قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2032|ئىنكاس: 5

كانادادىكى پارىخور ئەمەلدارلار كوچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1680

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 459
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 17:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگولۇق دوكتۇر دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن كانادادىكى  ”پارىخور ئەمەلدارلار كوچىسىنىڭ سىرىنى “ ئاشكارلىدى


    2011-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى كانادانىڭ New Brunswick ئۆلكىسى جوڭگولۇقلارنىڭ كۆچمەنلىك ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى مۇددىتى ئېنىق بولمىغان ھالدا توختاتتى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشى ھامان جوڭگو كانادا ئىككى دۆلەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، ئەسلىدە بىر جوڭگولۇق كۆچمەن كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلىغان ئىدى.

دادىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆچ ئېلىشقا قەسەم قىلىش

     2001-يىل 6-ئاي، جېڭ جۇ ئۇنۋېرسىتىتى ئېنگلىز تىلى فاكولتىتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان داڭ گوتاۋ تۇيۇقسىز دادىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ دادىسى داڭ جىئەنمىن جېڭجۇدا بىر قۇرلۇش شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بولۇپ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغان ئىدى. داڭ جىئەنمىن بىر كىچىك تىپتىكى قۇرلۇش شىركىتى قۇرغان بولۇپ، 1998 –يىل خېنەندىكى مەلۇم ئورۇننىڭ قۇرلۇشىنى ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا توزاققا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەبلىغى  كىيىلىپ قالىدۇ، ئارقىدىن بۇ ئورۇن تەرىپىدىن قۇرلۇش ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتى يوق دىگەن باھانە بىلەن قۇرلۇش ئورنىدىن تېپىپ چىقىرىلىپ، 6 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلىغى يوق بولىدۇ.
       دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن داڭ گوتاۋ ئانىسىنىڭ ئاغزىدىن دادىسىغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ دەل شۇ ۋاقىتتىكى خېنەن ئۆلكىسى مەلۇم مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ساۋ مىڭمىڭ ئىكەنلىكىنى ئۇقىدۇ. لېكىن ساۋ مىڭمىڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىدىغان بولۇپ شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىشقا ئامالى بولمايدۇ.  داڭ گوتاۋ ساۋ مىڭمىڭنى قانۇن ئالدىدا جاۋاپكار قىلىپ، دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىشقا قەسەم ئىچىدۇ. لېكىن داڭ گوتاۋ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپ ساۋ جىمىڭ نىڭ جىنايىتى ئاشكارلىنىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئەمما ئۇ تۈرمىگە قامالمىغان بولۇپ كانادانىڭ يېڭى برۇنۋىك ئۆلكىسىگە مۇۋەپىقىيەتلىك قېچىپ كەتكەن ئىدى. 2002-يىل 4-ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار رەسمى نازىر دەرىجىلىك باشلىق ساۋ مىڭمىڭنىڭ قېچىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلىدۇ.
     2008-يىل داڭ گوتاۋ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قىز دوستىغا ئەگىشىپ بېيجىڭغا كېلىدۇ، ئېنگلىز تىلى سەۋىيىسى ياخشى بولغانلىقتىن كانادادىكى مەلۇم داڭلىق گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش ئورنىدا مۇخبىر بولىدۇ.

    كاناداغا كۆچمەن بولۇپ، ئاستىرتتىن تەكشۈرۈش

      داڭ گوتاۋ  ”يەر شارى پوچتا گېزىتى “ دا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قىز دوستى بىلەن كاناداغا كۆچمەن بولۇش ئويى پەيدا بولىدۇ ھەمدە  2010-يىل 2-ئايدا قىز دوستى بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ  New Brunswick ئۆلكىسىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ. كانادادا ئوقۇۋاتقان دوستى TOM نىڭ ياردىمى بىلەن شۇ يەرگىمۇ ئورۇنلىشىۋالىدۇ. TOM داڭ گوتاۋنىڭ كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى بۇ ئۆلكىگە قېچىپ كەلگەن پارىخور ئەمەلداردىن ئۆچ ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ داڭ گوتاۋغا ئالدى بىلەن ساۋ مىڭمىڭنى تېپىش ئاندىن پۇرسەت تېپىپ يېقىنلىشىش، ئاندىن ئاستا ئاستا ئۆزىگە كېرەكلىك ئىسپاتلارنى تېپىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. TOM نىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇ شۇ يەردىكى كىشىلەر  ”پارىخور ئەمەلدارلار كوچىسى “ دەپ ئاتايدىغان بىر كوچىغا كېلىدۇ. بۇ يەر ناھايىتى سىرلىق بولۇپ ئۇ يەردىكى كىشىلەر سىرتقا چىقمىسىلا ئۇلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. شۇڭا بۇ يەر جوڭگودىكى نۇرغۇن پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قېچىپ كېتىشتە  ئەڭ ئاۋال تاللايدىغان يېرى ئىدى.

     داڭ گوتاۋ قىز دوستى بىلەن بۇ كوچىدىن بىر داچىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئادەتتە سىرتقا چىققاندا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدە قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا پو ئېتىپ كىشىلەرنى بىر قاراپلا ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىن قېچىپ چىققان پارىخور ئەمەلدار ئىكەنلىگە ئىشەندۈرۈدۇ. تىرىشقان تاپار دىگەندەك ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدىن ساۋ مىڭمىڭ نىڭ ئايالى زو زۇيۈننى بايقايدۇ. ئوخشاشلا خېنەنلىك بولغاچقا داڭ گوتاۋ ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ بىلەن ئىچ قويۇن تاش قويۇن بولۇپ كېتىدۇ. پاراڭ ئارلىقىدا زو زۇيۈننىڭ بۇ يەردە ئانچە بەختلىك ئەمەسلىگىنى بىلىدۇ. چۈنكى ساۋ مىڭمىڭ بۇ يەرگە ئاشنىسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ ئۇ پۈتۈن زېھنىنى ئاشنىسىغا قاراتقاچقا ھەمدە بۇ ئۆلكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغاچقا زو زۇيۈننىڭ ساۋ مىڭمىڭنى ئۆز يېنىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە ئامالى بولمايدۇ.
زو زۇيۈندىن ئاڭلىغان خەۋەر داڭ گوتاۋنى ناھايىتى خوشال قىلىدۇ، ئۇ  New Brunswick ئۆلكىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭنى بىلەن ساۋ مىڭمىڭنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان ئىكەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا چوقۇم مەلۇم مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار، تاڭنى ساۋ مىڭمىڭ دىن جەزمەن مەلۇم مەنپەئەتكە ئېرىشكەن دەپ تەھلىل قىلىدۇ. چۈنكى ساۋ مىڭمىڭنىڭ سەزگۈرلىكى ناھايىتى يۇقۇرى بولۇپ يېقىنلاشماق ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى، شۇڭا داڭ گوتاۋ تاڭنى تەرەپتىن ئەھۋال ئىگەللەشنى قارار قىلىدۇ. پەقەت تاڭنىنىڭ خىزمىتىدە مەئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ پارا ئالغانلىق ئىسپاتىنى تاپسىلا ساۋ مىڭمىڭ نى تېگىشلىك جازاغا تارتقىلى بولاتتى.

      داڭ گوتاۋ قاتتىق باش قاتۇرۇپ يىپ ئۇچى ئىزلەۋاتقاندا بىر كومىدىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بىر كۈنى ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركىتى داڭ گوتاۋغا تېلفون قىلىپ كېلەر پەسىللىك ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. داڭ گوتاۋ بىلەن قىز دوستى كوپيتىردىكى ئۇچۇردىن ئۆزى ئولتۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ تاڭنى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. بىۋاستە سەزگۈسىگە ئاساسلانغاندا تاڭنىنىڭ  ”پارىخور ئەمەلدارلار كوچىسىدا بۇنداق قىممىتى 600 مىڭ كانادا دوللىرىلىق بىر يۈرۈش داچىسى “ نىڭ بولۇشى ئانچە نورمال ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇ دەرھال تورغا چىقىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكشۈرىدۇ. كانادادا ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيى، كىرىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تىزىمغا ئالدۇرۇلىشى ھەمدە توردا توردا ئېلان قىلىنىپ نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. داڭ گوتاۋ توردىن تاڭنىنىڭ تىزىملاتقان ئۇچۇرلىرىدىن بۇ داچىىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى تاپالمايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەرەزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندۈرىدۇ، چۈنكى بۇ داچىنى ساۋ مىڭمىڭ  تاڭنىغا سوۋغا قىلغان بولۇش ئېھتىماللىغى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى. داڭ گوتاۋ ئۆزىنىڭ بايقىغانلىرىنى دەرھال كانادادىكى نازارەت ئورگانلىرىغا پاش قىلىدۇ.
سەتچىلىكنىڭ ئاشكارلىنىپ، پارىخور ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنىشى
     كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئورگىنى بولسا مۇپەتتىش مەھكىمىسى، ناھايتى تېزلا تەكشىۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، نەتىجىدە تاڭنى زور سوممىدىكى مال مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كانادا فېدراتسىيىسى ساقچى مەھكىمىسىمۇ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تاڭنىنىڭ جوڭگولۇق پارىخور ئەمەلدار ساۋ مىڭمىڭ سوۋغا قىلغان پۇل ۋە ئۆي مۈلۈكنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە يېڭى برۇنۋىك ئۆلكىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان يەنە بىر جوڭگولۇقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئايال بىلەن بىرلىشىپ، جوڭگودىكى كۆچمەن ئىشلىرىنى بىجىرىدىغان شىركەتلەر بىلەن زور سوممىدىكى پۇل مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بايقايدۇ. كانادا فېدراتسىيە ساقچى مەھكىمىسى جوڭگو ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك ھۆججەت تاپشۇرۇپ، جوڭگو ساقچى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە ماسلىشىپ تاڭنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆچمەن بىجىرىش شىركىتىنى تەكشۈرۈشۈپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ.
      2011-يىل 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كانادا فېدراتسىيە ساقچى ئىدارىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن تاڭنىنى قولغا ئالىدۇ ھەمدە ئۇ كانادادىكى بىرىنچى قېتىم  قولغا ئېلىنغان كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارى بولۇپ قالىدۇ. تاڭنىنىڭ جىنايىتى ئاشكارلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىش كانادادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغايدۇ. كانادا فېدراتسىيە ھۆكۈمىتى قاتتىق غەزەپلىنىپ  New Brunswick ئۆلكىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەسلىسىنى ئۈزىل كېسىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  New Brunswick ئۆلكىسىدە پاكلىق شامىلى كۆتىرىلىدۇ. تاڭنى قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئۆلكە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدار قولغا ئېلىنىدۇ.
      2011-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى كانادا يېڭى برۇنۋىك ئۆلكىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسى جىددى ئوقتۇرۇش چىقىرىپ : كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ جوڭگودىكى كۆچمەن بىجىرىدىغان شىركەت بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خىيانەتچىلىك قىلىپ چىرىكلەشكەنلىكى، New Brunswick ئۆلكىسىنىڭ  مەبلەغ سېلىش تىپىدىكى كۆچمەنلەر نورمىلىق سانىنى سېتىش سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، جوڭگودىكى نۇرغۇن پارىخور ئەمەلدار ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ New Brunswick ئۆلكىسىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن جوڭگولۇقلارنىڭ بۇ ئۆلكىگە كۆچمەنلىك ئىلتىماسى سۇنۇشىنى ۋە تەستىقلاشنى مۇددىتى ئېنىق بولمىغان ھالدا توختاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئۆلكىنىڭ ۋىزىسىغا ئېرىشكەن جوڭگولۇق كۆچمەنلەرمۇ ۋىزىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقتىن كاناداغا كېلەلمەيدۇ. بۇندىن باشقا  New Brunswick ئۆلكىسى يەنە بۇ ئىشتىن بۇرۇن بۇ ئۆلكىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى باشقىدىن تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆچمەن بولۇپ كېلىش جەريانىدا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلارغا پارا بەرگەن قىلمىشى بايقالغان ھامان، ھەممىسىنى جوڭگوغا قايتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
New Brunswick ئۆلكىسىنىڭ ئومۇمى ئۇقتۇرىشى ئاخبارات ۋاستىللىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جوڭگودا زىل زىلە پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى كۆچمەن بىجىرىش شىركىتىنىڭ يالغان ھۆججەت ياساش، پارىخور ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ماتىرياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق قىلمىشلىرى ئاشكارلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاخبارات ۋاستىللىرى گۇيجۇ ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەسلىدىكى رەئىسى خۇاڭ رۈينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ بۇ كۆچمەن بىجىرىدىغان شىركەت بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى، پەقەتلە قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىنى ئاشكارلايدۇ. بۇلار جوڭگۇدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى ۋاقتىدا كونترول قىلىش تەدبىرى قوللانغانلىقى ئۈچۈن قېچىپ كېتەلمىگەن ئىدى. New Brunswick ئۆلكىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان جوڭگودىكى كۆچمەن بىجىرىدىغان شىركەتمۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
New Brunswick ئۆلكىسىگە كۆچمەن بولۇپ بارغان پارىخور ئەمەلدارلار ۋە جىنايەتچىلەرمۇ كۆچمەن بىجىرىدىغان شىركەت بىلەن ئوخشاشلا دەككە دۈككە بولىدۇ. داڭ گوتاۋنىڭ ئىگەللىشىچە ساۋ مىڭمىڭغا ئوخشاش، كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىكى ئەمەلدارغا پارا بېرىش ، ماتىرياللارنى ساختا ياساش ئارقىلىق يېڭى برۇنۋىك ئۆلكىسىگە كۆچمەن بولۇپ بارغان پارىخور ئەمەلدارلار ۋە جىنايەتچىلەرمۇ كانادا New Brunswick ئۆلكىسى ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماتىرياللارنىڭ ساختا ياسىغانلىقى ۋە ئەمەلدارلارغا پارا بەرگەنلىك قىلمىشلىرى ئاشكارلانغان ھامان ئۇلارنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدىكەن ھەم جوڭگوغا قايتۇرىلىدىكەن.  
 
