بىلگىلەر (بىلگەلەر) يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شۆھرەت مۇتەللىپ: خوندىرىئوسوملۇملۇق ئېرسىىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىخ-ھۆجەيرىلىرىنى گېنتىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش

شۆھرەت مۇتەللىپ: خوندىرىئوسوملۇملۇق ئېرسىىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىخ-ھۆجەيرىلىرىنى گېنتىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش

ۋاقتى: 2015-01-25 ئاۋاتلىقى: 2737 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھەممىڭلارنىڭ قەدىم تەشىرىپ قىلغىنىڭلارغا رەھمەت! بۇ قېتىملىق ئىلمىي پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ مېنى تەكلىپ قىلغىنىغا رەھمەت! مەن «ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ئىلمىي يىغىنى» توغرىسىدا ئۆتكەن يىل ئاڭلىغان ئىدىم. ئەپسۇس، مەن بۈگۈنكى دوكلاتىمنى پەقەت ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرمەن، چۈنكى ئىلمىي ئاتالغۇلارغا كەلگەندە، نۇرغۇن ئۇقۇملارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلمەيمەن. بىراق مەن ناھايىتى ئاستا سۆزلەشكە تىرىشىمەن. بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېنگىلىزچىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا سىلەرنى چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. دوكلاتىمنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىڭ تېخنىكىلىقى يۇقىرىراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن چۈنكى مەن بۇ دوكلاتىمدىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى بىر ئىلمىي يېغىندا سۆزلەپ شۇ يەردىن ئۇدۇللا بۇ يىغىنغا كېلىشىم، ئەمما مەن ئەڭ ئاددىي ئۇقۇملار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمەن.
مەن ئۇزۇندىن بىرى ئاساسلىقى ئىككى چوڭ تەتقىقات ساھەسىدە ئىشلەپ كەلدىم: بىرى، غول ھۆجەيرە ساھەسى، ئىنچىكە قىلىپ ئېيتسام، بىز بەدىنىمىزدە بولمىغان ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدۇق؛ يەنە بىرى، گېندىكى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەمتۈكلەرنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىقى خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىۋاتىمەن.
خوندىرىئوسوم بولسا ھەر بىر ھۆجەيرىدە بولىدىغان ھۆجەيرە ئاپپاراتى. ئۇلارنىڭ خوندىرىئوسوملۇق DNA يەنى mtDNA دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزىنىڭ گېنلىرى بار. بىز ئىنسانلار ۋە كۆپ قىسىم ھايۋانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىككى يۈرۈش گېنومى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى: يادرو گېنومى بولۇپ، بىز بىلىدىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم گېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە بىرى: خوندىرىئوسوم گېنومى بولۇپ ئۇلار يادرو گېنلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھۆجەيرە يادورسى ئەمەس ھۆجەيرە سىتوپلازمىسىغا جايلاشقان چەمبەر شەكىلىدىكى كىچىك DNA لاردىن ئىبارەت. ئەمما خوندىرىئوسوم بىز قىلىدىغان ھەر بىر ئىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم رولى بار. ئاددىيسى، مەن ھازىر سىلەرگە سۆز قىلىۋاتقىنىمدا توختىماي ھاۋادىن نەپەس ئالىمەن ۋە توختىماي شۇنداق قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ ھۆجەيرىلىرىمدىكى خوندىرىئوسوملار ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق. خوندىرىئوسومنىڭ رولى بولسا ئوكسىگېن ۋە بىز يىگەن يېمەكلىكلەردىن كەلگەن گىلۇكوزىنى ATP دەپ ئاتىلىدىغان ئۇنېۋىرسال ھالدا بەدىنىمىز، جۈملىدىن بارلىق ھۆجەيرىلىرىمىز ھەر بىر فونكىسىيەسىنى ئېلىپ بېرىشتا بولمىسا بولمايدىغان بىر مولىكۇلاغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، خوندىرىئوسوم ھاياتلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ تۈپكى بىر فونكىسىيەنى ئۆتەيدۇ. ئېيتقىنىمدەك، mtDNA ناھايىتى پەرقلىق بولۇپ، بىز تېخى ئەمدىلەتىن mtDNA نىڭ قانداق قىلىپ فونكىسىيەسىنى جارى قىلدۇردىغانلىقىنى تېپىپ چىقىۋاتىمىز. دېمىسىمۇ، بۇ گېنلار يادرو گېنلىرىغا قارىغاندا تولىمۇ كېچىكىپ بايقالغان.
