇڭ !بۇنىڭلىق بىلەن ئادەملەر ئارىسىدا تەڭسىزلىك -باراۋەرسىزلىك ئاسمان -زىمىن ئوتتۇرىسدا ھۆكۈم سۈردى .سەن گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىگە قۇشۇلۇپ قاقاھلاپ كۈلدۈڭ .ھەربىر قاقاھلاشلىرىڭدا  چاقماقلار يالىلداپ ئۆتۈپ ئۈنلىرىڭ قارابۇلۇتلارغا سىڭىپ كەتتى .جاھان بىردەمگىنە تىنجىپ ، ھاۋا ئېچىلىپ ،قۇياش كۈلگەندە سەن زەئىپ تىترەپ مەۋجۇتلۇقۇڭنى يوقاتتىڭ .شۇڭا مەن قۇياشنى سېغىنىپ كۈندە تەڭرىگە تىلاۋەت قىلىمەن .


8

     دۇنيا مەشغۇلاتلىرى سېنى بىخۇد قىلمىسۇن .ئۆلۈم ۋەھىمىسى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن .بىلسەڭ ئاشۇ بىر قېتىملىق ئۆلۈم بىلەنلا سەن روھىڭنى پاكلاشقا تەرەددۇت قىلالايسەن .


9

      ناۋادا بىر كۈنلۈك ئۆمرۈم قالغان بولسا  ؛
مەن شۇ كۈننى ئۈچكە بۆلىمەن . ئۇنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە مەن ئاتا-ئانام بىلەن بىر ۋاق غىزانى ۋىدالىشىپ ئولتۇرۇپ يەپ ،ئىمكان بار ئۇلارنى خۇشال قىلىمەن .

ئىككىنچى بۆلىكىدە ،مەن چوقۇم بىنەمگە  بىر تۈپ كۆچەت تىكىمەن  .
ئاخىرقى بۆلىكىدە ھايات ئىبرەتلىرىدىن ئۆزگىچە رىسالە تۈزۈپ چىقىمەن .تاكى ئۇنى ئەزرائىل ئىشكىمنى قاققۇچە داۋام ئېتىمەن .

مەنبەسى -ئۆز ئىجادىيىتىم



xpic3363.jpg
بىر كەم دۇنيا ،كىمىنى تولدۇرۇپ ياشا!

2

تېما

0

دوست

6938

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7426
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1257
تۆھپە : 1305
توردىكى ۋاقتى: 885
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 11:18:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن، سىزنىڭ ئىجادىيەت سىپىدە  چوڭ نەتىجە قازىنىشىڭىزغا  تىلەكداشمەن!  پاساھەتلىك  ئىبارىلەر ،كىشى ھۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2126
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 21:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگەرەخمەت!يەنە يىزىپ تۇرۇڭ!ئەسەرلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن!
مىرزا بەگ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )