باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • دۇنيادىكى ئۆزگەرتىلگەن ئەڭ پاكار ئۈستى ئۇچۇق ماشىنا - [جاھاندىكى يېڭىلىقلار]

    2008-08-09


    ئەنگىلىيلىك ئەندى.ساندىس ئۈچ ئاغىينىسى بىلەن ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، "ئاۋام" [Volkswagen] شىركىتىنىڭ ئەسلىدە ئېگىزلىكى 2.4 مېتىر كېلىدىغان ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئېگىزلىكى 1 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان ئۈستى ئوچۇق ئەڭ كىچىك ماشىنىغا ئۆزگەرتىپ چىققان.

    "ئۈستى ئوچۇق تورت" [敞篷蛋糕___Van-Cake] دەپ ئاتالغان بۇ ماشىنىنىڭ ئەڭ يوقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 128 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. ساندىس قاتارلىقلار بۇ ماشىنىنىڭ 1.38 مېتىر كېلىدىغان ماشىنا كابىنكىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، ئۇنى 35 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى كابېنكىغا ئۆزگەرتكەن. ماشىنىغا يېڭىچە مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە پاكار ئۇرۇندۇق ئىشلەتكەن. بوشلۇقنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ ماشىنىغا پۇت تورمۇز ئەمەس، بەلكى قول تۇرمۇز  ئىشلىتىلگەن. ماي باكىمۇ ئالاھىدە ياسالغانىكەن.

    بۇ ماشىنا نۆۋەتتە يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسىگىمۇ ئېرىشكەن. بۇ ماشىنا بەكلا پاكار بولغاچ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ توساقلىرىدىنمۇ بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەن.

     

    بۇ ماشىنا نۆۋەتتە يول يۈرۈش ئىجازەتنامىسىگىمۇ ئېرىشكەن. بۇ ماشىنا بەكلا پاكار بولغاچ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ توساقلىرىدىنمۇ بىمالال ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەن.

    ساندىسنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە: ئۇلار ھەركۈنى سەھەر سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ كۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ ماشىنىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. "جېننىس دۇنيا رېكورتى" [Guinness World Records] ئورگىنىدىكى خادىملار بۇ ماشىنىنىڭ "دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئۈستى ئوچۇق ماشىنا" ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

    ئۆزگەرتىلگەن ماشىنا 1980-يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشتىن بۇرۇن 112 مىڭ كىلومېتىر يول باسقانىكەن.

    مەنبە: http://tech.qq.com/a/20080807/000128_1.htm

    分享到: