باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • ئىت بۇغۇش سېلىش [چوقۇم كۆرۈڭ] - [باشقــــا تۈردىكىلــەر]

    2008-11-27


    ئەزەلدىنغۇ ئەنئەنە دەپ ئىت بوغۇش سالىدىغان، قوشقار چوقۇش سالىدىغان، توخۇ سوقاشتۇرىدىغان، ئوغلاق تارتىشىدىغان، چاقپەلەك ئوينايدىغان، مەشرەپ، زاراخەتمە (كىچىك چېغىمدا بولىدىغان، ھازىر يوقىلىپ كەتكىلىمۇ 10 يىلدىن ئاشتى يۇرتىمىزدا)، رامىزان توۋلايدىغان ئىشلىرىمىز بار ئىدى.

    نېمە ئۈچۈنكىن، مۇشۇ ئىت بۇغۇش سېلىش، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقاشتۇرۇش، توشقان، قىرغاۋۇللارغا توزاق قويۇش... دىگەندەك ھايۋانلارنى قىيناپ تاماشىسىنى كۆردىغان ئىشلارنى كۆرسەملا زادى خوشام يوق، شۇنداقلا ئىچىمدە ئاشۇ ئىشلارغا قىلىۋاتقانلارغا ئۈنسىز غەليان كۆتىرەتتىم. بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى يۇرتىمىزنىڭ بۇ ئىشلىرىمۇ (توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت بۇغۇش سېلىش دىگەندەك ئىشلار ھازىرمۇ باركەن ئاڭلىسام، ئەمما پۈتۈنلەي قىمار خاراكتېرىنى ئېلىپ كېتىپتۇ) خېلى بېسىقىپ قالغان. بۈگۈن نېمە ئۈچۈندۇر دۇنيا قارا ئەپەندىمنىڭ "كومپيۇتېردا سىزىلغان سۈرەتلەر" دىگەن ماقالىسىنى كۆرۈپ، شۇ ماقالىدىكى رەسىم ئاىدىرىس بويىچە ئىزدەپ، شۇ تور بەتتتىكى شۇ ئادىرىستىكى "ئىت بوغۇش سېلىش" [خەنزۇچە 斗狗 دەيدىكەن] دىگەن رەسىمنى ئاچسام پۈتۈنلەر قېرىنداشلىرىمىز بار رەسىم ئىكەن، ئىتنىڭ تاماشىسىنى قىلىۋېتىپتۇ. بەزىدە مۇشۇ ھايۋانلارنىڭ قىساسى تۇتۇپ ئاشۇنداق بوپ قالىدىغانمىزمىدۇ؟ دىگەندەك خىياللارنى قىلىپ كېتەتتىم، بۇ خىيالىم بۇ رەسىمنى كۆرۈپ يەنە قايتا ئېسيان كۆتىرىپ چىقتى، كۆرۈپ بېقىڭ- ئەلۋەتتە بۇ رەسىمنى مەن تارتمىغان، مەنبەسى ئىنتېرنېت، تەسىراتىڭىز قانداقكىن؟

     

    مەنبەسى: يەر شارى تورى

     

    分享到:

    评论

  • بىزنىڭدە بۇنداق ھايۋاناتلارنى ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق دو تىكىپ ئوينايدىغانلار خېلى بار. يەنىلاشۇ يېزىلىرىمىزدا بار، ئاشۇ ئىتقا دو تىككەن پۇللىرىغا بالىلىرىغا دەپتەر-قەلەم ئېلىپ بەرسىچۇ؟قاراڭ قىزىپ كەتكىنىنى تېخى، قىلىدىغانغا ئىشىمىز يوقتەك......
    تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
    回复dunyakara说:
    بىزنىڭ رايۇنىمىزدىمۇ قىمار خاراكتېرىنى ئېلىپ كەتتى، مەن زادىلا كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما ئاڭلىدىم.
    راست گەپنى قىلسا ئاشۇ قانلىق، پاجىئەلىك سۇرۇننىڭ شاھىتى بوپ قېلىشنى خالىمايمەن.
    شۇنداقلا ئاشۇلارنى ئاشۇ جانىۋارلارنىڭ قىساسى تۇتمىغىيدى دەپ تىلەيمەن.
    سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت. سىزدىن جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
    2008-11-28 13:53:21