ئاپا،مېنىڭ سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا تۆرەلگىنىمگە مانا بۈگۈن توپتوغرا ئۈچ ئاي بولدى . ئەمما ،بۈگۈن ،ئاپا ،مەن بەكلا قورقۇپ كېتىۋاتىمەن ،چۈنكى مەن سىزنىڭ بەكلا ھەسرەتتە قالغانلىقىڭىزنى بىلدىم ،شۇڭا مەن بۇ ماكانىمنىمۇ ياقتۇرماي قالدىم . تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن سىز مېنى تۇنجى قېتىم كۆردىڭىز ،ئۇ كۈنى دادام سىزنى دوختۇرخانىغا ب تىپچلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرتكىلى ئاپارغانىدى ،سىز ئېكراندىكى رەسىمىمنى كۆردىڭىز . شۇ چاغدا سىز مېنى رەسىمىمنى كۆرۈپ نەقەدەر خۇشال بولغان ئىدىڭىز-ھە ! شۇغىنىسى ،بۇ خۇشاللىقىڭىز ئۇزۇنغا بارمىدى ،دوختۇر مېنىڭ قىز ئىكەنلىكىمنى ئېيتقاندا ،ماڭا سىزنىڭ يۈرىكىڭىز بىردىنلا سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك بىلىندى ،دادامنىڭ سىزنى يۆلەپ تۇرغان قوللىرىمۇ بىردىنلا بوشاپ كەتتى . ئۆيگە قايتقاندا ،سىز باشقىچىلا بولۇپ قالدىڭىز ،بەدىنىڭىز مۇزلاپ ،ھېچنىمىنى سەزمەيدىغاندەك بوپقالدى .يولدا داداممۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .شۇ كۈنى دادام ،بۇ ئۆيدە ئىككىنچى قىز بالا تۇغۇلماسلىقى كېرەك دىگەندە ،مەن گويا مەن ياشاۋاتقان ئاشۇ ماكان تىتىلىپ كەتكەندەك بىلىندى ...ئاپا ،جېنىم ئاپا ،مېنىڭ تۇغۇلۇش ھوقۇقۇم يوقما ؟مەن شۇنداق چوڭ گۇناھكارما ؟قىز بالا بولۇپ قېلىش شۇنداق يامان ئىشما ؟ سىزنىڭ قاتتىق يىغلاپ كەتكەنلىكىڭىز تېخى ئېسىمدە .ئاپا ،مەن سىزنىڭ قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىڭىزنى سەزدىم .چۈكى سىز قوللىرىڭىز بىلەن قورسىقىڭىزنى چىڭ چاڭگاللاپ :<<ياق ،بولمايدۇ >>دەپ ۋارقىراپ نالە قىلغان ئىدىڭىز ،ئەمما سىز ئاخىر كەتتىڭىز ،كۆز يېشى ۋە ئازابلىق نادامەت ئىچىدە ئىرادىڭىزدىن ياندىڭىز .ياق ،جېنىم ئاپا ،مېنى ئۇجۇقتۇرۋەتمەڭ !~ جېنىم ئاپا ،مېنىڭ ياشىغۇم بار .مېنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ تۇغۇلغۇم بار ئىدى .مەن سىزنىڭ مېنى باغرىڭىزغا بىسىشىڭىزغا ،سىلاپ قۇيۇشىڭىزغا شۇنچىلىك تەشنا ئىدىم .مەن يەنە سېخى قۇياش نۇرىنىڭ مەڭزىلىرىمگە چۈشۈشىنى ،ھەدەم بىلەن بىللە ئويناشنى ،سىزنىڭ مېنىڭ ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم-ھە !مەن يەنە سىزنىڭ ... مېنىڭ تەلەپلىرىم بەك كۆپ بولۇپ كەتتىمۇ قانداق ،ئاپا ؟سىزنىڭ شۇ كۈنى ئاخشىمى بىر كېچە ھەسرەتلىك يىغلاپ چىققانلىقىڭىز ،مېنىڭ ھەربىر تىپچەكلەشلىرىمنى سەزگەندە تېخىمۇ ئازاب بىلەن يىغلاپ نالە قىلغانلىقىڭىز ھەممىسى ئېسىمدە ،ئەمما ،بۇرۇن مەن سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا ئازراقلا مىدىرلاپ قويسام ،بۇ سىزگە ئالەمشۇمۇل خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى .مانا ئەمدى بۇ ئىش سىزگە ئازاب بولۇپ بىلىنمەكتە . <<بۇ دىگەن ئەرلەر دۇنياسى >>دىگەنىدى مومام .مومام يەنە قىزلار توي قىلغاندا ،قىز مېلى تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ يۈزىگە سۇلفات كىسلاتاسى چېچىۋىتىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىسمانى جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ،ھەتتا كىچىك قىزلارنىڭمۇ جىنسى كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى . مومام يەنە سىزدىن ،سىز بۇ قىزىڭىزنى ئاشۇ جەبىر-جاپا،زۇلۇملاردىن ساقللاپ قالالامسىز ،دەپ سورىغانىدى .ئېيتىڭا ،ئاپا ،سىز بۇلاردىن قورقىۋاتامسىز ؟ مەن يەنە ھەدەمنىڭ ماڭا ئىسىم تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى ،ئەگەر ئوغۇل بولسا قايسى ئىسىمنى ،قىز بولسا قايسى ئىسىمنى قۇيۇشنى ئاللىبۇرۇنلا ئويلاپ قويغانلىقىنى بىلىمەن .ئۇ سىزگە ،ئەگەر قىز بولسا ئانۇ پورىيە دەپ ئىسىم قويايلى دىگەندە ،سىز خۇشاللىق ئىچىدە كۈلگەنىدىڭىز .جېنىم ئاپا ،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئانۇ پورىيەڭىزنى راستىنلا ئالمامسىز ؟ئاپا ،ئەگەر سىز ماڭا بۇ دۇنيادا ياشاشقا بىر ئىمكانىيە بەرسىڭىز ،مەن ئوغۇل بالىلاردەك بولغان ،ھەتتا ئۇلاردىنمۇ ياخشى بولغان بولاتتىم . مانا شۇ تاپتا سىز مېنى قورسىقىڭىزدا كۆتۈرۈپ ،دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرماقتىسىز ،سىز بۇ يەرگە مېنى ئالدۇرۋىتىش ئۈچۈن كەلدىڭىز ...سىز مېنى ئۇجۇقتۇرۋەتمەكچى بولدىڭىز .قىز بولغانلىقىم مېنىڭ كەچۈرگۈسىز چوڭ گۇناھىم بولدى ....بۇ گۇناھىم ئۈچۈن مېنى ئۆلۈم جازاسى كۈتۈپ تۇرماقتا . (سەرۋەر ئابدۇنەبى تەرجىمىسى ) مەنبەسى :<<ئاسماننىڭ ئاخىرى >>دىگەن كىتابتىن ئېلىندى |