-
2008-يىل 10-ئاينىڭ 15-كۈنى Blogbus قا يېڭى بىر ئىقتىدار قوشۇلۇپتۇ. يەنى ئارقا سەھنىگە كىرگەندە «قوشنا بلوگ» دەيدىغان تۈر قوشۇلۇپ (ئىلگىرى بارمۇ-يوقمۇ دىققەت قىلىپ باقماپتىكەنمەن، ئەمما بۈگۈن ‹يېڭى› دىگەن خەت قوشۇلۇپ قاپتۇ ) سىزنى ئۆزىڭىز خالىغان بلوگ بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئالاقە باغلاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
يوقىرىدىكى رەسىم شۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن «يېڭى دوست قوشۇش» دىگەن تۇردىن بەزى تاللانما تۈرلىرى ئارقىلىق يېقىن بلوگ ياكى يازغۇچىلارنى قوشالايدىكەنسىز، ئاستىنقى رەسىمدىكىدەك (رەسىم كىچىك چىقىپ قالسا، رەسىمنى چەكسىز چوڭايتىپ كۆرەلەيسىز)
سىز مۇشۇ يول ئارقىلىق دوستانە بلوگلارنى ياكى يېقىن دوستىڭىزنى قوشىۋالغاندىن كېيىن، ھەر ئىككىلا تەرەپ ئارقا سەھنىدىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىقلاردىن خەۋەر تاپالايدىكەن. يەنى يېڭى يازما يوللاش، باش سۈرەت ئۆزگەرتىش، يېڭى ئۇسلۇب ئىشلىتىش ۋە بلوگنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىقلاردىن تېزلا ۋاقىپلىنالايدىكەن. ھەم شۇنداقلا تىزىملىككە قوشۇۋالغان ئۇلانمىنى ياكى تۈرلەرنى چېكىش ئارقىلىق قوشنا بىلوگدىكى يېڭى يازمىلارنى كۆرەلەيدىكەنسىز.
قېنى سىناپ بېقىڭ.
评论