بىز پەقەت ئانىمىزنىڭ خوندىرىئوسوملۇق گېنلىرىغا ۋارىسلىق قىلىمىز. چۈنكى پەقەت تۇخۇم ھۆجەيرىسىلا خوندىرىئوسوملۇق گېنىنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىسپىرما ھۆجەيرىسى خوندىرىئوسوم گېنلىرى ئۈچۈن ھېچقانداق تۆھپە قوشمايدۇ. يەنە بىر قىزىقارلىق ھادىسە شۇكى، بىزنىڭ ئاتىلىق خوندىرىئوسوم گېنلىرىمىز بولمىغاچقا، خوندىرىئوسوم گېنومىدا قايتا گۇرۇپىلىشىش ۋە ئارىلاشما تەنچە بولۇش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. ئادەتتە خوندىرىئوسوم گېنومى ئەجدادتىن ئەۋلادقا شۇ پېتى ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق دېيىش توغرا ئەمەس، ھېچبولمىغاندا مېنىڭ تەجرىبىخانامدا بىز تۇخۇم ھۆجەيرىسىنىڭ خوندىرىئوسوم گېنومىدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە خوندىرىئوسوملۇق گېنومنىڭ ھەر قايسى جانلىق تۈرلىرىدە تەدرىجىي تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىمىز. قىزىقارلىق يېرى، ھەر بىر ھۆجەيرىدە مىڭلىغان خوندىرىئوسوملار بولىدۇ، دەل مۇشۇ سەۋەب بىزنىڭ ھەر بىر ھۆجەيرىمىزدە ئون مىڭ نۇسخا خوندىرىئوسوم گېنومى بار بولۇشىنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلغان. mtDNA نىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ئەسلىدىن چوڭراق بولىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا يادرو گېنلىرىغا قارىغاندا توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنىڭ سانىمۇ كۆپرەك. نەتىجىدە خىلمۇ-خىل گېن ئۆزگىرىشلىرى خوندىرىئوسومدا يىغىلىپ قالىدۇ.
خوندىرىئوسوم گېنلىرىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى ھۆجەيرىنىڭ ئېنىرگىيە ئىشلىتىش ئەھۋالىغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا يۈرەك، مېڭىگە ئوخشاش ناھايىتى كۆپ ئېنىرگىيە ئىشلىتىدىغان توقۇلمىلاردىكى ھۆجەيرىلەر خوندىرىئوسوم ئارقىلىق ناھايىتى ئاسان زەخمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلار تېز قېرىيدۇ، شۇڭا قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى قېرىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر شۇ توقۇلمىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ مەسىلەن، يۈرەك تىقىلمىسى ياكى مېڭە قان-تومۇر يېرىلىش دېگەندەكلەر.
بۇ خىل قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئادەتتە خوندىرىئوسومدىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىز يەنە تۇخۇمدىكى توساتتىن ئۆزگەرگەن خوندىرىئوسوملۇق گېنلار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ ئانىدىن بالىغا ئۆتۈدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىمىز. خوندىرىئوسوملۇق گېن ئۆزگىرىشلىرى بەدەننىڭ ھەر بىر قىسمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ چۈنكى بەدەندىكى بارلىق ھۆجەيرىلەر ھەر ۋاقىت ئېنىرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن بۇ گېنلار دائىم ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. لىكىن بۇ گېن ئۆزگىرىشلىرى يەنىلا ئاساسلىقى ئەڭ كۆپ ئېنرگىيە ئىشلىتىدىغان ئەزالارغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەپسۇس بۇ ئەزلار بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم ئورگانلاردىن مېڭە، يۈرەك ۋە باشقا بىر قىسىم ئەڭ زۆرۈر ئورگانلار بولۇپ قالغان.
خوندىرىئوسوملۇق گېن ئۆزگىرىشلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئەۋلادقا ئۆتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تولىمۇ قىيىن مەسىلە. چۈنكى بۇ گېنلاردىكى توساتتىن ئۆزگىرىش بىر ھۆجەيرە ئىچىدىكى ئوخشاش گېننىڭ بارلىق خوندىرىئوسوملۇق DNA نۇسخىلىرىدا تېپىلمايدۇ؛ تەپسىلي چۈشەندۈرسەم، بىر ھۆجەيرىنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن ۋە ساغلام ئىككى خىل خوندىرىئوسوم تىپىدىن تەركىب تاپقان قىسمىدا تېپىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نىسبىتى كېسەلنىڭ ئىپادىلىنىشى ياكى ئىپادىلەنمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، بۇ رەسىمدىكى قىزىل رەڭدە ئىپادىلەنگەن «ئانا»دا خوندىرىئوسوملۇق كېسەل بار، ئەمما ئۇ ئىككى قىزىغا پەقەت تۆۋەن نىسبەتتىكى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25 ۋە %40 لىك گېنى ئۆزگەرگەن خوندىرىئوسوملارنىلا ئېرسىيەت قالدۇرغان. شۇڭا بۇ ئىككى قىزىدا فىنوتىپ جەھەتتىن كېسەل ئىپادىلىنىپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كېسەلنى ئىككىنچى ئەۋلاقا قالدۇرغان. مەسىلەن، بۇ رەسىمدىكى ئوغۇل بالىنىڭ %85 خوندىرىئوسوم گېنى توساتتىن ئۆزگەرگەن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، تۆۋەن چەك %50 ياكى %60 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە يۇقىرىدىكى ئوغۇل بالىدىكىگە ئوخشاش كېسەل ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بۇ خىل خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنىڭ ئېرسىيەت قىلىشى ناھايتى مۇرەككەپ بولۇپ، بالىلىرىغا ئېرسىيەت قىلىش-قالماسلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
بىز بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچەپ كېلىۋاتىمىز. مەسىلەن، ئەگەر بىر ئائىلىدە بۇ خىل توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلار بولسا ھەم بىر بالىسىغا ئېرسىيەت قالغان بولسا، كېيىنكى بالا ساغلام تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ مەسلىگە قارىتا، بىزنىڭ ئويلىغىنىمىز بولسا بىز ئالدىنئالا كېسەل ئېرسىيەت قالىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ۋە بۇ گېندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تۆرەلمىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇنلا داۋالىساق بولىدۇ. بۇ خىل خوندىرىئوسوملۇق گېنلار پەقەت تۇخۇم ئارقىلىق ئېرسىيەت قالىدۇ، ئايال تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى تەمىنلەيدۇ. 
دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئىسپىرمىدىن ئازراقمۇ خوندىرىئوسوم تۆرەلمىگە كىرمەيدۇ. ئانا تۇخۇمىدىكى بارلىق خوندىرىئوسوملار بالىغا قالىدۇ.  بىز مۇنداق بىر ئامالنى ئويلاپ چىقتۇق: بىز خوندىرىئوسوم گېنلىرىنى ئالماشتۇراساق بولىدىغۇ؟ مەسىلەن، بۇ بىر خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن تۇخۇم بولسا، بىز بۇ تۇخۇمنىڭ يادروسىنى ئايرىۋېلىپ ئۆزگەرگەن گېنلار جايلاشقان سىتوپلازمىسىنى تاشلىۋەتسەك، ئاندىن باشقا بىر ساغلام سىتوپلازما تەقدىم قىلغۇچى تۇخۇمدىن بىرنى تېپىپ شۇ تۇخۇمنىڭ سىتوپلازمىسى بىلەن ئانا بولغۇچىنىڭ ھۆجەيرە يادروسىنى بىرلەشتۈرسەك بولىدۇ. شۇنداق قىلساق بىز يېڭى بىر سۈنئىي ھۆجەيرە ھاسىل قىلغاننىڭ ئورنىغا، پەقەت باشقا بىر تەقدىم قىلغۇچى تۇخۇمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەسلىنى ھەل قىلالايدىكەنمىز. بۇ خۇددى ئەزا تەقدىم قىلىش ياكى توقۇلما تەقدىم قىلغاندەكلا ئىش، پەقەت بۇ خىل داۋالاشتا ئۇنىڭ ئورنىغا تۇخۇم ھۆجەيرىسى تەقدىم قىلىنسىلا بولىدۇ. بۇ دەل نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بىز تەتقىق قىلىۋاتقان نەزەرىيەدۇر. 
ئەلۋەتتە، بىز ئالدى بىلەن ھايۋانات مودىلىنى ئىشلىتىپ بۇ پەرىزىمىزنى سىناق قىلدۇق ۋە بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى غەلبىلىك ھالدا مۇئەييەنلەشتۇردۇق. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ «بىرلەشمە» تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى ئىسپىرما بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇپ ھاسىل بولغان تۆرەلمىنى تۇخۇم ھۆجەيرە يادروسىنى تەقدىم قىلغۇچى ئانا مايمۇننىڭ بەدىنىگە كۆچۈردۇق. بۇ رەسمىدىكىلىرى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تۇنجى قېىتم تۇغۇلغان مايمۇن بالىلىرى: مايىك ۋە چۈرەكىر. بۇ ئىككىلىىسى ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسىدىكى گېنى ئۆزگەرگەن خوندىرىئوسوملار پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان.
شۇنىڭدىن كېىيىن، بىز مۇشۇ ئۇسۇلدا يەنە بىر نەچچە مايمۇنلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆپەيتتۇق. بۇ رەسىم ئۇلارنىڭ ئەمدى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى سۈرىتى، ماۋۇ ئۇلار 3-ئايلىق بولغاندىكى سۈرەت. بىز ئۇلارنىڭ ھېچقانداق كېسىلى يوقلۇقىنى ۋە ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ خوندىرىئوسوم گېنلىرى پۈتۈنلەي ساغلام گېنلارغا ئىگە خوندىرىئوسوملار بىلەن ئالماشتۇرۇلغان، ھەم كېيىنكى مەزگىلدىمۇ بۇ خىل گېن ئۆزگىرىشلەر ئۇلاردا قايتا كۆرۈلمەيدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتپ بەردۇق. بۇ تەتقىقاتلار گانگى دەريا مايمۇنىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، نەتىجىسى 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان. ھازىر بىز بۇ داۋالاشنى ئىنسانلار ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز مايمۇنلاردا تەتقىقات ئېلىپ بارىمىز، مايمۇنلار ئىنسان ئەمەس-پىرىماتلار تىپىدىن بولۇپ ئۇلار بىزگە ناھايىتى يېقىن بىر تۈردۇر. ئادەتتە مايمۇنلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سىناق نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىنى ئاسانلا ئىنسانلارغا كۆچۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. گەرچە تەتقىقاتقا مايمۇن مودىلىنى ئىشلىتىش ناھايىتى قىممەت توختىسىمۇ، تەلىيمگە يارىشا مەن ئورىگون شىتاتىغا جايلاشقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزىىنىڭ بىرىدە ئىشلەيمەن. ئۇ يەردە بىز ئىشلەتسەك بولىدىغان 2000 دىن ئارتۇق مايمۇنلار بار.
بىز مايمۇنلاردا بۇ تەتقىقاتنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ھېچبولمىغاندا بۇ تەتقىقاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىنسان ھۆجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدۇق. بۇ ئەھۋالدا، بىزگە ئىنسان تۆرەلمىسىنى بىمارغا كۆچۈرۈشكە تولۇق رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن بىز تەن سىرتىدا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تۆرەلمىلەرنى يىتىشتۈردۇق. بۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا مايمۇندىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خوندىرىئوسوم گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ئېلىپ يۈرگۈچى بىمارلارنى ۋە ساغلام سىتوپلازما ياكى ساغلام خوندىرىئوسومى بار تۇخۇم ھۆجەيرىسى تەقدىم قىلغۇچىلارنى تاپتۇق. بىز خوندىرىئوسومنى ئالماشتۇرۇغاندىن كېيىن يېتىلگەن ئىنسان تۆرەلمىسىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى خوندىرىئوسوم گېنلىرىغا ئىگە ساغلام تۆرەلمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق ۋە بۇ تۆرەلمىلەردىن بوۋاقلارنى يېتىشتۈرۈش ئورنىغا بۇ تۆرەلمىلەردىن غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئېلىپ شۇ غول ھۆجەيرىلەردە بىر قاتار سىناقلارنى ئىشلىدۇق. بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى: «خوندىرىئوسوملۇملۇق ئېرسىىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىخ-ھۆجەيرىلىرىنى گېنتىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش». چۈنكى بىز بىخ-ھۆجەيرىلىرى (تۇخۇم ياكى ئىسپىرما ھاسىل قىلىدىغان كۆپىيىش ئانا ھۆجەيرىلەرنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن ھەپىلىشىۋاتىمىز، بۇ ھۆجەيرىلەر ئېنىقلا كېيىنكى ئەۋلادقا ئۆتىدۇ. بۇ يەردە ئەخلاق مەسلىسى بار بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەشغۇلاتلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەردە چەكلەنگەن چۈنكى ئالىملار دەسلەپتە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ھايۋانلاردىن يېڭى قايتا گۇرۇپپىلانغان DNA نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئىنسانلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ ۋە كەلگۈسىدە گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئىلغارلاشتۇرۇلۇپ يېتىشتۈرۈلگەن ئىنسانلار بارلىققا كېلىدۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلىغان. گەرچە، بىزنىڭ بۇ ئۇسۇلدا پەقەت خەتەرلىك كېسەللەرنىڭ گېنىدىكى ئۆزگىرىشىلەرنى داۋالاشىنىلا مەقسەت قىلساقمۇ، دەپ ئۆتكىنىمدەك نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرى بىخ-ھۆجەيرىلىرى ئۈستىدىكى ھەر قانداق مەشغۇلاتنى قەتئىي چەكلەيدۇ، مەسىلەن، ئەنگىلىيە.
بۇ مەشغۇلات ۋۇجۇدقا كېلىپ بىز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ بەرگەندى كېيىن، بەزى ھۆكۈمەتلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ئۆزگەرتىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ بۇ توغرىدىكى قانۇنىنى ئۆزگەرتىشتىكى تىرىشچانلىقى مانا ھازىر ئىككىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. بۇ قانۇن ئۆزگەرتىش پەقەت خاس ھالدا خوندىرىئوسوملۇق گېن توساتتىن ئۆزگىرىشلىرى ئۈستىدە بولىدۇ چۈنكى بىزنىڭ بۇ تېخنىكىمىز كارغا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئەنگىلىيە كېلەر يىل ئىچىدە بۇ مەشغۇلاتنى قانۇنلۇق قىلىدىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتىدۇ. مەن بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن ھايۋانات سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرىدا ئىنسانلاردا سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. بىز بۇ تېخنىكا بىخەتەرلىك ۋە ئۈنۈم جەھەتلەردىن قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بىر تېخنىكا دەپ قارايمىز.
ئامېرىكىدا، مەن FDA (ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى) بىلەنمۇ ئالاقىلاشتىم ۋە پات ئارىدا كىلىنىكىلىق سىناقنى باشلاش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ كىلىنىكىلىق سىناقنىڭ قانداق باشقۇرىلىدىغانلىقى ۋە قانداق شەرتلەر ئاساسىدا ئېلىپ بىرىلىدىغانلىقىغا قارار چىقىرىلىدىغان بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلماقچى. مېنىڭ كېلەر يىلنىڭ مەلۇم ۋاقتىدا بۇ كىلىنىكىلىق سىناقنى باشلاشقا ئۈمىدىم زور. مەقسىتىمىز بىز ھاسىل قىلغان تۆرەلمىلەر بىمارنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈلىدۇ ۋە تۇغۇلغان بالىنىڭ سالامەتلىكى 3-5 ياشقىچە كۆزىتىلىدۇ. بۇ تارىختىكى تۇنجى ئېرسىي كېسەل ئىپادىلىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن ساقايتىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بوپ قالغۇسى.
مېنىڭ تەجىرىبخانامدىكى يەنە بىر بۆلۈك تەتقىقات غول ھۆجەيرىلەر ئۈستىدە كېتىپ بارىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئيېتقاندا، بىز دەسلەپكى تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرىنى يەنى بەدەندىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنالىش پوتىنىسئالىغا ئىگە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى تەتقىق قىلىمىز. دەسلەپتە، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان پىرىمات تەتقىقات مەركىزىدىكى بىر پىرىماتشۇناس 1998-يىلى يېڭى تۆرەلمىدىن ھۆجەيرە لېنىيەسى سۈپىتىدە غول ھۆجەيرىلەرنى تۇنجى بولۇپ ئايرىپ ئالغان. ئۇمۇ بۇنى ئالدى بىلەن گانگې دەريا مايمۇنىدا ئىشلەپ ئاندىن ئىنسانلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان. بۇ ھۆجەيرىلەرنى دەسلەپكى غول ھۆجەيرىلەرگە يېتەكلىگىلى بولىدۇ. ئۇلار پەقەت سىز يول قويغاندىلا ئاندىن دىففىرىنسىئاللىنىدۇ (بولمىسا شۇ غول ھۆجەيرە پېتى ئۇزۇن مۇددەپ تۇرىۋېرىدۇ دېگەنلىك). بۇ خىل ھۆجەيرىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بىمارلارنىڭ ھاجىتى چۈشىدۇ، ئۇلار بولۇپمۇ قېرىلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، پاركىنسون كېسىلى (مېڭە يىگىلەش كېسىلى)، دىئابىت كېسىلى قاتارلىقلار. بىز ھازىر كېسەللەرگە يۆتكەلسە بولىدىغان ھەر خىل تىپتىكى ھۆجەيرىلەرگە ئىگە، ئەمما بىر مەسىلە بار، يەنى بىمار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يەكلىشى. بۇ ھۆجەيرىلەر بىمار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تۆرەلمىلەردىن كەلگەچكە ئېھتىياجلىق بىمارغا ماس كەلمەيدۇ. بەدىنىمىزدە بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەر مەۋجۇت ئەمەس، بىز بۇ ھۆجەيرىلەرگە پەقەت ئۇرۇقلىنىشتىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىتتىلا ئىگە بولىمىز، ئەمما نورمال يېتىلىش جەريانىدا بۇ ھۆجەيرىلەر دىففىرىنسىئاللىنىپ بەدىنىمىزدىكى باشقا ھۆجەيرىلەرگە ئايلىنپ بولغان بولىدۇ. بۇ دەل بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشتىكى ئاساسلىق توسالغۇدۇر.
2006-يىلى كىيۇتۇ ئۇنىۋىرستىتىدىكى ياپونىيە ئالىمى شىنيا ياماناكا سۈنئىي ئۇسۇلدا غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىدى. بۇ ئۇسۇلدا، بەدەندىن خالىغان بىر ھۆجەيرە، كۆپىنچە ھاللاردا تېرە ھۆجەيرىسى، ئېلىنىپ بۇ ھۆجەيرىلەرگە بىر يۈرۈش مەخسۇس گېنلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق چوڭلار تېنىدىكى تېرە ھۆجەيرىسىنى تۆرەلمىدىن ئېلىنغان غول ھۆجەيرىگە ئوخشايدىغان غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھۆجەيرىلەر تولۇق پوتىنسىئاللىق ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەر (iPS) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ناھايىتى كەلگۈسى پارلاق بىر ساھە بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان مىڭلىغان تەجرىبخانىلار مۇشۇ خىل ھۆجەيرىلەرنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ياماناكا بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن ئۆتكەن يىللىق «نوبېل مۇكاپاتى» غا نائىل بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ياپون ئالىمى.
شۇنداق قىلىپ ھازىر بىز بىمارغا ماس كېلىدىغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئىگە بولدۇق، ئەمما ئەپسۇسكى، ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق تەتقىق قىلىش جەريانىدا بىز بۇ ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەردە نورمال تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۆپ گېنتىكىلىق بىنورماللىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇلاردا گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، پەرىزىمىزگە ئاساسەن، ئۇلار غول ھۆجەيرىگە ئايلىنىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ ئېپىگېنتىكىلىق ئارخىپلىرىدىمۇ مەسىلە باردەك قىلىدۇ، يەنى ئۇلاردا تېرە ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن «خاتىرە» بولغاچقا تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان غول ھۆجەيرىلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇ مەسلىلەر ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەرنىڭ بەدەندىكى مەلۇم قىسىمغا كۆچۈرۈلۈپ كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا. شۇڭا، iPS ھۆجەيرىلىرى پەقەت تەجىرىبخانا شارائىتىدا پىترچاشكىدا كېسەللىك مودىللىرىغا ئىشلىتىلىش بىلەن چەكلەنمەكتە. دېمەك، بىز ھېلىھەم كىلىنىكا-دەرىجىسدىكى (دوختۇرخانىلاردا رەسمىي قوللىنىشقا بولىدىغان)، بىمارغا خاس غول ھۆجەيرىلەرگە ئېھتىياجلىق.
مېنىڭ تەجرىبىخانامدا، بىز يېڭى بىر تۈركۈمدىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدۇق. بۇ قېتىم بىز «تەن ھۆجەيرىدىن يادرو كۆچۈرۈش، SCNT» دەپ ئاتىلىدىغان باشقىچە بىر ئۇسۇلنى قوللاندۇق. بۇ ئۇسۇلدا بىز خۇددى ياماناكا قىلغاندەكلا بىمارنىڭ خالىغان تەن ھۆجەيرىسىنى (تېرە ھۆجەيرىسى بولسىمۇ بولىدۇ)  ئالىمىز، ئەمما گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا تولۇق پوتىنسىئاللىقنى ئىندۇكسىيەلىمەيمىز؛ ئۇنىڭ ئورنىغا بىر بىمار ھۆجەيرىسىنىڭ ھۆجەيرە يادروسىنى ئايرىۋالىمىز ۋە بۇنى ئۇرۇقلانمىغان، يادروسى ئېلىۋېتىلگەن تۇخۇم سىتوپلازمىسى ئىچىگە كۆچۈرىمىز. مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلى، ئىنسان تۇخۇم ھۆجەيرىسى سىتوپلازمىسىدا بىر قىسىم ماددىلار بولۇپ (بىز قايسى ماددا ئىكەنلىكىنى تېخىچە بىلمەيمىز)، بۇ ماددىلار تېرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەندە تېرە ھۆجەيرىسىنى ئىندۇكسىيەلەپ خۇددى يېڭى تۆرەلمىگە ئوخشايدىغان قىلالايدۇ؛ ئاندىن بىز بۇ تۆرەلمىدىن تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالالايمىز. بۇ ماددىلار ھەر قايسى جانلىق تۈرلىرىدە ئۇنىۋېرىسال تېپىلىدىغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيانى زىلزىلگە سالغان كلون قوي «دولىي» مۇشۇ ئۇسۇلدا دۇنياغا كەلگەن. 
ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم بىز ئىنسانلارنى كلونلاش نىيىتىمىز يوق، گەرچە كىشىلەر كلونلانغان غول ھۆجەيرە دەپ ئاتىسىمۇ، بىز پەقەت بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالماقچى، خالاس. بۇ خىل ئۇسۇل ئەمەليەتتە 15 يىل ئىلگىرى جەيمىي (جەيمىس) تومسېن تۇنجى قېتىم ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالغاندىلا پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنچە نۇرغۇن يىللاردىن بىرى مەغلۇب بولدى. مېنىڭ تەجىرىبخانامدا، بىز ئۆتكەن 10-15 يىلدىن بىرى بىمارغا خاس ئىنسان غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىىپ ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. مەن ئەمەلىيەتتە بۇ تۇخۇم سىتوپلازمىسىنىڭ قانداق قىلىپ «قايتا پىروگراممىلاش» نى قوزغىتىدىغانلىغى ۋە قوللايدىغانلىغىدىن چۈشىنىشتىن ئىبارەت بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىس. ئەلۋەتتە، بىز ئىشنى يەنىلا مايمۇندا سىناق قىلىشتىن باشلىدۇق ۋە 2007-يىلى يەنى، ياماناكا ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتلاردا، بىز مۇشۇ خىل مايمۇن غول ھۆجەيرىلىرىنى تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋۇجۇدقا كەلتۈردۇق. ئەمما ئۇ قېتىم بۇ مايمۇندا ئىشلەنگەن بولۇپ، بىزنىڭ بۇ تېخنىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىنسانغا كۆچۈرۈشىمىزگە 5 يىل ۋاقىت كەتتى، يەنى بىز بۇ تېخنىكىغا نۇرغۇن ماسلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كەلدى. نەچچە ئاي ئىلگىرى، بىز بۇ نەتىجىنى «ھۆجەيرە» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇق. بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم يادرو كۆچۈرۈش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى.
بىز بۇ خىل غول ھۆجەيرىلەرنى ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز، بىزنىڭ ھەر ۋاقىت تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە تايىنىشىمىز بۇ تېخنىكىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى بولسىمۇ، ئەمما بىز بىر ھۆجەيرە لېنىيەسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئىككى تۇخۇم ئىشلىتىشتەك ھەيران قالارلىق دەرىجىدىكى يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. قارىغاندا، بۇ ئۇسۇلدا بىمارنىڭ يېشىنىڭ كارايىتى چاغلىق بولۇپ، مەيلى ياش ساغلام كىشى ۋە مەيلى 72-ياشلىق نېرۋا كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغۇچى بولسۇن ھەممىسىگە ماس كېلىۋېرىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ھازىر ھەممە ئادەم بىزدىن سوراۋاتىدۇ: بۇ ھۆجەيرىلەر راستىنلا بىز يىللاردىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن ھۆجەيرىلەر شۇمۇ؟ ئۇلار كىلىنكا-دەرىجىسىدىمۇ؟ ئۆتكەن نەچچە ئايدىن بۇيان، بىز بۇ ھۆجەيرىلەرنى ياماناكانىڭ ھۆجەيرىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۋاتىمىز. بۇ ھۆجەيرىلەر ئوخشاس مەنبە، ئوخشاش تېرە ھۆجەيرىسى ۋە ئوخشاش بىماردىن كەلگەن. ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز يا ياماناكانىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ غول ھۆجەيرىلىرىنى ئايرىپ ئالىمىز؛ يا ئۆزىمىزنىڭ تېخنىكىسنى ئىشلىتىمىز. سېلىشتۇرۇش جەريانىدا بىز ياماناكانىڭ ئىندۇكسىيەلەنگە غول ھۆجەيرىلىردە بىنورماللىق كۆرۈلگەن گېن رايونلىرىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باردۇق. بىز ئىنسان گېنلىرىدىكى 5 مىليون ئىشقار رادىكالى ئۇزۇنلۇقتىكى گېنوملارنى سۈزىدىغان سىنپ (SNP) گېنوتىپلارنى ئايرىش دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىككى خىل غول ھۆجەيرىلەر (ئىندۇكسىيەلەنگەن غول ھۆجەيرە ۋە يادرو كۆچۈرۈلگەن غول ھۆجەيرە) نى سېلىشتۇردۇق. بۇنىڭدىن بىز ياماناكا ھۆجەيرىلىرىدە يۇقىرى نىسبەتتە بىنورماللىق بارلىقىنى، يەنە ھەر بىر ھۆجەيرە-لېنىيەسىدە 2 دىن بىنورماللىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بىزنىڭ غول كلونلانغان غول ھۆجەيرىلىرىمىزدە بىنورماللىق ناھايىتى ئاز كۆرۈلدى، يەنى 3 ھەسسە ئاز كۆرۈلدى. بىزنىڭ ھۆجەيرە لېنىيەمىزدە پەقەت تۆتنىڭ ئىچىدە ئىككىسىدە ئاز بىر قىسىم بىنورماللىق كۆرۈلدى، قالغان ئىككىسىدە ھېچقانداق بىنورماللىق كۆرۈلمىدى. بۇ تۇنجى قېتىم گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا مۇشۇنداق پاكىزە (بىنورماللىق كۆرۈلمىگەن) غول ھۆجەيرىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتتىن قايتا پىروگراممىلىنىش بويىچە ئېيتقاندا، ئىندۇكسىيەلەنگەن تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرىلەر (iPS) دە دائىم يەنىلا «خاتىرە» ساقلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئۇلار تېرە ھۆجەيرىسىدىن كەلگەن بولسا، ئۇلار تېرە ھۆجەيرىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن «ئومۇميۈزلۈك مىتىللىشىش» ئارخىپىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندۇق. بۇ ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى بىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ، بىز iPS ھۆجەيرىلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يادروسى كۆچۈرۈلگەن (SCNT ياكى ST) ھۆجەيرىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق ۋە خىروموسوملارنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا قاراپ چىقتۇق. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى X-خىروموسوم بولۇپ، بىزنىڭ ھۆجەيرىلىرىمىزدە قايتا پىروگراممىلىنىش ناھايتى تولۇق تاماملانغان ۋە بۇ يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىلەر ھەقىقىي تۆرەلمىدىن ئايرىۋىلىنغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشىشىدۇ؛ ھالبۇكى، iPS ھۆجەيرىلىرىدە ناھايتى كۆپ بىنورمال پىروگراممىلانغان رايونلار مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە گېن ئىپادىلىنىشى تەكشۈرىدىغان ئەڭ يېڭى تېخنىكا RNA-Seq نى ئىشلىتىپ، يادرو كۆچۈرۈلگەن ھۆجەيرىلەرنىڭ تۆرەلمىدىن ئايرىۋىلىنغان ھۆجەيرىلەرگە ناھايتى ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالدۇق. بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى تۆت ھۆجەيرە لېنىيىسى، ئىككىسى كونتىرول سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما iPS ھۆجەيرىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئوخشىمغان گېن رايونلىرىدا نورمال تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىدىن كۆپ پەرقلەر بايقالدى. بىز تېخى بۇ ماقالىمىزنى ئېلان قىلمىدۇق، ئەمما ھەممەيلەن بىزدىن: بۇ ھۆجەيرىلەر زادى كىلىنىكا-دەرىجىسىدىكى ھۆجەيرىلەرمۇ؟ ئۇلارنى راستىنلابىمارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟  دىگەن سۇئاللارغا ئېنىق جاۋاپ بىرىشىمىزنى كۈتمەكتە. ھازىرغىچە كۆرگەنلىرىمىزدىن بىز: «ھەئە!» دەپ جاۋاب بىرىمىز. بۇلار ھەقىقىي غول ھۆجەيرىلەر؛ ئۇلار بەئەينى نورمال تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان غول ھۆجەيرىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ يادروسى بىمار تېنىدىكى ھۆجەيرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئىممۇنىت جەھەتتىن يەكلەش كۆرۈلمەيدۇ. بىز ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ياخشى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلالىدۇق؛ بىز ئىلگىرى ھەقىقىي تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىگە ئىگە ئىدۇق، ئەمما بىمارنىڭ ئۆز ھۆجەيرە يادروسى بىلەن ئەمەس. قارىماققا، بىز ئىزدەپ كەلگەن ھۆجەيرىلەرنى تاپقاندەك قىلىمىز ھەمدە بۇ تېخنىكا قىسقا مۇدەتتە كىلىنىكىلىق سىناق باسقۇچىغا كۆچسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمىز. بىز نۆۋەتتە بۇ ئىككى خىل ھۆجەيرىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان يېڭى ماقالىمىزنى ئالدىراش تەييارلاۋاتىمىز.

خۇلاسە: ئېپىگېنتىكىلىق ۋە گېن ئىپادىلىنىش تىپىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ كلونلىغان ھۆجەيرىلىرىمىز تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇشتىن ھاسىل بولغان ھەقىقىي تۆرەلمىدىن-ئايرىۋىلىنىغان غول ھۆجەيرىلەرگە ناھايىتى يېقىن.
بىز يەنە iPS ھۆجەيرىلىرىدە ناھايىتى يۇقىرى نىسبەتتە گېنتىكىلىق بىنورماللىقلار بارلىقىنى ۋە بىز كلونلىغان ھۆجەيرىلەردە بىنورماللىقنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردۇق.
ئەمدى بىز بۇ ھۆجەيرىلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۈچۈن FDA دىن ئىجازەتنامە ئېلىش كۆپ ئاسانغا توختىسىكەن، دېگەن ئۈمىدتە. بۇ مېنىڭ تەجىرىبىخانامدا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان ئىككىنچى تەتقىقات تۈرى بولۇپ، ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كلون تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ئىدۇق. ئەمدى بىز بۇ نەتىجىلىرىمىزنى كىلىنىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىشكە نىسىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى بىز ئىنسان تۇخۇمىنى ئىشلتىمىز، ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق يۇقىرى سۈپەتتىكى، كىلىنىكا دەرىجىسىدىكى غول ھۆجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىمىز.
ئاخىرىدا تەجىرىبخانەمدىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. سۈرەتتىكى بۇ كىشىلەر مېنىڭ تەجىرىبخانامنىڭ ئەزالىرىدۇر. مەن يەنە بىر قانچە كىلىنىكا فاكۇلتىتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىمەن. مەسىلەن، بىز تۇخۇمغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، بىز تۇغۇت ئىلىمى فاكۇلىتىتىدىكىلەردىن ياردەم سورايمىز، ئۇلار بىزگە بىمارلارنىڭ تۇخۇملىرىنى يىغىپ بېرىدۇ. مەن NIH (ئامرىكا ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى) نىڭ تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشىپ تۇرىمەن. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، NIH پەقەت ھايۋانلاردىكى تەتقىقاتلارغىلا مەبلەغ سالىدۇ، ئىنسانلاردىكى تەتقىقاتلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەيدۇ. شۇڭا، بىز يەنە فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم شەخسىي فوندلاردىنمۇ مەبلەغكە ئېرىشىمىز.
بۇلار مەن قىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنى قىسقىچە خۇلاسىسى. سىلەر ئۈچۈن بەك تېخنىكىلىقى يۇقىرى بولۇپ كەتمىگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر قانداق سۇئاللىرىڭىلار بولسا سورىساڭلار، مەن داۋاملىق خۇشاللىق بىلەن جاۋاب بېرىمەن.
تۈگىدى.
بىلگەجان تەرجىمىسى
2013-يىلى كۆنەكنىڭ 6-كۈنى

بىلگەجان بىلوگىدىن ئېلىندى.
بايانات

«بىلگىلەر» يانبىلوگى مەخسۇس بىلگىلەرنىڭ ئېنتېرنېت تورىدا ئېلان قىلغان، باشقىلارغا ئۈمىد، ئىشەنچ بېغىشلايدىغان يازمىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنىۋىي ئوزۇق، ئىشەنچ، ئۈمىد ئاتا قىلىشقا ئۈندەش، ھەم كىشىلەرنىڭ يانبىلوگ ئارقىلىقلار داڭلىق ئالىملىرىمىزنىڭ نادىر يازمىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. ئەگەر يازمىلىرىڭىزنىڭ بىسوراق يوللانغانلىقىنى بايقاپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز yanbilog@126.com غا ئەھۋال پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز! ئورگان ئۈندىدار سۇپىمىز: yanbilog

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى