«بىر مىليۇن» ناملىق ئىتوت ۋە مېنىڭ تويۇم دىكى ئىنكاسلار: ../../blog-385.html نۇرقۇت بلوگى | NurQut Blog ئۇ بىر خىل روھ Fri, 27 Jan 2012 05:18:25 +0000 hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.3.1 ئاپتور: سۈكۈت ../../blog-385.html#comment-666 سۈكۈت Mon, 23 Jan 2012 05:06:24 +0000 ../../?p=385#comment-666 ئوغۇللار ھەرگىز ئېزىپ تېزىپ داشۆدە باشقا يۇرتلۇق بىلەن يۈرۈپ قالماڭلار، ئاخىرىدا قۇتۇلالماي يەنە بىچارە ئاتا-ئاناڭلارنى جاپا تارتقۇزىسىلەر. يېقىندا بىر قوشنىمىزنىڭ تويىغا قىز تەرەپنىڭ بىزدىن 500 كىلومېتىرلىق نېرىدىكى بىر ئۆتەڭدىن بولغىنىغا قارىماي، قىز تەرەپنىڭ ئۆيىگە تويلۇق ئۈچۈن 30 مىڭ (ئاز بوپ قالسا بەرمەسمىش) ئاپاردى، كىچىك چايغا بېرىشقىلا كىراغا 3000 ، تويغا بېرىش ئۈچۈن چوڭ-كىچىك تۆت ماشىنىغا 10 مىڭدەك كەتتى، مانا ئەمدى «قىز كۆرسىتىش» ئۈچۈن يەنە شۇ قائىدىنىڭ يۈزى دەپ ئۇ قوشنىمىز ئاز كەم 1000 يۈەننى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسنىڭ چاقىغا يۆگەيدىغان گەپ. ئاپتور: ۋەتەن ../../blog-385.html#comment-643 ۋەتەن Tue, 17 Jan 2012 16:21:37 +0000 ../../?p=385#comment-643 مەن قانداق قىلىۋالغان بولغۇيتۇم ... :mrgreen: ئاپتور: سەھرالىق ../../blog-385.html#comment-641 سەھرالىق Sun, 15 Jan 2012 17:20:31 +0000 ../../?p=385#comment-641 ماۋۇ تازا قىززىق گەپ بوپتۇغۇ؟...توۋا دەي جۇما ،مېنىڭمۇ بىشىمدا بار بۇ غەم...ئازلا قالدى زادى ...غەرەز ئۇقىدىغان قىزلارنى خەق ئەپكەتتى... :arrow: ئاپتور: hazina ../../blog-385.html#comment-632 hazina Fri, 13 Jan 2012 11:54:18 +0000 ../../?p=385#comment-632 ھە راس تىخى يىقندا بىر ئەغنەم تېلفۇن قىپتۇ ،ئاداش قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە بارساق ئانىسى بىز قىزىمىزنى 5 يىل ئوقۇتىمىز دەپ جىق چىقىم تاتتۇق مائاش كارتىسى بىزدە ئىككى يىل تۇردۇ ،تويلۇققا 2 تۈمەن ئەكىلىڭلار دىگىدەك،ما گەپنى ئاڭلاپ بۇنداقمۇ ئاتا -ئانا بولىدىكەن دەپ ياقامنى 3 نى چىشلىۋەتتىم ئاپتور: hazina ../../blog-385.html#comment-631 hazina Fri, 13 Jan 2012 11:50:45 +0000 ../../?p=385#comment-631 ھەممىڭلارنىڭ تويى مىنىڭكىدەك مۇشاقەتلىك بولماپتىكەن تېخى،مەنمۇ 5 يىل ئارلاشقان مەبىتىم توي قىلىش ئۈچۈن تارتقان جاپا مۇشاقەتلەر دەپ كەلسەم گەپ تولا .نورقۇت ئەپەندىدەك بولسىمۇ بولىدىكەن دىدىم بەزىدە،«يا بايدىن چىقا،ياسايرامدىن» دەپ ،ئاتا -ئانا بالام مۇشۇ ساڭا ھەمرا بولسۇن دىگەندە كۆزنى يۇمۇپلا ئالسىمۇ بولىدكەن،ھەي ،مىنڭ ئەينى ۋاقىتتا بولغۇسى قىيىن ئانامغا يارىمغان يېرىم مەن خىزمەتكە چىقماي ئۆزۈم بىر ئىش قىلىمەن دەپ دۇكان ئاچقان ئىشىم ،«ئىمتھان بەرسەكقۇ ئۆتكۈچىلىكىمىز با »،تېجارەتنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنداق ھەي بۇنداق ھەي دەپ بىر مۇنچە گەپ بىلەن بىزنىڭ بولغۇسى كىلىنچەكنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويۇپتىكەن ،كىلىنچەك يىغلاپ تۇرۇپ گاھىدا قوقاق سىلىپ دىگەندەك ماقول كەلتۇرۇپتۇ ئەمما شەرت 3تۈمەن خەلىق پۇلى موچەن كەم بولسا ياق «2009 يىلى», ئىككى يىل تىجارەت قىلىپ تاپقان تەگىنىم ئاران چىقىدىكەن 2.5 تۈمەن بۇنداق ۋاقىتتا يەنە شۇ مھرىبان ئاتا-ئانىمىز بىزگە ھەمدەم بولىدىكەن شۇ «شۇ ئاتا ئانىمىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئامىن» تىخى توينى ئاندى-ساددا ئۆتكۈزەيلى دىسەم ،بالام مىنڭ بىرلا قىزىم بۇ ئەلجامائەتنىڭ ئالدىدا قانداق يۈزنى كۆتۈرىمەن دىگەندەك بىر تالاي شۆھرەتپەرەس گەپلار،تويدىن كىيىن ئىجارە ئۆي ئىلىپ ئولتاغاچ تۇرۇپ تېجارەتنى كىڭەيتىپ ئاندىن ئۆينىڭ غىمىنى قىلايلى دىسەم ھەرگىزمۇ يىقىن كەلمىدى،ئاز قالغان ئاچىقىمدا كۆتە قىزىڭنى دىگىلى،ئەمدەى قەرىز قىلىپ ئالغان ئۆينىڭ غىمى بىلەن تۇرمۇش بىسىمى بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆتۋاتىدۇ كۈنلەر .ئەمما ئوغلۇم تۇغۇلغانياقى باشقىچە ھىس قىلىپ قالدىم ئائىلە دىگەننى ،ھەر كۈنى بۇرۇن قايتىپ بالامىنى ئەركىلتىپ بالام ھەرخىل تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ داد داد داااااااااا دەپ كەتسە زىممەمدىكى بارلىق غەملەر كۆتۈرلۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىمەن،«كونىلارنىڭ بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار» دىگنى راس گەپكەن،شۇڭا بويتاقلارغا تەۋسىيە بالدۇرراق ئاتلىنىڭلار توي ئىشغا سىلەرنىڭمۇ داد داد دااااا دىگەن تاتلىق سۆزلەرنى ئاڭلىغىڭلار يوقمۇ. ئاپتور: پرېستان ../../blog-385.html#comment-628 پرېستان Mon, 09 Jan 2012 17:59:05 +0000 ../../?p=385#comment-628 ياشىلىقتىكى مۇھەببەت پەيزى دەيمەن....!!! :mrgreen: ئاپتور: نۇرقۇت ../../blog-385.html#comment-627 نۇرقۇت Mon, 09 Jan 2012 16:40:31 +0000 ../../?p=385#comment-627 بۇ پىكرىڭىزنى قاتتىق قوللايمەن. ئۆزىنىڭ قولىدىن كەلمىسە ئاتا-ئانىسىغا جاپا سالماسلىق كېرەك. خۇدايىم بۇيرۇسا ئاددىي-ساددا توي قىلىمەن. ئاپتور: نۇرقۇت ../../blog-385.html#comment-626 نۇرقۇت Mon, 09 Jan 2012 16:33:52 +0000 ../../?p=385#comment-626 بۇيتاقچىلىقتا بۇنچىلىك غەم قىلساق ھېچنېمە بولماس، بېكارچىلىقتا ئۇخلاپ ياتقۇچە غەم قىلىپ قويدۇققۇ :mrgreen: ئاپتور: كروران ../../blog-385.html#comment-625 كروران Mon, 09 Jan 2012 15:05:34 +0000 ../../?p=385#comment-625 قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى قايىل قىلىدىغىنى يەنىلا شۇ سىز تاللىغان قىز، سىزدەك ياخشى يىگىتنىڭ تاللىشىغا ئېرىشكەن قىزمۇ چوقۇم بۇ تەلەپنى ئورۇنداپ سىزگە ئاسانلىق يارىتىدۇ. ئاللاھ سىزنىمۇ مۇرادىڭىزغا يەتكۈزگەي! ئاپتور: كروران ../../blog-385.html#comment-624 كروران Mon, 09 Jan 2012 15:02:19 +0000 ../../?p=385#comment-624 شۇنداق، يۇقىرىقى بەزى ئىنكاسلاردا دېيىلگەندەك توي قىلىدىغان يىگىت قىز بىر ياقتا قېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى غىژ-پىژ قىلىپ باش قېتىشچىلىقى بولىدىغان ئىشكەن ئۇ توي دېگەن. يېقىندا بىر تويدا ئاڭلىشىمچە قىز تەرەپنىڭ «بىر قىز بالىنى ئوقۇتۇپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردۇق، كارتىسى بىلەن بەردۇق دېگەندەك گەپلەر » ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ئوغىسىنى قايناتسا، «قىز مېلىنى شۇنچە ئېلىپ تۇرۇپ ئۆيگە تۈزۈك بىر نەرسە ئالماپتۇ دەپ رەنجىشلىرى» بىلەن قارىغاندا كېلىننىڭمۇ ئىناۋىتىگە داغ يېتىدىغان گەپكەن. شۇڭا ئويلاپ قالدىم، توي بولغانىكەن ئۇنىڭ چىقىمى ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن لايىقىدا قىلىنغان ھۆرمەت ئىززەت، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش، قارشى تەرەپنىڭمۇ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىش، گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ تويدىن كېيىن ئۇلاغقا قوشۇلغان كالىدەك قەرز تۆلەش يولىدا چۆرگىلىگەندىن ياخشىمىكىن دەيمەن. ئەڭ ياخشىسى قىز يىگىت بىر يۇرتتىن بولسا، ئاتا-ئانىسىمۇ بىلىشىدىغان كىشىلەر بولسا، بىر-بىرىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىپ توي بەكمۇ چىرايلىق ئۇزايدىكەن. مېنىڭ ئاكامنىڭ تويى شۇنداق كۆڭۈللۈك بولدى، مانا ھازىر ئىككىسى شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا مەنمۇ ھەرگىز ئارتۇق چىقىم قىلمايمەن. توي قىلىدىغان يىگىت ئۆزى توي چىقىمىنى كۆتۈرەلىگۈدەك بولسا ياخشى، بولمىسا ئاتا-ئانىنى ئارتۇقچە چىقىم قىلدۇرماسلىقى كېرەك دەيمەن. ئاپتور: خەندان ../../blog-385.html#comment-623 خەندان Mon, 09 Jan 2012 14:20:37 +0000 ../../?p=385#comment-623 ۋاي ۋۇي....