قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5848|ئىنكاس: 12

سەنئەتكار مەخموت ئابلېزغا تون كەيدۈرۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1642
تۆھپە : 2977
توردىكى ۋاقتى: 3373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 20:07:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  باغداش تورى خەۋىرى :
  2012-يىلى6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى ئاق بوز ئات رېستۇرانىدا تونۇلغان مۇقام سەنئەتكارى ،ماھىر غىجەكچى مەخموت ئابلېز ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى .پائالىيەتكە سەنئەتكار مەخموت ئابلېزنىڭ يۇرتداشلىرى ، كەسىپداشلىرى ، ئۇرۇغ-تۇققانىلىرى شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ، كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ، باغداش تورى ، تەڭرىتاغ تورى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بولۇپ 300گە يېققىن  ئادەم قاتناشتى . پائالىيەت باشتىن ئاخىرى يوقىرى كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى ، كۆپچىلىك پىشقەدەم سەنئەتكار مەخموت ئابلېزغا كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەغدىم قىلدى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى تەغدىم ئەتتى .



رىياسەتچىلىرىمىزدىن دىلنۇر بەكرى ۋە غەيرەت ئوسمان زۇركى پائالىيەت باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ،شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى،تىلشۇناس،پىروففىسور ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر مەخموت ئابلېزنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇردى
ئاتاقلىق شائىر ،جامائەت ئەربابى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل -يېزىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئېلى زاھىت ئەپەندى،يۈسۈپ قاسىم ئەپەندى،ھاپىز نىياز ئەپەندىم قاتارلىقلار مەخموت ئابلېزغا تون كەيگۈزدى



مەخموت ئابلىز ئەپەندىمنىڭ دوستلىرى ، شاگىرتلىرى ،پەرزەنتلىرى ،ئۇرۇق -تۇققانلىرى مەخموت ئابلېز ئەپەندىمگە بەس-بەستە سوۋغا تەقدىم قىلدى
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسى 107.4 سەنئەت رادىئوسىنىڭ باش نازارەتچىسى ، ئۇيغۇر رادىيو دىراممىچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىكار سىنارىست،رېژىسسور ھەجەرگۈل قاسىم سۆز قىلدى
<شىنجاڭ مەدەنىيىتى >ژۇرنىلىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئول مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ،ژۇرنالىست ،شائىر ،نەسىرچى ،مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يوقىرى مۇكاپات-جۇڭگو تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بەگمەت يۈسۈپ ئەپەندى سەنئەتكار مەخموت ئابلېزغا بېغىشلانغان شېئىرنى ئوقۇماقتا
داڭلىق كىيىم لاھىلىگۈچى خانىش ھاپىز ئۆزى تەييارلىغان توننى مەخموت ئابلېز ئەپەندىمگە سوۋغا قىلدى
مەخموت ئابلېز ئەپەندىمنىڭ قىزى ،تونۇلغان ناخشىچى  سودىيەئاي دادىسىغا يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى ۋە <ئاللىما ئاللا يار بارمۇ> ناملىق ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزىرىغا سۇندى.
ياش كومپىزىتور ، يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى ،مەخموت ئابلېز ئەپەندىمنىڭ
كۈيئوغلى مەۋلان مەمتىمىن ناخشا ئورۇنلىماقتا
      قومۇل بۇلبۇلى دەپ نام ئالغان سادەت ھادى ، خەدىسگۈل ، ئىۋىرغول كۈيچىسى ئەركىن كېرەم ،تونۇلغان ناخشىچىلاردىن پەرىدە ئېلياس ، شەھرىزات قاتارلىقلار ئايرىم -ئايرىم نومۇر كۆرسەتتى .

 

ئاخىرىدا قىزغىن ناخشا سادالىرى ئىچىدە كۆپچىلىك مىللىي ئۇسسۇلغا چۈشتى


  تونۇلغان مۇقام سەنئەتكارى،ماھىر غىرجەكچى مەخموت ئابلېز ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىھالى :
      مەخموت ئابلېز1950-يىلى قومۇلنىڭ ئاستانە يېزىسىدا تۇغۇلغان .1958-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى شۇ يەردە ئوقىغان. 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە يېزا ،ناھىيە ،ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ئىشتىن سىرتقى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان . ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە ئېتىبارغا ئايلىنىپ 1976-يىلى 1-ئايدا قومۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان ، مەخموت ئابلېز قومۇل سەنئەت ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن پىشقەدەم ئۇستازلاردىن كەسپىي بىلىملەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ماھارىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتى .شۇ چاغلاردا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان (غېرىپ -سەنەم)،(غۇنچەم)،(گۈلنىسا)،(ۋەتەن قۇربانلىرى).......قاتارلىق دىراممىلاردا رول ئالدى ۋە مۇزىكا ئورۇنلاش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلدى.
     مەخموت ئابلېز 1978-يىلى <يۇرتىمىز گۈللەيدۇ مەڭگۈ> ،<ئايدىڭدا >قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە رەسىمي قەدەم قويدى، شۇندىن ئېتىبارەن ھازىرغا قەدەر 100گە يېققىن ناخشا-مۇزىكا ئىشلىدى .بۇ ئىجادىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى رادىئودا،ئاز بىر قىسمى تېلىۋىزوردا ئېلان قىلىندى.
     مەخموت ئابلېز 2005-يىلى پىنسىيگە چىققانغا قەدەر ئىجاد قىلغان ناخشا-مۇزىكىلاردىن ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەرخىل باھالاش پائالىيەتلىرىدە <قومۇل سۆيگۈسى >،<قومۇلنى كۆرۈڭ دوستلار >قاتارلىق ناخشىلىرى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، <مۇقاملىرىم >،<قەدىرلىگىن ھاياتنى>،<قىزىمغا >،<قار لەيلىسى>،<سالام ئۇستاز>،<چۆمدى قومۇل پەيزىگە>،قاتارلىقلار 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى .
   2002-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن <يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى قېتىملىق سەنئەت كۆرىكى>دە <بايرام ناخشىسى>ناملىق ناخشا ئالاھىدە ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
    1996-يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى بەدىئىي فىلىم <قومۇل بوستانلىقىدا نەزمە>،2005-يىلى ئىشلىگەن <قوغۇن يۇرتىدا مەشرەپ>قاتارلىق بەدىئىي فىلىمدە مەخموت ئابلېز مۇزىكا يېتەكچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ فىلىمنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن ئوڭۇشلۇق يۈز كۆرۈشىشىدە ئالاھىدە ھەسسە قوشتى.
     2002-يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مۇزىكا ئەترىتى يېڭى ياش كۈچلەرگە<قومۇل ئون ئىككى مۇقامى>نى ئۆگۈتىش كۇرسى تەشكىللىدى .مەخموت ئابلېز بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ پىشقەدەملىك سالاھىيتى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ <قومۇل ئون ئىككى مۇقام>نى بەش شەھەر ،ئون ئىككى تاغدىكى پۇراقلىرى ھەم ئورتاقلاشقان ،قېلىپلاشقان ، شەكلىدە كۇرسانتلارغا يەتكۈزدى ،2008-يىلى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسسى بىلەن قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىرلىشىپ <قومۇل ئون ئىككى مۇقامى>نى لېنتىغا ئېلىشتا مەخموت ئابلېزن مۇزىكا يېتەكچىسى ۋە مۇزىكا تەھررىرلىكىگە تەكلىپ قىلدى . ئۇ ھاردىم تالدىم دېمەستىن بىر تەرەپتىن نوتا يېزىپ بىر تەرەپتىن ئۆگەتتتى ھەم ئۆزىمۇ مۇزىكا چېلىش ،مۇقام ئېيتىشقا قاتنىشىپ <قومۇل ئون ئىككى مۇقامى>لېنتىسىنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا يەنە بىر كىشلىك ھەسسە قوشتى .
    2006-يىلى ئەركىن كېرەم بىلەن بىرلىشىپ قومۇل خەلق ناخشىلىرىدىن < ئايخېنىم سۈزۈك چىراي >،<بىدەرت داغەي>،<ئەي يار>، <يار سېنىڭ قەلەندەرىڭ بولاي>..........قاتارلىقلارنى رادىيو ۋە تېلىۋىزىيە ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە سۇندى .
    شۇنداقلا يېقىندا مەخموت ئابلېزنىڭ ئىجراسىدىكى <قومۇل مۇقاملىرىدىن ئارىيە> <شاھ يىگىت> ناملىق پىلاستىنكىنى ئىشلەپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى
    مەخموت ئابلېز ياخشى بىر سەنئەتكار بولۇپلا قالماي يەنە مۇنەۋۋەر ئاتا، ھازىر رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ھەتتا چەتئەللەردىمۇ يېقىملىق ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان سودىيەئاي مەخموت تەلەپچان ئاتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ بىرى .


   باغداش تور بېكىتىدىكى بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن مەخموت ئابلېز ئەپەندىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمىز .

   باغداش تور بېكىتى .
  2012-يىل6-ئاينىڭ3-كۈنى
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

چ چ: 654354470

55

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 2276
تۆھپە : 1591
توردىكى ۋاقتى: 1522
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 20:48:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇت ئابلېز ئاكامنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى مەن بەكمۇ ياقتۇرىمەن ۋە غىجەك چېلىش ماھارىتىگە قول قويىمەن. بولۇپمۇ ئىشلىگەن ئىجادىيەت ناخشىلىرىدىكى قومۇلغا خاس بولغان ئاھاڭ ۋە پۇراق ئۆزگىچە بولۇپ ، بىر ئاڭلاش بىلەنلا   تېكىست بىلەن ئاھاڭ ئۆزئارا جىپسىلاشقان  ناخشىلارنى قومۇللۇق ئىجادىيەتچىنىڭ ئەمگەك مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئاسانلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا مەھمۇت ئاكامنى قومۇل ئاھاڭلىرىنى ئەڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايدىغان ھەم قومۇل غىجىكىنىمۇ   ۋايىغا يەتكۈزۈپ سايرىتالايدىغان ، قومۇل ئون ئىككى مۇقامىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىجادىيەت ئىشلىيەلەيدىغان (ئۆزى ئىجات قىلىپ، ئۆزى چېلىپ، ئۆزى ئېيتالايدىغان) پىشۋا دىيىشكە بولىدۇ.
چ چ: 654354470
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

27

تېما

0

دوست

4604

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5169
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 950
تۆھپە : 788
توردىكى ۋاقتى: 683
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 00:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاكا !مەن خەۋەرسىز!بولمىسا چىقاتتىم!

23

تېما

0

دوست

4368

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1535
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 828
تۆھپە : 788
توردىكى ۋاقتى: 235
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غىجىگىڭنى ئاڭلىسا،
 بۇلبۇل قالىدۇ ئۇخلاپ،
ئۇزۇن ئەمەس ئارىلىق،
بىزمۇ بارىمىز يوقلاپ.
                                       
                   

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 10:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ، مۇبارەك بولسۇن ،
تون كىيىپسىز ئاق بوز ئاتتا مەخموت ئاكا ،
چاقارماپسىز بىزلەرنى يە ئاق بوز ئاتقا،
باراتتۇققۇ بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ.
ئۆتكۈزەمسىز يا داخۇيتاڭدا.                  مۇبارەك بولسۇن  ، مۇبارەك بولسۇن !

ئۇلۇغ ئاللادىن ئ

4

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   41.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5764
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5741
تۆھپە : 4302
توردىكى ۋاقتى: 1199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 15:07:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇت ئاكىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن

22

تېما

0

دوست

6339

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  618
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1378
تۆھپە : 1024
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 13:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇمۇل بوستانلىقىدا بەزمە ناملىق سەنئەت فىلىمى 1996-يىلى ئىشلەنگەن ،،،  1966-يىلى ئەمەس

0

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6738
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2012-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-7 13:57:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بەك كاتتا ئىش بوپتۇ. مەھمۇد ئاكا  ، تېنىڭىز سالامەت ، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )