تۆتىنچى ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان 2011- يىللىق « سىتانكېۋىچ » لوڭقىسىنى تالىىشش مۇسابىقىسىنىڭ 3-لىكنى تالىشش ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى 49-50 نەتىجە بىلەن ، يەنى جۇڭگو كوماندىسى 1 نۇمۇر پەرىق بىلەن رۇسسىيە كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ قويدى .
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخىشى بولغان ماھىر يەنىلا پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان بولدى . ئۇ جەمئي 16 نۇمۇر ئېلىپ مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ماھىر بۇلۇپ قالدى ، يەنە 6 قېتىم قارشى تەرەپنىڭ توپنى يۇلۇپ تارتىۋالدى ، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى تارتىۋالدى . كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى مۇسابىقە ئاخرلىشاي دېگەندە شىرئەلىجان قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىنىڭ ھۇجۇمغا چىققان توپىنى ئۈنۈملۈك تارتىۋالدى . قاتتىق جىددىيلەشكەن قارشى تەرەپ ماھىرى قائىدگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن شىرئەلىجان ئىككىلا جازا توپنى كىرگۈزۈپ ئارقىدا قالغان جۇڭگو كوماندىسىغا ئۇمۇد ئاتا قىلدى بىراق ، نەتىجە 49- 50 شارائىتتا ، مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى 6 سىكونىت قالغان ۋاقىتتا ، جۇڭگو كوماندىسى يەنە بىر قېتىم جازا توپقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، جاڭبو دىگەن قاقۋاش ماھىر ئىككى جازا توپنى كىرگۈزەلمەي غەلبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇردى .
شىنلاڭ تورىنىڭ تورداشلار راي سىناش پائالىيىتىدە شىرئەلىجان مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن دۆلەت كوماندىسىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق ماھىر بوپ قالدى.دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردىكى تور بىكەت ۋە تاراتقۇلاردا شىرئەلىجان قىززىق نۇقتا بوپ قالدى.
[ ئۈمىديارتەرىپىدىن2011-08-09 19:46قايتا تەھرىرلەندى ]