نىمانداق جىق غەم قىلىسىلەر ھەي ئوغۇللار، نى نى قىزلار تۇرمامدۇ ئوقۇغان، بىلىملىك، قائىدىلىك..... بۇنچە غەم قىلىپ كەتمىسەڭلارمۇ كۆزۈڭلارنى يوغان ئاچساڭلار سىلەرگە ئوخشاش پىكىرلىك قىزلار نۇرغۇن. ئاپتور: روھچىن ../../blog-385.html#comment-622 روھچىن Sun, 08 Jan 2012 12:03:34 +0000 ../../?p=385#comment-622 تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە بەخىتلىك بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئاپتور: ئىزتىل ../../blog-385.html#comment-619 ئىزتىل Sat, 07 Jan 2012 17:18:45 +0000 ../../?p=385#comment-619 ئەلۋەتتە گېپىڭىزنىڭ تۇللۇق ئاساسى بار ، بۇ ئىككى ئاي تېخى ھېچنىمىدىن خۇلاسە چىقىرالمايدۇ . گەپ كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ بەخىتلىك داۋاملىشىشىدا . ئاپتور: نۇرقۇت ../../blog-385.html#comment-618 نۇرقۇت Sat, 07 Jan 2012 09:20:11 +0000 ../../?p=385#comment-618 تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك داۋاملىشىشىغا تېلەكداشمەن. توينى دەپ كېيىنكى تۇرمۇشقا روھىي بېسىم ھاسىل قىلىۋالغۇم يوق، شۇڭىمۇ توينى ئاددىي قىلغۇم بار. خۇدايىم ئاسانلىق بەرسە دېگەن ئۈمىدتىمەن، قىز تەرەپنىڭ ئۆيدىكىلىرى جاھىللىق قىلمىسىلا تويۇمنى چوقۇم ئاددىي-ساددا قىلىمەن ئاپتور: روھچىن ../../blog-385.html#comment-617 روھچىن Sat, 07 Jan 2012 05:11:31 +0000 ../../?p=385#comment-617 ئىككى ئاي بولسا تۇرمۇشىڭىزدىن ھۈكۈم چىقىرىشقا تېخى بالدۇر ئاپتور: ئىزتىل ../../blog-385.html#comment-616 ئىزتىل Sat, 07 Jan 2012 03:31:21 +0000 ../../?p=385#comment-616 توي قىلغىنىمغا مانا بۈگۈن ساپمۇ ساق ئىككى ئاي ئىككى كۈن بولدى . توي قىلىشتىن بۇرۇن يەتتە يىل مۇھەببەتلەشكەن قىز دوستۇم مانا ئەمدىلىكتە مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمغا ئايلاندى ، ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىزنىڭ تاللىشىمىزغا ھۆرمەت قىلدى - يۇ يەنە شۇ قىز مېلى ( ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا پۇل مەسلىسى) گە كەلگەندە بىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى ، ئۆينى مەن تۇتساممۇ لېكىن توينى ئائىلەمدىكىلەر قىلدى . ئەمدى تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش بىر ۋاقىتلارغىچە بىر خىل يۇسۇندا ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ ، چۈنكى شۇ توي بەك ھەشەمەتلىك بۇلۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن خىلى بۇزۇپ چېچىشلار بولدى دەپ قارىدىم ، ئەگەرچەندە تويۇم ئاددى - ساددا بولغان بولسىدى ، كېيىنكى تۇرمۇشۇم بەلكىم ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادى تەرەپلەردىن كاپالەتكە ئىگە بولغان بۇلاتتى . لېكىن ئايالىم بىلەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك خۇشال ھەم بەخىتلىك ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن . شۇڭا دەيمەن ، ھەر گەپ دەل شۇ بىر جۈپلەرنىڭ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ئائىلىدىكىسىلەرنى قايىل قىلىش - قىلالماسلىقىدا ئىكەن . ( مەن يېرىم قايىل قىلدىم ئائىلەمدىكىلەرنى ) ئاپتور: نۇرقۇت ../../blog-385.html#comment-615 نۇرقۇت Fri, 06 Jan 2012 20:54:01 +0000 ../../?p=385#comment-615 ئىنكاس ئېگىسىگە تەھرىرلىگىلى قويىدىغان يىرىمۇ بارمىدى؟ مۇشۇ ۋوردپرەس دېگەن ئاداشنىڭ ئەلمى-تەلمىنى تېخىچە بىلىپ بولالمىدىم دېسە! مەن بىر ئىزدەپ باقاي ئەمىسە ئاپتور: نۇرقۇت ../../blog-385.html#comment-614 نۇرقۇت Fri, 06 Jan 2012 20:52:43 +0000 ../../?p=385#comment-614 ماۋۇ مەن دەل كۈتكەن ئىنكاس بوپتۇ. ئىنكاسنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنىڭ توي يولى مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ كەتتىم. نوچىلىق قىلىپ تېخى يۇرتتىن ئەمەس باشقا جايدىن ئۆيلىنىش خىيالىم باردەكتى، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش زۈرۈرمۇ نېمە!؟ خۇدايىم شۇنداق تەس كۈنگە قېلىشتىن ساقلىسۇن. مەنغۇ ھازىرقى ئەلپازىمدا تويغا ئالدىرايدىغاندەك ئەمەس، ئەمما شۇ چوڭلارنىڭ بەزى سەۋەبلىرى بېلەن توينى بالدۇر قىلساق دەيدىغان ئىشلار چىقىپ قالىدىكەن. شۇنداق بولۇپ قالمىغىدى دەپ باشتا بەش پاتمان غەم بار. خۇدايىم ساقلايدۇ دەپ دۇئا قىلىپ ئولتۇرىمىز مانا. ئاپتور: قۇتبىلىك ../../blog-385.html#comment-613 قۇتبىلىك Fri, 06 Jan 2012 20:07:38 +0000 ../../?p=385#comment-613 ماۋۇ بلوگىنىڭ ئىنكاس تەھرىرلەيدىغان يىرى يوقمۇ؟ سەل نۇمۇسۇم كىلىۋاتىدۇ جۇمۇ مىنىڭ، ماۋۇ بىر سەت ئىش بوپتۇ، قېتىپ قويىلى... ئاپتور: قۇتبىلىك ../../blog-385.html#comment-612 قۇتبىلىك Fri, 06 Jan 2012 20:02:18 +0000 ../../?p=385#comment-612 توي ئۇ بىر جەڭ ئىكەن، كىلنچەك ئۆيگە كىرگىچە مانا ئۈچ سائەت قالدى، مانا ئىككى سائەت قالدى دەپ ساناپ تۇردۇم، قانداقتۇر توي كىچىسىنىڭ شىرىنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قۇدىباج تاراختۇرقلارنىڭ كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن خاپىلىق تېرىپ بەرمەي ئۇزاپ كىتىشىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى، ئادەم بەزىدە ئۆزى ئويلىغاندەك ياشايمۇ دەپ ياشاپ بولالمايدىكەن. مۇھەببىتىمنىڭ مەھەلە كويدىكى قىزلار 30 مىڭ سوم قىز مېلىغا چىقىرىلغان ئىكەن، مەن قانچە ئەكىرمەن دىسەم ئىختىيارىڭلار دىگەن، 20 مىڭدىن سۆز ئاچسام سەت تۇرامىكى دەيدۇ، ئانىسى قوپۇپ بىزنىڭ دوست-دۈشمىنىمىز يوقمۇ يەي، ئاندا ماندا دەپ قۇلاقنى يىدى، ئۆيدىكىلەرگە 20 مىڭنى ئەكىرمىز دىسەم ئاكاڭنىڭ ئايالىنى 12 مىڭغا ئەكەلگەن، ساڭا نىمە دەپ 20 مىڭنى خەجلەيمىز، كىلىننىڭ كۆڭلىگە كىلىدۇ دەيدۇ. توي كوچىسىغا چۈشۈپ ئائىلە كوچىسىغا ماڭغىچە تالاي قائىدە يۇسۇنلاردىن ۋاز كەچتىم، تالايلىرىگە مەجبۇر بولدۇم. توي قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ قائىدە يۇسۇنى ئوخشاش، ئىككى ئائىلنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ئوخشاشراق بولسا ئاسان ئوخشايدۇ، بولمىسا ئابدىكىرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىدىكىدەك «دۇخاۋا تۈشۈك ئىكەن» دەپ جىدەل-خاپىلىق ئويناپ يۈردىغان ئىش ئىكەن. يەنە بىر ئىش توينى ھەرگىزمۇ سىز ۋە مەشۇغىڭىز قىلمايدىكەنسىز، توي قىلدىغانلار ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇرۇق تۇققانلار ئىكەن، بۇ ئىككى جاننىڭ گىپى ئۆتمەيدىكەن، يارىم قوپۇپ دىدىكى مەن 6 يىل ئارلاشقان، چوقۇم توي قىلمەن، مەن دىدىمكى مەنكى ئەر، چوقۇم ئالىمەن، مەن دىدىمكى 20 مىڭ، ئۇدىدىكى ئۇنداق قىلغىچە ئۆلتۈرۋەت. 6 يىل ئەمەس 60 يىل ئارلاشقانمۇ ۋاقتى كەلگەندە 6 موچەنگە يارىمايدىكەن. ھەي بىز 6 يىل ئارلاشتۇق(سەلبى مەنىسى: مەن ئالمىسام كىم ئالاتتى سىنى)، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىۋاتقاندىكىن بىر بىرىمىزنى چۈشنىلى، مەن ئەمدى خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم، ئاتا-ئانامغا ئېغرىمنى سالغۇم يوق، ساڭا بۇنداق كۆپ پۇلنى مەن نەدىن تاپىمەن، ھا بۇنداق گەپلەر 6 پۇڭغا يارىمايدىكەن. قىز ئويلايدىكەنكى ئاتا-ئانام مىنى ئىززىتىم بىلەن يولغا سېلىپ قويسا، قىزنىڭ ئىززىتى قۇلۇم-قوشنا دوست يارەنلەرنىڭ ئېغىزىغا چىققان قانچە پۇل ئەككىرىپتۇ دىگەن گەپ بىلەن بولدىكەن. ئاز ئەككىرسە تېخى، كۆپ ئەككىرسە تېخى، شۇنچىلىك تىرىشىپ ئاددىي ساددا قىلىمەن، ئاتا-ئانامغا ئېغرىمنى سالمايمەن دەپ تۇرۇپ ئالدى كەينى 60 مىڭ بىلەن توينى ئۇزىتىپتۇق، ئېغزىمنى تاتلىق قىلىپ تويدىن كىيىن ئېلىپ بىرىمەن دەپ نۇرۇغۇن نەرسى ئالمىدىم تېخى ئالغان بولسا نەچچىگە بارار ئىكەن تاڭ. مىنىڭچە توينىڭ يولىغا بالدۇر كىرمىگەن ياخشى، بەزىدە شارائىت مەجبۇرلاپ مەندەك بالدۇر توي قىلىپ سالدىغان ئىش ئىكەن(قىز دادىسى كىسەلچان)، ئەگەر شارائىت يارلا بەرسە يىتەلىگەن يەرگىچە ئوقۇغان ياخشى. يەنە بىر گەپ ھەر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق خوشلىقى بولىدۇ، 40 ياشتا مۇھەببەتلىشىپ دەريا بويلىرىدا يۈرسە يارشىپ كەتمەيدۇ شۇڭا، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە دىگەن گەپمۇ بەزىدە توغرا چىقىپ قالىدۇ، بەكمۇ راھىپ بوپ كەتمەي يۈرگۈلۈك، مۇھەببەتلىشىشنىڭ پروگرامما ئېچىشقا پايدىسى كۆپ، ھەم پروگرامما ئۈچۈن مۇھىم رولى بار. :razz: