باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • كىشىلىك ھايات دەستۇرى - [مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق]

    2008-10-19


    1.ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، لېكىن تەكەببۇر بولماڭ .
    2.ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى چوڭ تۇتماڭ.
    3.ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ، لېكىن قالتىس ھېسابلىماڭ.
    4.كەمتەر بولۇڭ، لېكىن ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ.
    5.ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ، لېكىن ھاقارەتلىمەڭ.
    6.ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، لېكىن شەخسىيەتچى بولماڭ.
    7.ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ، لېكىن ئۆز مەيلىڭىزچە ئىش كۆرمەڭ.
    8.قەتئي بولۇڭ، لېكىن جاھىل بولماڭ.
    9.جانلىق بولۇڭ، لېكىن شاللاق بولماڭ.
    10.باتۇر بولۇڭ، لېكىن تەلۋە، قارام بولماڭ.
    11.تەمكىن بولۇڭ،لېكىن جۈرئەتسىز بولماڭ.
    12.سەگەك بولۇڭ، لېكىن گۇمانخور بولماڭ.
    13.مەردانە بولۇڭ، لېكىن قوپال بولماڭ.
    14.ياۋاش بولۇڭ، لېكىن دۆت بولماڭ.
    15.ئىھتىياتچان بولۇڭ، لېكىن قورقۇنچاق بولماڭ.
    16.چىقىشقاق بولۇڭ، لېكىن چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭ.
    17.يۇمۇرلۇق بولۇڭ،لېكىن چاكىنا بولماڭ.
    18.سۆزمەن بولۇڭ، لېكىن مۇغەمبەرلىك قىلماڭ.
    19.ساددا بولۇڭ، لېكىن گۆدەكلىك قىلماڭ.
    20.مۇلايىم بولۇڭ،لېكىن قارۇغۇلارچە ئەگەشمەڭ.
    مەنبە :مىسرانىم تورى
    分享到: