بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش (1-بۆلەك)

بىلىمخۇمار: ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش (1-بۆلەك)

ۋاقتى: 2015-01-25 ئاۋاتلىقى: 2164 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
مەن مەزكۇر يازمىدا ياسىر قازىنىڭ «ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش-ئۆزگىرىش ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن لېكسىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ يازمىنى «دىن ۋە زامانىۋىلىق» دېگەن ماقالىنىڭ داۋامى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ياسىر قازى بۇ لېكسىيەنى 2013-يىلى 7-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا تېننىسى ئىشتاتى مېمفىس شەھىرىدىكى «مېمفىس ئىسلام مەركىزى» دە سۆزلىگەن. 
مەن بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا پەقەت ياسىر قازىنىڭ لېكسىيەسىدىكى مەزمۇنلارنىلا تونۇشتۇرىمەن. ئەگەر ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن.

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازى لېكسىيەسىنىڭ مەزمۇنى.
1. قەھۋەنىڭ تارىخى
مەن «ئاق شاكىلات موكا» (white chocolate mocha) ماركىلىق قەھۋەنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، قولۇمدىكىسى راست قەھۋە بولماستىن، شۇنىڭ ئورنىدا تەييارلانغان ئىچىملىك. ئەمما ئۇ قەھۋەنىڭ رولىنى دېگەندەك ئالالمايدىكەن. بۇنىڭدىن بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى مەن مەككىگە بارغاندا ئاشۇ قەھۋەنى ھەر كۈنى ئىچتىم. ئەمما، ئەگەر مەن بۇنىڭدىن 500 يىل ئىلگىرى مەككىدە قەھۋە ئىچكەن بولسام، مەككىدە قەھۋە ئىچكەنلىك گۇناھىم ئۈچۈن مەن تۈرمىگە تاشلانغان، بىر سوتچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلىپ جازالانغان، قامچىلانغان ۋە ئۇرۇلغان بولاتتىم. 

ئىنگلىزچىدىكى «قەھۋە» (Coffee) دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى «قاھۋاھ» (قهوة) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ «قاھۋاھ» دېگەن سۆز بولسا ئېفىيوپىيە (Ethiopia) نىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان «كافا» (Kaffa) دېگەن يەردە بايقالغان بولۇشى مۇمكىن. 12- ياكى 13-ئەسىرلەردە بەزى يەمەنلىك سودىگەرلەر ئېفىئوپىيەگە بېرىپ، كافا دېگەن يەردىن قەھۋە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماشلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى يەمەندىمۇ ئۆستۈرۈشكە باشلايدۇ. ئاشۇ ماشتىن ياسالغان قەھۋە يەمەندە ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ، ئۇ ماشنى باشقا زېمىنلارغىمۇ ئېكسپورت قىلىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا ئېكسپورت ئىشلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان شەھەرنىڭ ئىسمى «ئەلمۇقا» بولۇپ، ئۇ شەھەر ئېكسپورت ئىشلىرىدا ھازىرمۇ ناھايىتى داڭلىق. ئەلمۇقادىن سىرتقا ئېكسپورت قىلىنغان ۋە ئەلمۇقادا ئىشلەنگەن قەھۋە كېيىنچە «موكا» دەپ ئاتىلىپ قالغان. 

شۇنىڭدىن كېيىن قەھۋە ئاستا-ئاستا باشقا ئەرەب ئەللىرىگىمۇ تارقىلىدۇ. ھەمدە ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە (Venice) شەھىرى ئارقىلىق ياۋروپاغىمۇ بارىدۇ. دېمەك، قەھۋەنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەرەبلەر بىلەن، بولۇپمۇ يەمەنلىك ئەرەبلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا 19-ئەسىرلەردە سېتىلغان قەھۋەلەرنىڭ ئىچىدە قۇتىلىرىنىڭ سىرتىدا بىر گۈزەل ئەرەبچە كىيىنگەن قىزنىڭ سۈرىتى بارلىرىمۇ بار. ھازىر سېتىلىۋاتقان داڭلىق قەھۋە ماركىلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئىسمى «ئەرەبىستان مېشى» بىلەن باشلىنىدىغانلىرى بار. بۇنىڭ سەۋەبى، ھازىر پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان قەھۋەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنلەر ئاشۇ ئەرەبلىكلەر ياكى مۇسۇلمانلاردۇر. 

ئەمما، قەھۋە ھەر ۋاقىت ھازىرقىدەك داڭلىق بولغان ئەمەس. قەھۋە 15-ئەسىردە ئوسمانلى زېمىنىغا كىرگەندە، ئۇ يەردىكى زىيالىيلار بىر تەرەپتىن قەھۋەنى ئىچىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى ئىچسە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قەھۋە مەككە بىلەن مەدىنەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بىزنىڭ تارىخىي كىتابلىرىمىزدا دېيىلىشىچە، 1511-يىلى قەھۋە مەككىگە ئاللىقاچان تارقىلىپ بولغان. بىر كۈنى بىر زىيالىي كەبىدە تاۋاپ قىلىۋاتقاندا، بىر گۇرۇپپا ياشلارنىڭ بىر بۇلۇڭدا بىر خىل گۇمانلىق ئىچىملىكنى ئىچىپ، پاراڭلىشىپ-كۈلۈشۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياشلارنىڭ قېشىغا كېلىدۇ. بۇ ياشلار دەرھال قولىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە مۆكتۈرۈشكە باشلايدۇ. ھېلىقى زىيالىي ئۇلاردىن «بۇ نېمە؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار بولسا ئىچىۋاتقىنىنىڭ قەھۋە ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زىيالىي بۇ بالىلارنى قولغا ئالغۇزۇپ، ئۇلارنى سوتقا چاقىرىدۇ. ئۇ چاغدا ھەر قېتىم بىر پەتىۋا چىقىرىدىغاندا، ئۇنىڭغا سۈننىدىكى 4 چوڭ مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆلىما ۋەكىللىرى كېلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇنازىرە بىر-ئىككى كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «قەھۋە ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ يىغىلىشقا گۇۋاھچىلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە دوكتورلار بولۇپ ھەر خىل ساھەلەرنىڭ ئادەملىرىنى چاقىرتىپ كېلىنىدۇ. بۇ مۇنازىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلىمالار «قەھۋە مەست قىلىدىغان ئىچىملىك، قەھۋە بىر خىل مۇسكىر» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، مۇنداق بىر پەتىۋا چىقىرىدۇ: قەھۋە ئىچىش ۋە سېتىش ھارام بولۇپ، قەھۋە ئىچكەنلەر تۇتۇۋېلىنسا، ئۇلار قامچىلىنىشى ۋە ئۇرۇلۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم جازالار ھەقىقەتەنمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ. 1544-يىلى ئوسمانلى خەلىپىسى بۇ پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، قەھۋەنى رەسمىي ھالدا «ھارام ئىچىملىك»، دەپ جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن «قەھۋە ھارام» دەيدىغان پەتىۋالار ھەممە يەردە ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ 16- ۋە 17-ئەسىرلەردىكى ئىشلار بولۇپ، ئۇ چاغدا قەھۋە ھەققىدە ئىنتايىن كۆپ پەتىۋالار چىقىرىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىبىن تەيمىيە (1263 - 1328) ۋە ئىبىن ھەجەر (1372 - 1449) قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ قەھۋە ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر. سەۋەبى بۇ زىيالىيلار قەھۋە ھەققىدە پەتىۋالار چىقىرىلىشتىن جىق بۇرۇن ياشىغان ئىدى. 

ئاشۇ ۋاقىتتا مەككە، مەدىنە ۋە قاھىرە شەھەرلىرىدە قەھۋەخانىلار تاقىلىپ، قەھۋە ئىچكەن بىر قىسىم كىشىلەرگە تەن جازاسى يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا داڭلىق دىنىي زىيالىيلار تەرىپىدىن قەھۋە ھەققىدە يېزىلغان بىر قىسىم داڭلىق كىتابلارمۇ بار. مەلۇم بىر زىيالىي ھەتتا «قەھۋە يالغۇز ھارام بولۇپلا قالماي، ئۇ بىر بىدئەت» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 

سودىگەرلەر ئەڭ دەسلەپتە قەھۋەنى ئېفىئوپىيەدىن يەمەنگە كىرگۈزگەندە، قەھۋەنى ئەڭ دەسلەپتە ئىچىپ ئادەتلەنگەنلەر بىر توپ سوفى تەرىقەت (Sufi Tariqas) لار بار بولۇپ، ئۇلار كېچىلىرى ئىبادەت قىلىش جەريانلىرىدا ئۆزلىرىنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن قەھۋە ئىچكەن. شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن قەھۋە ئىچىش ئۆز ئىبادەتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. شۇڭلاشقا بەزى زىيالىيلار قەھۋە ئىچىشنى بىدئەتكە چىقىرىۋەتكەن. 

گەرچە ئۇ چاغدا قەھۋەنى ھارامغا چىقىرىش ئاساسىي ئېقىم بولسىمۇ، بىر قىسىم زىيالىيلار ئۇنداق قىلىشقا قوشۇلمايدۇ. 17-ئەسىردىكى ياۋروپانىڭ داڭلىق مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى بولغان فرانشىس بەيكىن (Francis Bacon، 1561 - 1626) 1626-يىلى مۇنداق دەپ يازغان: «تۈركلەر قەھۋە كۆڭۈلنى روھلاندۇرىدىغان ۋە قالايمىقانلاشتۇرىدىغان بىر نەرسە، دەپ قارايدۇ.» ئەينى ۋاقىتتا پەتىۋالار بىر ئىشنى دەپ، جەمئىيەت بولسا ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئىشنى قىلىدۇ. پەتىۋالار «قەھۋە ھارام» دەيدۇ، ئەمما كىشىلەر قەھۋەنى ئىچىۋېرىدۇ. ئۇلار بەزىدە مەخپىي ئىچىدۇ، بەزىدە بولسا ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاشكارا شۇنداق قىلىدۇ. 17-ئەسىرگە كەلگەندە قەھۋە ئىچىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. 

تارىخىي كىتابلاردا مۇنداق بىر ھېكايە بار. ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما ھېكايىدە مۇنداق دېيىلگەن: قەھۋە ئىچىدىغان بىر دىنىي زىيالىي قەھۋەگە قارشى تۇرىدىغان يەنە بىر گۇرۇپپا زىيالىيلارنى بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدۇ. يىغىن مۇنازىرە جەريانىدا ئۇ قالغانلارغا بىلدۈرمەي قەھۋە قۇيۇپ بېرىدۇ. شۇ كۈنىدىكى بەزى فىقھى مەسىلىلەر ئۈستىدىكى مۇزاكىرە ئۇلار بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ. نەچچە سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ، يېرىم كېچە بولغاندا، ھېلىقى زىيالىيلاردىن بىرى سورايدۇ: «سەن بىزگە نېمە بەردىڭ؟ بۇ ئىچىملىك ھەجەپمۇ ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرۈۋېتىدىكىنا؟ بۈگۈنكى مۇزاكىرىمىز ھەجەپمۇ ئۈنۈملۈك بولۇپ كەتتىغۇ؟» شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ساھىبخان ئۇلارغا «سىلەرنىڭ ئىچىۋاتقىنىڭلار سىلەر ھارامغا چىقارغان قەھۋە بولىدۇ»، دەيدۇ. 

بۇ ھېكايە قانچىلىك راست، ئۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى گەپ، تارىختىكى بىر ۋاقىتلاردا، ئاساسىي ئېقىمنى تەشكىل قىلغان كونسېرۋاتىپ زىيالىيلار، يەنى بۇرۇنقى قائىدىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ئۆزگىرىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان زىيالىيلار قەھۋەنى ھارامغا چىقىرىدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكى يەنە بىر قىسىم زىيالىيلار بولسا قەھۋە ھارام ئەمەس، دەپ قارايدۇ. قەھۋەنى ھارام ئەمەس، دەپ قارايدىغانلارنىڭ سانى تەدرىجىي ھالدا كۆپىيىپ، كېيىن ھەممە يەرلەردە قەھۋەخانا قۇرۇلۇپ كېتىدۇ. قەھۋەخانا زىيالىيلار ئۈچۈنمۇ بىر داۋاملىق يىغىلىپ مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. «قەھۋە ھارام» دېگەن پەتىۋالار بولسا بىر تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ. 

داۋامىنى كېيىنكى يازمىدىن كۆرۈڭ....
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى