-
بۇ قېتىمقى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدا كىم ئەڭ كۆپ زىيان تارتىپ "نوچى" بولدى؟
مەسلىھەت بېرىش شىركىتى StevenHall&Partners بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە، ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ CEO (باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى) لىرىنىڭ شىركەتنىڭ ئومۇمىي پېيىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە (2007-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە) پايچىكىدىن كېلىپ چىققان زىيىنى بويىچە، "پايچەك ئىلاھى" دەپ ئاتالغان ۋاررىن.باففىت 1-ئۇرۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ قولىدىكى "بېركشىر.ھەسەۋىي" [BerkshireHathaway] شىركىتىنىڭ زىيىنى 9 مىليار 600 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
بۇ تىزىملىكتە يەنە "ئوراكىل شىركىتى" [ OracleCorp.] شىركىتىنىڭ CEO سى لاررىي.ئېلسون [ LarryEllison] نىڭ زىيىنى 6 مىليارد 600 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى؛ "مىكروسوفىت" [MicrosoftCorp.] نىڭ CEO سى سىتىۋ.بالمېر [SteveBallmer] نىڭ زىيىنى 4 مىليارد 800 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى؛ "ئامازۇن شىركىتى" [Amazon.comInc] نىڭ CEO سى بېزوس [effBezos] نىڭ زىيىنى 4 مىليارد 200 مىليۇن ئامېرىكا دوللرى؛ "خەۋەرلەر گوروھى" [NewsCorp] نىڭ CEO سى موردوك [RupertMurdoch] نىڭ زىيىنى 3 مىليارد 900 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
تەكشۈرۈشتە سېتىۋېلىنغان ياكى ۋەيران بولغان شىركەتلەر سىتاتسىتىكا قىلىنمىغان. مەسىلەن: بىل.ستون، لېيخمان ئاكا-ئۇكىلار، ۋاشىنگىتون ياردەم بانكىسى قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بۇ تىزىملىككە كىرەلمىگەن.
سانلىق مەلۇمەتلاردىن ئېنىقلانغىنىدا: ئۆتكەن يىلدىن ھازىرغىچە ئامېرىكىدىكى 175 چوڭ شىركەتنىڭ CEO لىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋە پايچەكلىرىنىڭ قىممىتى %28 چۈشۈپ، بىۋاستە زىيان 423 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
تەكشۈرۈشتە شىركەت قۇرغانلار بىلەن باشقا تۈردىكىلەر سىتاتسىتىكا قىلىنغان بولۇپ، شىركەتنى قۇرغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە زىيىنى %35 بولغان بولسا، باشقىلارنىڭ زىيىنى تېخمۇ چوڭ بولۇپ %49 بولغان.
تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلاردىن شىركەت قۇرغانلار شىرىكەت پايلىرىدىن 2 مىليارد 800 مىلياردلىق پايغا ئىگە بولغان بولسا، باشقىلار 2 تىرىلىيۇن 670 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق پايغا ئىگە ئىكەن.
روسىيلىك بايلار قانداق بولغاندۇ؟
روسىيدىكى ئەڭ چوڭ باي ئولىگ.دېرىپاسكا [OlegDeripaska] ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى روسىيە ئاليومىن شىركىتىنىڭ 5-ئايدىكى مەبلىغى 286 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ شىركەت لوندون ۋە جۇڭگو شىياڭگاڭدا تارماق شىركەتلەرنى ئاچماقچى بولغان، ئەپسۇس، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بۇ پۇلدار ناھايتى زور قەرز بىلەن قىيىن كۈنگە قالغان.
بۇنداق مىساللار ناھايتىمۇ كۆپ. ساناپ تۈگەتكىلىمۇ بولمايدۇ.
http://stock.hexun.com/2008-10-24/110403370.html
سىزنىڭچۇ قېرىندىشىم؟ سىز قانچىلىك زىيان تارتىۋالدىڭىز؟
评论
بۇ بازارنى ھېچكىم بۇنداق بوپ كېتەر دىمىگەن، زىيىنى ھەقىقەتەن زور بولدى،
ئاغىينىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى، سىزنىڭمۇ ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزنى تىلەيمەن !
ياۋرو سەككىز كوي ئۈچ موغا چۈشۈپ كەتتى ئەمەسمۇ. مەن ئۈرۈمچىدىن 10 كوي 3 موغا ئالغان. يەن قانچىلىك چۈشىدۇ بىلگىلى بولمايدۇ. خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسىۋاتىدۇ.
بلوگنىڭ تۇغى بۇ يەردە.
http://anatil.blogbus.com/files/12248451590.gif
سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خوشالمەن، سىزنى تۆنۈگۈنلا دوستانە ئۇلانمىغا قوشىۋەتكەن.