باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • «Goole كوچا مەنزىرىلىرى» ئارقىلىق ساياھەت قىلىڭ - [جاھاندىكى يېڭىلىقلار]

    2008-07-24


    Hollywood چولپانلار كوچىسى، لوس-ئانجىلىس چوڭ كۆۋرۈكى، ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى تېغى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلارنى ئۆيڭىزدە ئولتۇرۇپلا كۆرگىڭىز بارمۇ؟ توردىكى ئىزدەش ماتۇرلىرىنىڭ كاتتىسى بولغان Google يېڭىدىن يولغا قويغان مۇلازىمىتى ئارقىلىق سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرەلەيدۇ. يەنى  Google  يېڭىدىن ئوتتۇرغا قويغان " Google  كوچا مەنزىرىلىرى "[Google Street View] دىگەن ھەقسىز مۇلازىمىتىدىن كىشىلەرنى بەھرىمان قىلماقچى بولغان.

    Google ئاخىرقى مەقسىتى - كىشىلەرنى يەرشارىدىكى بارلىق كوچا مەنزىرىلىرىدىن بەھىرلەندۈرۈش ئىكەن.

    Google شىركىتى 2007-يىل 11-ئايدىن باشلاپ ئاۋسترالىينىڭ كوچا مەنزىرىلىرىنى يىغىشقا كىرىشكەن بولۇپ، 2008-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلان قىلنماقچى ئىكەن. ئەمما ئالدى بىلەن چوقۇم ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەستىقىنى ئېلىش زۆرۈر ئىكەن.

    2007-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ يېڭى زىنلاندىينىڭ كوچا مەنزىرىلىرى يىغىلىشقا باشلىغان. 2008-يىلنىڭ كيېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

    2008-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ Google ئاپتومۇبىللىرى ياپۇنىينىڭ توكيو كوچىلىرىدا كوچا مەنزىرىلىرىنى يىشىقا كىرىشكەن.

    2008-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىنىڭ كوچا مەنزىرە رەسىملىرىنى يىغىش باشلانغان. يەنە شىۋىتسارىينىڭ كوچا مەنزىرىلىرىنى توپلاش ئۈچۈنلا 300 دەك شوپۇر ياللانغان.

    Google تەمىنلىگەن بۇ مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولۇش قەدەم باسقۇچلىرى:

    1-قەدەم

    Google نىڭ خەرىتىسىنى (maps.google.com) نى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن ئامېرىكا خەرىتىسىنى تاللاپ، ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى [STREET VIEW] دىگەن كونوپكىنى بېسىش.

    2. قەدەم

    Google خەرىتىسىدە بىر قانچە پارچە رەسىم كۆرۈنىدۇ. بۇ شۇ خەرىتىسى تەمىنلەنگەن شەھەرلەرنى كۆرسىتىدىغان رەسىملەر بولۇپ، خالىغان بىر رەسىمنى بېسىش ئارقىلىق شۇ شەھەرنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسىگە ئېرىشەلەيسىز.

    3. قەدەم

    تېپىلغان شەھەر خەرىتىسىن سېرىق رەڭلىق يېتەكلەش باشلامچىسىنى تاللاش ئارقىلىق، سىز بارماقچى بولغان شەھەرنىڭ خالىغان كوچىسىغا بارالايسىز.

    4. قەدەم

    تور بەتتە كۆرۈنگەن كوچا رەسىمى شۇ ساياھەت ئورنىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ، سىز رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى ئاق رەڭلىك مەۋھۇم سىزىقلار ئارقىلىق يۆنىلىشنى كونترول قىلالايسىز، شۇنداقلا رەىسمنىڭ كۆرۈنۈش بولۇڭى ۋە يىراق-يېقىنلىقىنى كونترول قىلالايسىز.

     

    مەنبە: http://tech.qq.com/a/20080721/000219_2.htm

    分享到:

    评论

  • ياخشى ئىشكەن،مىنىمۇ ئۇلنىش قىلۋالمامسىز؟
    Boghlan回复uztin说:
    بولىدۇ، ئۇلىنىش قىلىندى.
    2008-08-25 21:10:17
  • بەكمۇ ياخشى مۇلازىمەتتە بۇ.
    Boghlan回复dunyakara说:
    شۇنداق
    2008-07-31 17:33:09