مەنبە:  
 新传奇  گېزىتىنىڭ 2011-يىللىق 7-ئايدىكى سانى

0

تېما

0

دوست

619

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7820
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 87
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 21:24:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭ گوتاۋنىڭ كىيىنكى پائالىيىتىنى ئۇققۇمىز بار؟.........
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

0

دوست

3864

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1060
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 689
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 22:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار ھازىر دۆلىتىمىزدە ماڭدامدا بىر ئۇچرايدىغان بولۇپ كەتتى، پارىخورلۇق ھەرگىز تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ ...

7

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6545
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3691
تۆھپە : 2461
توردىكى ۋاقتى: 557
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 11:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىكلىك بۇگۇنكى دۇنيانىڭ  بەحىتسىزلىگى بۇلۇپ قالدى . شۇڭا كۇندەمڭلاپ  بىگۇنا ئىنسانلار ئولىۋاتسىمۇ  ئوزىنىڭ مەپەتى زىيانعا ئۇچۇرمىسىلا  ھىچكىمنىڭ كارى بولماي ۋاتىدۇ  .

0

تېما

0

دوست

806

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   61.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7614
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 185
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 11:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ جۇڭگولۇقلار كانادانىمۇ بۇلغاپ بوپتۇدە،ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە تۈگىمەس دەپ ،قېنىدىكى چىرىكلىكنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتقىلى تۇرۇپتۇ

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 19:33:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىخۇرلۇق ھەممە يەردە بارمىكىن دەپ ئويلايمەن ، پار ئالسىمۇ ئىشنى ھەل قىلسا مەيلى دەيدىغان بولۇپ كۆنۈپمۇ كەتتۇققۇ دەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )