باش بەت

 مۇۋەپپەقىيەت

 تۇرمۇشۇم

 غارايىبات-يېڭىلىق

 ئىقتىساد-سودا

 ئىزدەش




  • تەدبىر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ - [مۇۋەپپەقىيەتشـۇناسلىق]

    2008-12-28


       مەلۇم بىر شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىنى تېزلىتىش يىغىنىدا، دىرېكتور يىغىن قاتناشچىلىرىغا ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۆزى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا نېمە بارلىقىغا قاراپ بېقىشنى ئېيتىپتۇ.  
      
    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا پۇل بارلىقىنى كۆرۇپتۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، دىرېكتور:
    -  
    بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى ئەمدى ئۆزۈڭلارنىڭ بولدى. بىراق،قايسىڭلار مىنىڭ ھەرقايسىڭلارنىڭ ئورۇندۇقىغا پۇل قۇيۇپ قويۇشىمدىكى مەقسىدىمنى ئېيتىپ بىرەلەيسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ.
      
    بۇنىڭغا ھىچكىم جاۋاپ بېرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دىرېكتور بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى ئېيتىپ بېرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ مۇنداق دەپتۇ:
    -  
    مەن بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئەڭ ئاددىي، لېكىن ئاسانلا سەل قارىلىدىغان مۇنداق بىر ئىشنى يەنى مىدىرلىماي ئولتۇرۇۋەرسە، مەڭگۇ پۇل تاپقىلى ،مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ قويماقچىمەن.
    分享到:

    评论

  • يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
    http://uyghurqa.blogspot.com/ سىلەرگە ئالى سالام يوللايدۇ
    Boghlan回复ئۇيغۇر说:
    سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا رەھمەت. ئالىي تىلەكلىرىڭىز يار بولسۇن!
    2009-01-02 17:46:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    دوستۇم رەھمەت سىزگە ، سىزگىمۇ مۇبارەك بولسۇن ، مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم ، مېنىمۇ قېتىپ قويارسىز ، مىنىڭ ئادرىسىم http://uy-orla.blogbus.com/
    لوگو ئادرىسىم http://uy-orla.blogbus.com/files/12274193200.gif
    Boghlan回复ئۇيغۇر ئۆرلە说:
    رەھمەت. مەنمۇ سىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
    2009-01-02 18:12:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا سىزگە سالامەتلىك، بەخت-ئامەت، خوشاللىق يار بولغاي!
    Boghlan回复تارىم说:
    رەھمەت، بىرگە بولسۇن! سىزگىمۇ ئامەت، سالامەتلىك، مۇۋەپپەقىيەت، شادلىق تىلەيمەن!
    2009-01-02 18:37:09
  • يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
    Boghlan回复dunyakara说:
    رەھمەت. سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    بلوگىڭىزنىڭ «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ" تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم. مۇبارەك بولسۇن! شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېچىكىپ بولسىمۇ يېڭى يىلىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن: يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى بىر يىلىڭىزنىڭ شادلىق، سالامەتلىك، خۇرسەنلىك، ئىشەنچ، مۇۋەپپەقىيەت، ئىزگۈلۈكلەرگە تولغان بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    2009-01-02 18:58:50
  • مىنى ئۇلىنىش قىلۋىلڭە مەن سىزنى قىلۋالدىم
    كۆك دالا بىلوگ
    www.kokdala.cn
    Boghlan回复كۆك دالا بىلوگى说:
    بولىدۇ، سىزنى ئۇلىنىشقا قوشىۋالدىم.
    2008-12-30 21:08:35
  • ئاشۇنداق ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا پۇل قويۇپ قويىدىغان شېركەتتە ئىشلىسەك بولامدۇ نىمە؟ (چاقچاق قىلىپ قويدۇم بوغلان ئەپەندىم)
    Boghlan回复dunyakara说:
    ئاشۇنداق شىركەتلەرمۇ بارمىدۇ؟ ئىشلىمەي بېكارلىق نان يەيدىغان ئىش نەدە بار؟! ئەمما ئۈمىدلىك ياشايلى! ئەتە سىز ۋە بىزلەرمۇ ئاشۇنداق ئۇرۇندۇق ئاستىغا پۇل قۇيۇپ قويىدىغان دېرىكتورلاردىن بوپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
    2008-12-30 21:07:57