ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان بولدى

0 2013-07-23 11:18:41   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى 22 –ئىيون مۇنداق دىدى :" ئىسرائىلىيە پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، ئۇزۇن مۇددەت تۈرمىگە قامالغان، پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدۇ. " ئۇ كونكرېت قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى تىلغا ئالمىدى.
   فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىدۇ . ھازىر كېڭىشىش باسقۇچىدا تۇرماقتا .
   مەزكۇر ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى،:" قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان بۇ 80 نەپەر مەھبۇسنىڭ ھەممىسى 1993 – يىل ئوسرو كېلىشىمى ئىمزالىنىشتىن بۇرۇن قامالغانلار" . بىراق بۇ ئەمەلدار بۇ مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ قاچان چىقىرىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
   نېتانىياخۇ 21 – ئىيون مۇنداق دېدى، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ئىسرائىلىيەنىڭ " ھالقىلىق ئىستېراتىگىيەلىك مەنپەئىتى " گە ئۇيغۇن. نىتانىياخۇ ئۇزۇندىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان بۇ سۆھبەتنىڭ يېڭىۋاشتىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتى 2010 – يىل بۇزۇلغان ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرا، مۇساپىرلار، بىخەتەرلىك، يەھۇدىلار تۇرالغۇسى ۋە ئېرۇسالىم قاتارلىق خېلى كۆپ جەھەتلەردە ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ تېخى بىرلىككە كېلەلمىگەن .
     ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررى 19 – ئىيون مۇنداق دېدى: بىر قىسىم ئىنچىكە ھالقىلار گەرچە تېخىچە كېڭىشىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بارلىق ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولۇپلا قالسا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بۇندىن كېيىنكى بىر ياكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ۋاشىنگتونغا كېلىپ، دەسلەپكى سۆھبەتنى باشلىشى مۇمكىن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博