باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئايرو خانقىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى - [مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق]

    2008-11-06


    ئايروپىلان باشلىقى سەپەر جەريانىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ئايروپىلاننىڭ كەينىدە ئولتۇرغان بىر ئايرو خانقىز بىلەن پاراڭلاشماقچى بوپتۇ، ئەمما بۇ ئايرۇ خانقىزنىڭ قولىدىكى ژۇرنالنى كۆرگۈسى باركەن.

    ئايرۇپىلان باشلىقى: "بىز بىر ئۇيۇن ئوينايلى، قانداق؟ " دەپتۇ، ئايروخانقىز بولسا مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ژۇرنىلىنى كۆرۈۋېرىپتۇ.

    ئايرۇپىلان باشلىقى يەنە: " ئۇيۇننى مۇنداق ئوينايلى، مەن بىر سۇئال سوراي، سىز جاۋاپ بېرىڭ، جاۋاپ بېرەلىسىڭىز ماڭا 5 دوللاربىرىڭ. ئاندىن سىز بىر سۇئال سوراڭ، مەن جاۋاپ بېرەلمىسەم مەن سىزگە 5 دوللار بېرەي" دەپتۇ، ئۇ ئايروخانقىز بولسا يەنىلا مىيىقدا كۈلۈپ ئولتىرىۋېرىتپۇ.

    ئايرۇپىلان باشلىقىنىڭ ئىچى پۇشۇپ، چوڭچىلىق بىلەن :"مۇنداق بولسۇن، سىز جاۋاپ بېرەلمىسىڭىز ماڭا 5 دوللار بېرىڭ، مەن جاۋاپ بېرەلمىسەم سىزگە 100 دوللار بېرەي" دەپتۇ، ئايروخانقىز قولىدىكى ژورنالنى قويۇپ، ئايرۇپىلان باشلىقىغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن :"قېنى ئەمسىە، سىز سوراڭ" دەپتۇ.

    ئايرۇپىلان باشلىقى :" بوئىن 747 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ سۈرئىتى قانچە كىلومېتىر؟" دەپ سۇئال قويۇپتۇ، ئايروخانقىز بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، يېنىدىن 5 دوللارنى چىقىرىپ ئايرۇپىلان باشلىقىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، سۇئالىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ.

    -ئۈچ كۆزى، ئالتە بۇرنى، توققۇز پۇتى ۋە قۇيرۇقى بار ھايۋان قايسى؟

    ئايرۇپىلان باشلىقى خېلى ئۇزاق ئويلىنىپمۇ جاۋابىنى تاپالماي، يېنىدىن 100 دوللارنى چىقىرىپ ئايروخانقىزغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ، ئايروخانقىز بولسا ناھايتى پوچىلىق بىلەن پۇلنى ھەميىنىغا سېلىپتۇ. ئايرۇپىلان باشلىقى قايىل بولمىغان ھالدا:"جاۋابى زادى نېمە؟" دەپ سوراپتۇ.

    ئايروخانقىز بولسا يېنىدىن 5 دوللارنى چىقىرىپ ئايرۇپىلان باشلىقىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئاندىن يەنە ژۇرنىلىنى كۆرۈشكە باشلاپتۇ.

    分享到:

    评论

  • كاللىسى بەك ئىشلەيدىكەن ھە.ئۆزىمۇ جاۋابىنى ئۇقمايدىغان سۇئالنى سوراپ.
    回复ئىدىقۇت说:
    شۇنداق، «رەخت پۇل ئەمەس، ھۈنەر پۇل» دىگەن شۇ...
    2008-12-23 23:38:48
  • ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۈمۈچ
    回复نۇرتاش说:
    شۇنى بىر دەيسىز....
    2008-11-20 10:45:06