باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئۇيغۇرچە موقىم بلوگىڭىز بۇلۇشنى ئۈمىد قىلامسىز - [بلوگ ھەققىدە بىلدۈرگۈ]

    2008-12-21


    بىلوگ (博客 )- بەزىلەر تور خاتىرىسى، مەھەللە دەپمۇ ئاتايدۇ، ھازىر كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ھەرقايسى بلوگ تەمىنلەش بەتلىرىدە شەخسى بلوگى بار، بۇلۇپمۇ fenbei.net , 15150.com, ......قاتارلىقلارنى ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپرەك، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى Unicodeنى قوللىمىغاچقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ، بىر قىسىم ئۇيغۇرچە بلوگ بىلەن تەمىنلەش بەتلىرى يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ ئۇزاققىچە مۇقىم بۇلالماسلىق سەۋەبىدىن تورداشلارنىڭ توپلىغان ماتىرياللىرى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ.
    مەن تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغىنى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بلوگ تەمىنلەش بېكىتى
     بۇلۇپ UNICODE نى قوللايدۇ، يېقىندا ئارامگاھ، تەكلىماكان بلوگلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بۇ بلوگنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپتۇ، شۇلارنىڭ تەسىرىدە مەنمۇ بىرنى ياساپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقتىم، ھەمدە ئالىماما تورىنىڭ ئېلانلىرىنىمۇ قىستۇرۇپ باقتىم، گوگىل ئېلانى بار تورداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگىمۇ ماس كېلىدۇ،  بلوگقا ئېھتىياجلىق تورداشلارنىڭ تىزدىن ئىلتىماس قىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    تىزىملىتىش ئۇسۇلى: ئاۋال سىز بىزنىڭ بلوگ
     قا كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ.

     ئاندىن مۇشۇ بلوگدىكى تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ تىزىملاتسىڭىز بۇلىدۇ.

     

     

     

    بۇ يەردىن تىزىملاتسىڭىز بىز سىزنىڭ تەۋسىيىچىڭىز بۇلىمىز.

     

    مەنبەسى: http://bizning.blogbus.com

     

    分享到:

    评论

  • ئېلانلىرىڭىزنى چىكىۋەتتىم ، ۋاقتىڭىز بولسا مەن تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قويارسىز !!!
    回复بىلىملىكلەر说:
    كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئەلۋەتتە قەدەم تەشرىپ قىلىمەن.
    2009-02-12 13:44:24
  • ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۆھتىرەم بلوگ قۇرغۇچىسى . ئۈممەت ئىسلام بلوگى يىڭىدىن قۇرۇلدى ، زىيارەت قىلغاچ ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز !!!
    شۇنداقلار بارلىق بلوگگېرلارنى زىيارەت قىلىشقا چاقىرىمەن . زىيارەت قىلىپ كۆرگەيسىلەر !!!
    تور ئادىرسىمىز http://ummat.blogbus.com
    logo : http://ummat.blogbus.com/files/12329439020.gif
    回复ummat说:
    بلوگىڭىز ئۇلىنىش قىلىندى. مۇبارەك بولسۇن!
    2009-01-29 20:24:50
  • alalmidim!!!!!!!!!!!!!
    回复007说:
    قارىغاندا ئۇقالمىغان ئوخشايسىز.
    سىز ئالدى بىلەن كۆزنەكنى بىر چەككەندىن كېيىن يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. 用 户 名 دىگىنى سىز بلوگىڭىزغا كىرگەندە تىزىملىتىدىغان ئىسىم. ئەگەر باشقىلار ئىشلىتىپ بولغان بولسا بۇ يەرگە باشقا ئىسىم يېزىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. 输入密码 بۇنىڭ ئۇدۇلىغا مەخپىي شىفىر كىرگۈزۈشنى بىلىسىز ھە قاچان؟ ئاستىدىكىمۇ شۇ. E-mail دىگەن قۇرغا سىز ئىلگىرى ئېلىپ بولغان ياكى يېڭىدىن ئىشلىتىدغان ئۆزىڭىزنىڭ ياكى سىز كىرەلەيدىغان بىرەر ئېلكىتىرونلۇق خەت ساندۇقىڭىزنىڭ ئادېرىسىنى يازىسىز. ئاندىن ئاستىدىكى كىچىك كاتەكچە ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويىۋەتكەندىن كېيىن 立刻注册 دىگەننى باسىسىز. ئاندىن كېيىن سىز تىزىملاتقان خەت ساندۇقىنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىزگە يېڭى كەلگەن خەت (ئادەتتە blogbus) نىڭ ئۇلانمىسىنى چەكسىڭىز ئاكتىپلىغان بولىسىز، ئاندىن سىز ئىشلەتمەكچى بولغان بلوگ ئىسىمىنى ئىشلىتىپ يېڭى بلوگ ئالسىڭىز تامام!
    ئەگەر يەنە چۈشىنەلمىسىڭىز ئۇچۇر يېزىپ قويۇڭ، ياكى QQى قالدۇرۇپ قويۇڭ، مەن سىزگە ئېلىپ بېرەي.
    2009-01-02 17:58:25
  • ئەسسالام ، سىزنى بىلوگىمغا ئۇلىنىش قىلۋالغان ئىدىم . بولسا ماڭا تۇغ ئادېرسىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز . ئەگەر خالىسىڭىز مېنى ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز .
    ئادرېس : http://ilim-pen.blogbus.com/
    تۇغ ئادېرسى :http://ilim-pen.blogbus.com/files/12232240880.gif
    回复ئىلىم - پەن说:
    بولىدۇ، مەنمۇ ئۇلىنىشقا قوشىۋالاي، ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!
    2008-10-13 17:01:48
  • مېنىمۇ ئۇلىنىشقا قوشۇۋالسىڭىز.
    soal.blogbus.com
    سوئال بلوگ
    回复سوئالىم说:
    سىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم، مېنىمۇ ئۇلىنىشقا قوشىۋالارسىز؟
    2008-10-10 07:34:59
  • نىمىشقا ئۇنداق ئاممىۋى ئېلانلار چىقىۋالىدۇ؟ مەن بۇ ھەقتە توردىن ئىزدەپ قانائەتلەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم. بولسا دەپ بەرسىڭىز ئاممىۋى ئېلانلارنى قانداق يوقىتىدۇ؟
    回复شەپقەت说:
    بىلىشىمچە، گوگىلنىڭ ئاپتۇماتىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كۈزەتكۈچىسى بلوگ ياكى تور بەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلەپ بولۇشىغا بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىكەن، رەسمىي مەزمۇننى ياكى ئومۇمى مەزمۇننى ئىگىلەپ بولغۇچە پۇل كەلمەيدىغان ئاممىۋىي ئېلانلار چىقىدىكەن.
    2008-10-09 15:09:02
  • ئاداش ئاداش بولايى.بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز.
    http://uyghurx.blogbus.com
    回复ئۇيغۇر说:
    بولىدۇ، قوشىۋالاي.
    2008-09-17 20:57:54
  • سىزدىن سوراپ باقاي ، سىز گوگۇل ئېلانىنى بلوگىڭىزغا قانداق قويدىڭىز؟
    回复بىلىملىك بلوگ说:
    بۇ ھەقتە ئارامگاھ بىلوگىدا تەپسىلىي يازما بار، شۇنى كۆرۈپ چىقىڭ
    2008-08-03 10:46:07
  • ما خەۋەرنىڭ جېنى بار......
    回复ئەنقا说:
    سىزدىن ئۆگەندىم-دە بۇنى, سىزدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز...
    2008-08-01 18:23:29