باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئوڭۇشسىزلىق بېيىش ئارزۇيىڭىزنى يەۋەتمىسۇن - [مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق]

    2008-11-01


    ئۆزىڭىزگە تونۇش بولغان ئىشنى قىلىڭ

    روبىرت ۋە جورج ئىسىملىك ئىككى ئامېرىكىلىق نيۇ-يوركتا ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىپتۇ، تىجارىتىمۇ ناھايتى ياخشى يۈرۈشۈپتۇ. لېكىن، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىككىلىسى بۇ ئىشتىن زېرىكىپ قاپتۇ ۋە رېمونتخانىنى سېتىۋېتىپتۇ.

    روبېرت بىلەن جورج پۇلنى ئالېىپ مىئامىغا كەپتۇ. بۇ يەردە ئۆي-زېمىن، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ساھەدە پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ پېيىتنى سېتىۋاپتۇ. ئەمما، ئىككىلىسى قۇرۇلۇش ساھەسىگە نىسبەتەن "ساۋاتسىز" بولغاچقا، بۇ شىركەتنى ئاققۇزالماي، ئېغىر زىيان تارتىپتۇ. ئامالسىز يىغلاپ تۇرۇپ، بۇ شىركەتنىڭ بارلىق پېيىنى زىيىنىغا سېتىۋېتىپ، قايتىدىن ئاپتوموبىل رىمونتخانىسى ئېچىپتۇ.

    تىجارەت ھېكمىتى: تىجارەتچىنىڭ نېمە سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىنى  ئۇنىڭ ئارزۇسى بەلگىلىمەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىجارەتچى نېمە قىلماقچى بولسا، شۇنى قىلالىشى ناتايىن. تىجارەتچى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى، بىلىمى ۋە دەسمايە ئەھۋالىنى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئېھتىياج قاتارلىق شارائىتلارنى ئويلىشىشى كېرەك.

    "شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى" 2008-يىل 18-ئۆكتەبىر سانىدىن.

    分享到:

    评论

  • http://www.williamlong.info/archives/121.html
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بوخلان ئەپەندى

    مەن پايچېكى مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى http://www.payqeki.com ، تور بېتىڭىزدە ئىقتىسادقا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەر بار ئىكەن، بىزنىڭ پايچېكى مۇنبىرىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توربەتنى بىلمەيدۇ، شۇڭا تېمىلىرىڭىزنى كۆچۈرۈپ كېتىپ، توربەتتە ئېلان قىلسام... ئەلۋەتتە مەنبەسىنى ئەسكەرتىمەن ،، يەنە ئېلانلىرىڭىزنى چېكىمەن ...
    بىرگە توربېتىڭىزنى تەشۋىق قىلالايسىز؟
    يەنە ئېلانلىرىڭىزمۇ بېسىلىپ تۇرىدۇ ؟؟ ھى ھى ... خالىسىڭىز، ئېغىر كۆرمەي، ئېلخېتىمگە مەكتۇپ يوللىۋەتسىڭىز ، كىيۇ كىيۇ بولسىمۇ بولىدۇ 124887504... خەۋىرىڭىزگە تەشنامەن ...خەير .
    回复زوراۋان说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بلوگىمنى ياقتۇرغىنىڭىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيىتىمەن،
    مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تېمىلىرىمنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، سىزنى قوشىۋالسام يوشۇرنىۋاپسىز....
    2008-11-10 21:29:56
  • http://www.redbubble.com/people
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويدۇم . سىزمۇ قاراپ ئولتۇرماسسىز !
    回复مەن تۈرك说:
    رەھمەت، مەنمۇ ئېلانلىرىڭىزنى چېكىۋەتتىم.
    2008-11-02 19:52:37