مورسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاسپورتى بىكار قىلىندى

25 2013-07-22 13:13:30   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

خەلق تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،مىسىرنىڭ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان زۇڭتۇڭى موسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاسپورتى بىكار قىلىنغان بۇلۇپ ئۇلار ھېچقانداق دىپلوماتىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمان بۇلالمايدىكەن ،ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ مەنسۇر< دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى خەلق بەلگىلەيدىغانلىقى ، ۋاقىتلىق ھۆكىمەت دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى >بىلدۈردى .

مىسىر ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 18-چىسلادىكى خەۋىرىدە دىيىلىشىچە مۇ ئاينىڭ 3-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان زۇڭتۇڭ مورسى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ پاسپورتى بىكار قىلىنغان ۋە ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدىكى مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بىكار قىلىنغان .

مىسىردىكى تىراژى ئەڭ يۇقۇرى بولغان <ئەلئېھرام >گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ مەنسۇر تۈنۈگۈن مىسىرنىڭ دۆلەت ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلىۋىزىيە نۇتىقى سۆلىگەن بۇلۇپ مەنسۇر <بىز ھازىر مىسىر تارىخىدىكى ھالقىلىق ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمىز ،بەزىلەر مىسىر ۋەزىيىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى دەيدۇ ،ئەمما مېنىڭچە مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى تېخى مۇقىم ،بەزىلەر مىسىرنى ئۇرۇشقا ئىتتىرۋاتىدۇ ،ئەمما مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكىمىتى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ >دىگەن .

مەنسۇر 1953-يىلىدىكى مىسىر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشدىكى چوڭ ئىشلارنى ئەسلەپ ،<بەزىلەر ئالدامچىلىق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ يالغان شۇئار توۋلايدۇ ،ئۇلار دۆلەتنى ئازاپلىق رىئاللققا ئىتتىرىدۇ ،مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكىمىتى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدۇ >دىگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博