يانفوندا كۆرۈش
پەخرىيە ئامېرىكىدىكى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
لىۋېيخۇا
دەرۋەقە، ئامېرىكىدىكى بەزى مەكتەپلەرگەكىرسىڭىز، ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كۆپلىكىنى كۆرىسىز. بۇ دەۋىردە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغاكەلسەك، سانى كۆپ بولغاچقا، ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەھەتتە «ئاز سانلىق مىللەت»بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەر، بۇ يەردە چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ.
ھالبۇكى، جۇڭگو 56 مىللەت ياشايدىغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇماقتا. ئۇلارمۇ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغائوخشاش ئارزۇ- ئۈمىدلەر بىلەن كەلگەن، ئەمما ئۇلار ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا -- بۇ خىل زەربە نوقۇل دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىلا بولۇپ قالماستىن، مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ مەۋجۇت.
مەن جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خەنزۇ مۇخبىرمەن. راسىت گەپنى قىلسام، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرى توغرىسىدا ھېچقانچە خەۋىرىم يوق دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ ماقالىنى يېزىشتىكى مەقسىدىممۇھەرگىزچەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۈچۈر- بۈجۈرىگىچە تونۇشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھىكايىسىنى يېزىش ئارقىلىق بۇيۈزە كۆز قاراشلىرىم ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، شۇئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىشىغا تۈرتكە بولۇش، خالاس.
پەخرىيە
يېمەك- ئىچمەك پەخرىيە ئەشرەپ ئۈچۈن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەڭ كۆنەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېىتىنىڭ مۇھىت ئىلمى فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۆيىدىكىلەرگە سانسىز قېتىم بېيجىڭدىكى مۇسۇلمانچە تائاملارنىڭ پەقەتلا ئاغزىغا تېتىمىغانلىقىنى، بۇ تائاملارغا كۆنەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ، شۇ خىل مۇھىتتىن ئاغرىنغان. ئۇ بوستونغا كەلگەندىلا ئەينى يىللىرىدىكى كۈنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانابارئىدى، بېيجىڭدىمۇ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. مانا ئەمدى، ئۇئوقۇۋاتقان خارۋارد ئاممىۋىي سەھىيە ئىنىستېتوتى كامبىرىجنىڭ ئاساسلىق مەكتەپرايونىدىن خېلى يىراق، ئاشخانىلىرىدا مەخسۇس مۇسۇلمانچە يېمەكلىك رايونى تەسسقىلانمىغان، ئەتراپتىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارمۇ ھەم يىراق ، تائاملىرى ھەم قىممەت. ئۇ ھازىر كۈندە مەكتىپىگە ئۆزى تاماق ئاپىرىدۇ.
ئوقۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە مەشغۇلات ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى زىچ بولغاچقا،ئۇ ئۆزى تاماق ئېتىپ مەكتەپكە ئاپىرىشقا پەقەتلا ۋاقتى چىقمىغان، مەكتەپ تەمىنلىگەن تاماقنىمۇ يىمىگەن،چۈشلۈكى قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە ئالما يەپ كۈننى ئۆتكۈزگەن. ئۇ كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىغاچقا، ئۇيغۇرچە ئوقۇغان، ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىكەن، تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەمىر- مەرۇپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىكەن : ئۈچ ۋاخ تامىقى چوقۇم مۇسۇلمانچە بولۇشى كېرەك ئىكەن،مۇسۇلمانچە تاماق يوق ئاشخانىلاردىمۇ تاماق يېمەيدىكەن. مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بولۇش ئۈچۈن، چوشقا گۆشى -مېيى ئىشلىتىلمەيلا قالماستىن، گۆشى ئىشلىتىلگەن چارۋامۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە بوغۇزلىنىشى كېرەك. مۇسۇلمانچە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان باشقا خۇرۇچلارغىمۇ تەلەپ قويۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر يېقىن ساۋاقدېشى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پەخرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساۋاقدېشىنى بىللە بېرىپ تاماق يەپ كېلىشكە تەكلىپقىلغان، ئەمما پەخرىيە ئۇ يەرگە بارمىغان، چۈنكى ئۇ باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىسەۋەبلىك ئېچىلىپ -يېيىلىپ كۆڭۈللۈك ئولتۇرالماي قېلىشىنى خالىمىغان.
دىلفۇرە
ۋېرگىنىيەدە ئوقۇۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دىلفۇرە ئەركىن يېمەك -ئىچمەك مەسىلىسىدە قارىماققاسەل ئەركىن ئىكەن. بۇ قىز مۇنداق دېدى: سىرىتقا چىققاندا مۇسۇلمانچە ئاشخانا تاپالىساملا شۇ يەردە تاماق يەيمەن، لېكىن ئاشخانىدىكى قورۇما، يېمەكلىكنىڭ ھەقىيقى مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە تەييارلانغانلىقىنى ياكى ئۇنداق تەييارلانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، گاڭگىراپ يۈرگەندىن كۆرە، ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.
بۇ دىلفۇرەنىڭ ئۆسۈپ -يېتىلىش مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كىچىكىدىنلا خەنزۇچەمەكتەپتە ئوقۇغان، مەيلى قۇلۇم-قوشنىلىرى بولسۇن،ياكى ساۋاقداشلىرى بولسۇن، ھەرمىلەتتىن. كۆپچىلىكنىڭ ئۆرپ- ئادىتى ئوخشىمىغان ئىكەن، مادارا قىلىپ ئۆتۈپ،ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالغان.
دىلفۇرە مۇنداق دېدى: جۇڭگودا 56 مىللەت بار، شىنجاڭدىن ئۇنىڭ 54 ىنى تاپقىلى بولىدۇ. مىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى پارتىدېشىم خەنزۇ ئىدى،خەنزۇ دوستلىرىمۇ بەك كۆپ، چىرايىمنىڭ ئوخشىماسلىقىنىلا دېمىسەم، مېنىڭچە ھېچقانچە پەرقىمىز يوق.
چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش، پەخرىيە بىلەن دىلفۇرەنى بىر تال شاختا ئېچىلغان ئىككى قىزىل گۈلگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يىلتىزى، غولى بىر،ئەمما كەچۈرمىشى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆزگىچە تەسىراتقائىگە. مەسىلەن، دۆلەت ئىچىدە ئوقۇۋاتقاندا، تىل- ئەدەبىيات مۇئەللىمى بىر قېتىم پەخرىيە بار سىنىپتىكىلەرگە مۇنداق دېگەن: خەنزۇتىلى سىلەرنىڭ ئانا تىلىڭلار تۇرسا، ئۇنىمۇ ياخشى بىلمىسەڭلا، قانداقمۇ بىر ئادەم بولارسىلەر. بۇ گەپ پەخرىيەگە بەك تەسىر قىلغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلى ئىدى. كېيىن ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېىتىدا ساۋاقداشلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەن.
دىلفۇرەمۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۇقارقىدەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان، ئەمما ئۇ گەپلەرئۇنىڭغا ئانچە تەسىر قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: « سىنىپتا شۇنچە كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى بولغاندىكىن، كۆپچىلىك مۇئەللىمنىڭ گەپنى مەقسەتلىك بىرەرسىگە قارىتىپ دېمىگەنلىكىنى بىلگەچكە، ھېچقايسىمىز ئۆزىمىزگە ئېلىپ كەتمىگەن.»
مۇخبىر پەخرىيە بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكىنىگە يېرىم ئايچە ۋاقىت بولغانىدى. بۇ يېرىم ئايدا پەخرىيە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولغان. ئۇ ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ بولۇپلا يەنە مەكتەپنىڭ تەنتەبىيە سارىيىغابېرىپ، فىزىكلىق داۋالاش بۆلۈمىدە بويۇنىنى ئۇۋلاتقان ئىدى. ئۇ مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ناھايىتى روھلۇق ئىدى.
پەخرىيە دەسلەپ سەل قورۇندى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى توغرىسىدا سۆزلەۋېتىپ، بىردىنلا توختاپ،قوشۇمىسىنى تۇرۇپ، قانداق سۆز بىلەن ئىپادىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا سەل ئويلىنىۋالدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى ئەمەس -دە. ئۇنىڭ ئۇيغۇرقىزلىرىغا خاس بىر جۇپ چوڭ كۆزىدىن گەپ قىلمىغان چاغدىمۇ كۈلۈمسىرەش ئالامىتى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
پەخرىيەنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنى شىنجاڭ بويىچە تەبئىي پەن ئەليۇلئەلسى دېگەن نامى بىلەن باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشى سەل تەس. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇ دېمىسىمۇ كەمكۈتسىز داڭلىق كىشى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى قىلىنىپ، ئەسلىدىكى « مىللىيىچە ئوقۇغان كىشى» « خەنزۇچەئوقۇغان مىللىي»گە ئۆزگۈرۈپ قالغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئانا تىلى ئۇيغۇر تىلى بولغان پەخرىيە ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئۇيغۇرچە بەرمەي،خەنزۇچە بەرگەن. پەخرىيە مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا خەنزۇچە ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قوشۇپ بېرىلسىمۇ، قوشۇپ بېرىلگەن ئۇ نومۇر تىل جەھەتتىكى پايدىسىز شارائىتىمىزغا نىسبەتەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.»
يۇقارقىدەك شارائىتتىمۇ، پەخرىيە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شىنجاڭ بويىچە تەبئىي پەننىڭ ئەليۇل ئەلاسى بولغان. ئۇ ماتېماتكا ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئالغان. بىر ئازسانلىق مىللەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالا تۇرۇپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇپ، خەنزۇچە ئىمتىھانبېرىپ، شۇنداق ياخشى نەتىجە ئېلىشى ئۇيغۇرئاممىسى ئارىسىدا بەكلا تەسىر پەيداقىلغانىدى. بۇ ھال بالىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشتىن ۋاز كەچكەن ئائىلىلەرگىمۇ قايتىدىن ئۈمىد ۋە نىشان ئاتا قىلغانىدى.
نام- ئاتاقنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭ، ئادەمگە بېسىممۇ تەڭ چۈشىدۇ. پەخىرىيەنىڭ شىنجاڭدىن بېيجىڭغا،ئاندىن بوستۇنغىچە بولغان يولى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. لېكىن ئۇ شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ «كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن » كۆپچىلىكنىڭ سورىغان سۇئالىرىغا جاۋاپ بېرىشكە تېرىشىدۇ. بولۇپمۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىئۇنى ئىزدەپ بېرىپ، ئىنگىلىز تىلىنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى، خام سۆزلەرنى قانداقيادلىغانلىقى، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقانلار قانداق قىلغاندا، يان تېلېفۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى دېگەندەك ئىشلار توغرىسىدا ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى سورىغان. بۇنداق سۇئالنى سورايدىغانلار كۆپ بولغاچقا، ئۇ دەرھال بىر ئۈندىدارسالۇنىدىن بىرنى قۇرۇپ، سورالغان سۇئاللارغا ئارىلاپ- ئارىلاپ بىرلەشتۈرۈپلا جاۋاپبېرىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ يول پەخرىيە مۇنداق دېدى: ئۆيگە ھەر كۈنى ناھايىتى كەچتە قايىتپ كېلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئۈندىدار سالۇنۇمنى ئېچىپ، بەزى يېڭى مەسىلىلەرگەجاۋاپ يازىمەن، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ماڭا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، مىنى قوللاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇنداق تەسىرلىنىپ كېتىمەن.
ئامېرىكىغا چىققىنىغا يېرىم يىل بولمىغان پەخرىيە ئۈچۈن، ئوقۇش ئۇنىڭ چەت ئەل ھاياتىنىڭ زوربىر قىسىمى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياتاق،سىنىپ، ئاشخانا لىنىيەسىدىن چەتنىمەيدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش قارىماققا بەك مەنىسىزدەك تۇيۇلغان بىلەن، پەخرىيە ئۈچۈن ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان يوللارنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى :ئوقۇشىمىز بەك ئالدىراش،ھەر ھەپتىسى سىتودىنتلار گۇرۇپپىسىدا ئۇلار بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلىمىز. 1- قېتىملىق تەكراردا، بىز تەرەپتىكى پارتىدا يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن يەتتە قىز ئولتۇردى، كۆپچىلىك بىللە تەكرار قىلدۇق، يان تەرىپىمىدىكى پارتىلاردا 10 نەچچە خەنزۇ ئوقۇغۇچى ئولتۇردى، ئۇلار سۇئالنىڭ جاۋابىنى خەنزۇچە يېزىشتى، بىز بۇ تەرەپتىكىلەر ئىنگىلىزچە يازدۇق. مىنىڭ ياتاقدېشىم ماڭا چاقچاق قىلىپ، سىلەر جۇڭگولۇقلار ماتېماتكىغا ئۇستا بولغاندىكىن، سەن بېرىپ ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئېلىپ كەلسەڭ، بىز توغرىلىۋالساق بولمامدۇدېدى.
ئالدىنقى قېتىملىق ئىستاتىستىكا ئىمتىھانىدا،پەخرىيە 99% نومۇر ئالغان. ئۇ مۇخبىرنىڭ تەكرارقىلغاندا،نېمىشقا خەنزۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرمايدىغانلىقى توغرىسىىكى سۇئالىغا جاۋاپ بەرمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى نۇرغۇن خەنزۇ ساۋاقداش ۋە دوستلاربىلەن تونۇشتۇرۇپ قويالايدىكەن. ئۇ بوستۇندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپتۇ. كۆپچىلىك بىر يەرگە كەلسە بىربىرىگە ناھايىتى قىزغىن ئىكەن، ئۇيغۇرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرگەتونۇشتۇرىدىكەن.
پەخرىيەنىڭ مۆلچەرىچە، بوستۇن رايونىدىلا ئاز دېگەندىمۇ 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇۋېتىپتۇ.بۇ سان گەرچە ماسساچۇستىس ئىشتاتىدىكى 55 مىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئاز ھېساپلانسىمۇ، لېكى پەخرىيە ئۈچۈن ناھايىتى يېقىن بىر كۆللىكتىپ ھېساپلىنىدىكەن.
پەخرىيە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇقلار توپىغا شۇنداقلا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلار توپىغا تەۋەلىكىمدىن شۇنداق پەخرلىنىمەن،ھازىر ئامېرىكىلىق دوستلىرىممۇ بار، لېكىن ئۇنچە كۆپ ئەمەس.
مۇئەللىپ «شىمالىي ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى
Tags: