ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2715 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: مەشرەپ شېئىرللىرىدائىپادىلەنگەن ئەركىنلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك(ئالىپ ئوغۇز )
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 86
ياخشى باھا: 306
توردا: 40(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-03-24
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 00:54

مەشرەپ شېئىرللىرىدائىپادىلەنگەن ئەركىنلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك(ئالىپ ئوغۇز )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-12)
 

 
مەشرەپ شېئىرللىرىدائىپادىلەنگەن ئەركىنلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك
            روھى ئۇيغۇر كىلاسسىك  شېئىرىيىتىنىڭ  

 مەڭگۈلىك ئابىدىسى

 نۇرمۇھەممەد تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز

ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرللىرى سانىنىڭ كۆپلىكى شۇنداقلا ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپىۋى مەنا ۋە ئىستېتىك قىممىتىنىڭ يۇقۇرلىقى بىلەن كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرماقتا .مەيلى قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتتى نەزەر ئۆزىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتنىغا بولغان جىددىي تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قەدىرلەش روھىي بولمايدىكەن  ، شۇ مىللەتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەدەبىياتىنىڭ تەرقىياتىدىن سۆز ئېچىش مۆمكۈن ئەمەس .ھەرقانداق يېڭىچە  ئەدەبىيات ـ سەنئەت ھادىسىسى ئۆز تۈپىرىقىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مىللىي روھىيىنى ۋە ئۇنىڭ قويدندىكى پۈتمەس ـ تۈگىمەس قىممەتلىك تەجىربىلەرنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ شۇنداقلا ئاشۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كۈچ ـ قۇۋىتى بىلەن داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭىدۇ ھەم ئىنسانىيەتكە نادىر ئەسەرلەرنى سۇنالايدۇ .

غەرىپ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئىستېتىك ۋە پەلسەپىۋى قاراشلار پۈتۈنلەي قەدىمقى رىم ۋە گىرتسىيە پەيلاسوپلىرىنىڭ ۋە سەنئەتچىللىرىنىڭ قارشلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان .قەدىمقى رىم ۋە گىرتسىيە ئەدەبىيات ـ سەنئىتى ئۆزنىڭ كىلاسسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە قەدىمقى دەۋرلەردە ئۆتكەن ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر ۋە پەيلاسوپلار قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلەردىن ئوزۇق ئالغان .غەرپنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپلىرى بولغان سوقرات ،پىلاتون ،ئارستوتىل ،پىفگورت ، دېمكۈرات ... قاتارلىققارلىنڭ كۆز قاراشلىرى يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ـ سەنئەت قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان .رودىكى ، ئابدۇراخمان جامى ، ھافىز شىرازى ، فارابى ، ئىبىن سىنا ،جالالىدىن رۇمى ،ئەھمەت يەسەۋى ،پەدىدىن ئەتارى قاتارلىق بۈيۈك نامايەندىلەرنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرىگە بولغان قىزغىن ئىشتىياق ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش بولىمغان بولسا داڭلىق شائىرمىز ئەلشىر نەۋائى بۇنداق زور نەتىجە قازىنالمايتى مەسىلەن ، ئۇ ‹‹فەرھاد ـ شىرىن ››دىگەن داستانىنى پارىس ۋە تۈرۈك ئەدىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان . ئەلشىر نەۋائى ،لۇتفى ...قاتارلىق شېئىريەت پېشۋالىرى بولمىغان بولسا تەجەللى ، مەشرەپ ،خاراباتى ،ئابدۈكېرىم نىزارى ...قاتارلىق نامايەندىلەر بولمىغان بۇلاتتى .شۇنداقلا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولىمغان بولسا ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۇنداق مول نەتىجىلەرگە ئېرشلەمىگەن بۇلاتتى . گەپنى خۇلاسىلىغاندا ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ۋە ئەرتىنىڭ مۇناسىۋىتى تەندىكى قان بىلەن گۆشنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ . گۆشتە قان بولمىسا ھاياتلىق خارپلىشىدۇ  ، گۆش بولمىىسا قاننىڭ قىممىتى قالمايدۇ .ھىندىستانلىق شائىر ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى :

‹‹بىرنچىسىز ئىككىنچىسى قۇرۇق ،

ئىككىنچى بولغاش بىرىنچى ئۇلۇغ .››دەپ  ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.

 ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جېنى . بىز ئۇنىڭ دېڭىزىغا قانچە چۆككەنسىرى  شۇنچە كۆپ گۈھەرلەرنى سۆزۈپ ئالىمىز .مەن تۈۋەندە خەلقىمىز چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن يات ئېتىپ كىلىۋاتقان ،ئۆلمەس شېئىرللىرى بىلەن خەلقىمىز روھىينى ئىستىلا قىلىۋالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسيانكار پەرزەنتى ۋە ئاتاقلىق شائىر بابا رەھىم مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ھەققىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن .مەشەرپ شېئىرللىرى كۆپ قىرلىق مەناغا تويۇنغان ھەم بىر ئۆمۈر قازسىمۇ تۈگىمەيدىغان روھىي كاندۇر .بۇ ماقالىدە بايان قىلىنغىنى مەشرەپ شېئىرللىرىنىڭ بىپايان دېڭىزدىن سۈزىۋىلىنغان بىر تامچىدىن ئىبارەت .مەشرەپنىڭ روھىيىنى ۋە ئۇنىڭ شېئىرللىرىنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىگىنى شۇنداقلا ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنا قاتلىمىنى يورتۇپ بېرىش تولىمۇ شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل خىزمەت . ئۇنىڭ روھىينى ۋە شېئىرللىرىغا كۆمۈلگەن ئەركىنلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك غايىللىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن تالاي توم ـ توم كىتاپلارنى يېزىشقا توغار كېلىدۇ .

مەشرەپ ئەينى دەۋرنىڭ قەيسەر مەنىۋى جەڭچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر روھىيىتنىڭ ئاسمىنىغا مەڭگۈ ئۆچمەس قەلىپ چېقىنلىرىنى ئېلىپ كىردى . ئۇ سەيىدىيە خانلىقى پۈتۈنلەي زەيىپلىشىپ ، ئوتتۇرئاسىيا جۈملىدىن قەشقەرىيە زېمىنى زۈلمەتلىك روھى ۋە ماددى كىرزىسقا پاتقان پەيىتتە ياشاپ ئۆتتى . ئۇ ياشىغان دەۋىردە. ھاكىمىيەتنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان نومىسسىز ۋەقارانىيەت خۇجاـ ئىشانلار ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنى چىدىغۇسىز چۈشكۈن ئەقىدىلەر بىلەن بوغۇپ تاشلاپ ، پۈتكۈل قەشقەرىيە زېمىنىنى تەركى دۇنياچىلىقنىڭ ،دىننى ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلىغان ئىشانلارنىڭ ، ئاڭسىز دىننى ئەسەبىلىكنىڭ ئوچىقىغا ئايلاندۇرغان  ئىدى .قەلبى ئىنسانغا بولغان چەكسىز سۆيگۈگە تولغان ھەم ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈركى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان مەشرەپ ئۈچۈن  ئىنسانىيەتنىڭ بۇ پاجەلىرى ئۇنىڭغا چىدىغۇسىز  روھى ئازاپ ئېلىپ كېلەتتى .قەلبى چەكسىز جاراھەتلەنگەن ۋە رېئال مۇھىت تەرپىدىن ئەركىن تەپەككۈرى بۇغۇلغان مەشرەپ ئۆز دەۋىرداشلىرىغا مۇنداق دەپ خىتاپ قىلىدۇ :

‹‹ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسا يىغلىسۇن يار ئالدىدا ،

قالمىسۇن ئارمان يۈرەكتە ئەتسۇن ئىزھار ئالدىدا .››

يۇقارقى شېئىردا ئىپادىلەنگەن   ‹‹يار›› بولسا ھەقىقەت  ئالى گۈزەللىك ،ئەركىنلىك ۋە بۈيۈك تەڭرىنىڭ سىموۋۋۇلى ... ئىنسانلا بولىدىكەن ھەقىقەتكە ، ئەركىنلىككە ، گۈزەللىكە ، ئالەم ۋە ئۆزىنى چۈشۈنۈشكە بولغان ئىزلىنىشى توختاپ قالاميدۇ .ئىنسان قەلبى ئاجايىپ مەنىۋى سىرلارغا كۆمۈلگەنكى ھەرخىل توساقلاردىن ھالىقىپ ئۆتۈپ، روھى چوڭقۇرلىقىدىكى ئىلاھى بىشارتلەرنى ئاڭلاشقا ۋە ئۆزىنى يارتىشقا قادىر .شۇڭلاشقا بۈيۈك تەسەۋۋۇپ ئاتىسى جالالىدىن رۇمىنىڭ :‹‹ كۆزۈڭنى يۈم كۆزۈڭگە ئايلانسۇن كۆڭۈل .››دەپ ئېيتقىنى بىكار ئەمەس .

ئىنساننىڭ مۇقەددەس غايىللىرىگە ۋە ئەركىنلىكىگە بەكىرەك ئىتىبار بېرىدىغان مەشرەپ .قەلىپ چوڭقۇرلىقىدا  چەكسىز سۆيگۈـ ئارمانلار تۇرۇپ ئۇنى ئاشكارلىيالماۋاتقان ھەم روھى ئۈزلۈكسىز خۇجا ـ ئىشانلار تەرىپىدىن كىشەنلىنىۋاتقان ، ئەتىراپىدىكى رەزىللىككە پەرۋا قىلماي ئۇنىڭغا رائىشلىق بىلەن تىز پۈكىۋاتقان ئىنسانلارنى  ئورنىدىن دەس تۇرۇپ .ئۆزىنىڭ قەدىر ـ قىممىتىنى ،ئادىمىلىك ھوقوقىنى قوغداشقا ھەم ئېغىر قىسمەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۆزلىرى يوق قىلىشقا ،پۈتكۈل قاباھەتكە قەلبىدىن ئېتىلىپ چىققان ھەقىقەت نۇرلىرىنى چېچىپ ،ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىشقا شېئىرللىرىدىكى چوقانلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۈندەيدۇ .ئوتتۇرائاسىيا زېمىنىنى خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ ئاڭسىز لۈكچەكلىرى ، جاسوسلىرى ھەم سۈيقەستچى ھاكىملار قاپلاپ كەتكەن دەۋىردە قاپيۈرەكلىك بىلەن بۇنداق ئىسيانكار روھنى شېئىردا ئىپادىلەش ئۈچۈن جاسارەت كېرەك ئىدى .روسيەنىڭ ئاتاقلىق تەنقىتچىسى بېلنىسكى :‹‹ئۇلۇغ شائىرنىڭ ئۇلۇغلىقى شۇ يەردىكى ، ئۇنىڭ قايغۇ ـ ئەلەملىرى ۋە خۇشال ـ خۇراملىقى ئىجتىمائىي ھايات ۋە تارىخ زىممىسىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولىدۇ .››دىگىنىدەك ، مەشرەپنىڭ قەلبىمۇ ئاشۇ زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ئازاپ ۋە خۇشاللىقى بىلەن ھەمنەپەس ئىدى .

قايسى دەۋىردە ياشىغان شائىر بولۇشتىن قەتتى نەزەر ئۇ ھامان ئۆزنى ئۆستۈرگەن مۇقەددەس تۇپىراقىدىن   ئىلھام ۋە ئوزۇق ئالىدۇ . ئۆز رېئاللىقىدىن ئايرىلىپ قالغان شائىر قانچىلىك تىرشىسىمۇ ئۇنىڭ يازغانلىرى ئەھمىيەتسىز پۈچەك نەرسە بولۇپ قالىدۇ .شۇڭا ھەقىقى شائىر ئىدىيال ئالەم رېئال ئالەمنى ئۆز ئارا يۇغرۇپ تاشلايدۇ .بىز مەشرەپ شېئىرللىرىنى ئوقىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ شېئىرللىرىدا سوبيېكتىپ ئالەم بىلەن ئوبيېكتىپ ئالەمنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز .ئۇ بىرقىسىم كىشىلەرگە ئوخشاش سوبيېكتىپ ئالەمىدىكى خام ـ خىيال ياكى غايىۋى ھۆر ـ سەنەملەرنى ئىپادىلەشكە مەستانە بولۇپ، رېئاللىقتىكى تەڭسىزلىكلەرگە كۆز يۈمۇۋىلىشنى ، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرۋىلىپ جان بېقىشنى ، ئۆز روھىيغا زىت ھالدا قۇرۇق مەدىھيە باياۋىنىدا نومۇسسىزلارچە ئېزىپ يۈرۈشنى پەسكەشلىك ھەم ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋە مۇققەدەس پاكلىقىغا ساتقۇنلىق قىلغانلىق دەپ قارىدى .شۇڭلاشقا مەشەرپنىڭ كۆپ قىسىم شېئىرللىرىدا دەۋىرنىڭ ئادالەتسىزلىكى ،خەلقىنىڭ قاشاقلىقى ،ئادەملەرنىڭ ئۆزى ـ ئۆزىنى خارلىققا تاشلاشتەك پىسىخىكىسى ،خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ رەزىللىكى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھادىسلەر ۋە روھى تېراگىدىيەلەر ئۇنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان غەزەپ ـ چوقانلىرى ئارقىلىق شېئىرللىردا  ئىپادىلەنگەن . ئۇنىڭ شېئىرللىرنىڭ تەھتىدە بىرخىل ھەسرەتلىك مۇڭ ، ئىنسانغا بولغان ئوتتەك مۇھەببەت ،چەكسىز ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىق تىنجىماس دېڭىزدە دولقۇنلاپ تۇرىدۇ .بۇخىل ئالاھىدىلىكنى بىز ئۇنىڭ تۈۋەندىكى شېئىرلىردىن ئېنىق كۆرىۋالالايمىز .

 

‹‹ دۇنياغا  كېلىپ رەنجۇ بەلا نى كۆرۈپ ئۆتتۈم ،

يۈزلەرچە بەلا شىددەتىدىن ئۆرگىلىپ ئۆتتۈم

دۇنياغا كۆڭۈل بەرسە كىشى بولغىسى رەسۋا ،

بۇ فانى جەھان مۈلكىگە شەتتا ئۇرۇپ ئۆتتۈم .

بىلدىم مەن ئانىڭ دۈشمىنى مەككار ئىكەنىنى ،

مەردانە بولۇپ بەلگە ئېتەك قىستۇرۇپ ئۆتتۈم .››

 

***
 

‹‹مېنى دەۋران بۇ كۈن دەردۈ ئەلمگە مۇپتۇلا قىلدى ،

جەفا نازىننىلەر بىرلە يارۇ ئاشنا قىلدى .

كىشىگە ئايتە ئالماي باشىغا تۈشكەن تەبئي ھالىمنى ،

بۇ ھەسرەت پارە ـ پارە ئۆزىنى باغرىمگە جا قىلدى .

بۇ ھالىمغا تەرھۇم قىلغۇدەك بىر مىھرىبانىم يوق ،

مېنى بىچارە قىلدى ،زار قىلدى بىنەۋا قىلدى .››

 

***
‹‹بول مۇسافىر شەھەرىدە ھەردەم تۇتاشىپ يانەمەن ،

ھەر قايان بارسام بۇ كۈن يولدىن ئاداشىپ بارەمەن .

نە ئاتام بار ، نە ئانام بار ،ھېچ كىشىم يوقتۇر مېنىڭ ،

ھەر نەكى دىۋارلەرگە زورۇ سەرگەردانمەن .

نې گۇناھ قىلدىم ،خۇدا ،بۇنيادا بولدۇم مەن غەرىپ ،

ھەر قەيەردە بىكەسۇ بىچارىگە ھەمخانەمەن .

...››

 

مەشەرپ شېئىرللىرىدا ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋى كىرزىسللىرى ناھايتى بىمالال ئىپادىلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن . چۈنكى مەشەرپ نەزىرىدە ئىنسان قەلىپ جەھەتتىن پۈتكۈل گۈزەللىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھەمدە ئىلاھى نۇردىن قۇۋەت ئالغان ئالەمنىڭ مەقسىدى ۋە ماھىيىتى ئىدى .ئۇ ئىنساننىڭ زۈلۈم چېكىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، ئۆز بەختىگە ۋە قەلىپ ئارمانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە قەتتىي ئىشىنەتتى .شۇڭا ئۇ ئىنساننىڭ قىسمەتلىرىگە ئىچ ـ ئىچىدىن قايغۇ ئۇرۇپ:‹‹ ئايا ،دەۋزەخ مېنى كۆيدۈر ، خەلايىق كۆيمەسۇن ھەرگىز .››دەپ ئىنسانغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇنىڭ بارچە ئازاپلارنى كۆتۈرۈشكە قادىر بولغان ۋۇجۇدىدا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ قېرىندىشى ،ئورتاق غايە ۋە گۈزەللىكە تەلپۈنگىچى ئىدى .مەشرەپ ئۆز ئېشىردا :‹‹ گاھي ئۇرۇس گەھى چىركەس گەھى مۇئمىن گەھى تەرسامەن، دىلىم دەريايى نۇردۇر ،مەۋج ئۇرۇپ دۇنايغا سېغمىدىم .››دىگىنىدەك ، زېمندىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ پاجەسى ئۇنىڭ پاجەسى ئىدى.مەنىۋى كامالەتنى ماددى كامالەتتىن ئۈستىن قويىدىغان مەشرەپ ئۈچۈن ،مەنىۋى غېرىپلىق ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق بەخىتسىزلىكىنىڭ ھەم ئۆزىنى ـ ئۆزى تونىماسلىقنىڭ ۋە ئەركىن ئىرادىسنى خارلىققا تاشلاشنىڭ مەنبەسى ئىدى . شۇڭا بىز مەشەرپ شېئىرللىرىدىن ئاساسىز توقۇلغان قۇرۇق تەسۋىر ۋە سوبيېكتىپ خام ـ خىيالنى  ئاز چېلىقتۇرىمىز .

مەشەرپ ئۆز روھىيدىكى ھەسىرەت ـ پىغانلارنى ھەر بىر ئىنساننىڭ تەقدرى بىلەن بىرلەشتۈرپ ئىپادىلىدى ،ئىنساننىڭ ئەركىن تەپەككۇرىنى ئۇلۇغلىدى .ئۇ خۇجا ـ ئىشانلارنى مەدىھلەيدىغان شېئىرلارنى يازمىدى ، بەلكى ئۇلارنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىدى .ئۇلارنىڭ ئەركىن روھنىڭ ،مۇقەددەس تەڭرىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ،بارلىق گۈزەللىكنى رەزىل قولى بىلەن چەيلەۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا قەلبىنىڭ نىجاسەت بىلەن تولغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى شېئىرللىرىدا جاسارەت بىلەن قامچىلىدى .شەخسكە چوقۇنۇش ئەۋجىپ كەتكەن ئاشۇ دەۋىردە ئەركىن پىكىرلىك شائىر مەشرەپنىڭ ئاپپاقخۇجىغا قول بېرىشى مۆمكۈن ئەمەس ئىدى . مەشرەپ نەزىرىدە مەيلى پادىشاھ ،مەيلى گاداي بولسۇن ئوخشاش ئىنسان ئىدى .ئىنسانلار پەقەت بىر ـ بىرىنى خارلاش ۋە قۇل قىلىش ئۈچۈن ھەرخىل دەرجىلەرنى ئۆزلىرى بېكىتىۋىلىشقان ئىدى .قەشقەرىيە زېمىنىدا ئۆزلىرىنى ئەۋلىيا ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادى ئاتىۋالغان خۇجا ـ ئىشانلارغا تىز پۈكمەسلىك ۋە تىل تەككۈزۈش تەڭرىگە ئاسىيلىق قىلغان بىلەن باراۋەر دەپ سانىلىدىغان مۈرەككەپ سىياسىي مۇھىيتتا قىلچە تەمتىرىمەي ۋە قورقماي ھۆكۈمران جۇجا ـ ئىشانلارنىڭ پەسكەشلىكىنى ئېچىپ تاشلاش مەشرەپ روھىيدىكى ھەقىقى ئىنسان پەرۋەرلىك ۋە ئۇنىڭ  ئەركىنلىكە  بولغان تەشنالىقنىڭ بەلگىسىدۇر.بىزبۇنى ئۇنىڭ خۇجا – ئىشانلارنىڭ ئالدامچىلىقىنى  مەردانلىق بىلەن سۆكۈپ تاشلىغان تۆۋەندىكى شېئىردىن كۆرىۋالالايمىز .

‹‹ سەن ،ئەي زاھىت ،بارىپ مىھرابقە قىل نازۇك ئەدالىقنى ،

جەھاندا كۆرمەدىم ھەرگىز كىشى سەندەك رىيالىقنى .

 

زەلالەت پىشەلىقنى ئەھلى دۇنلار سەندىن ئۆرگەنگەي،

مۇنافىق بەد پىسەندىلىق ھەم تەمەئگەر ،رو سىيالىقنى .

 

رىيا تائەت قىلىپ كۈندۈزلەرى ئۆزنى دەبان مۇرشىد ،

كېچەدىن تاڭ قەدەر قىلغۇڭ ئۆزەڭدەك يۈز قارالىقنى .

 

ئايا مەشرب ،دېدى زاھىد گۇناھىڭ بىھساپ ئەرمىس ،

ئەگەر ئەفۇ ئەيلەسە ساتتار ،كېچەر سانسىز گۇنالىقنى .››

 

***
‹‹شۇھرەت ئەيلەپكىم ئالاردەك خۇدنەمالارنى كۆرۈك ،

زىھىرۇ شۇھرەتپەرس نائاشنالارنى كۆرۈڭ .

يولنى بىلمەس ئۇممىلەرنىڭ كۆزىگە ئارىف بولۇپ

ئۆزى مەنزىلگە يېتەلمەي نابىنالارنى كۆرۈڭ

بارچەگە ئەيلەر نەسىھەت ئۆزىنى دانا ئېتىپ ،

يولدا قالغان بىكەسۇ بىررەھنەمالارنى كۆرۈڭ

كۇفرىۋۇ ئىماننى بىلمەسلەر ،كەرامەت ئەيلەبان ،

تائەتۇ فىرئەۋنۇ زاھىر ئەۋلىيالارنى كۆرۈڭ.

ھەركىشى سورىسا نەسەبىدىن ،دەم ئورارلار نەفىس ئۈچۈن ،

خەلقنى گۇمراھ قىلىپ ، يۈزى قارالارنى كۆرۈڭ .

زاھىرىدى سۇفىمەن دەپ تەركى دۇناي ئەيلەگەن ،

باتىنى دۇنياغە مايىل بەختى قارالارنى كۆرۈڭ  

خەلقنىڭ كۆزىگە ھەردەم سۇرەتىن دىگەر قىلىپ ،

نەفىس ئۈچۈن شەيتان بىلەن يۈرگەن گەدالارنى كۆرۈڭ

ئۆزىنىڭ ئەۋلادىنى خەلق ئىچىدە ئىفشا قىلىپ ،

تەندە يوق مەئنا قۇرۇق نامى سەرالارنى كۆرۈڭ .››

ھەقىقى شېئىر ئەركىن روھققا ئىگە شائىرنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ . مەشرەپنىڭ شېئىرللىرىمۇ دەل روھى ئەركىنلىكنىڭ مەڭگۈلىك ناخشىسى . شائىرىمىز ئۆز ئىجادىيىتى ۋە ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن ئىنسان قەلبىنى ۋەتەن قىلىپ روھى ھەقىقەتلەرنى ئىپادىلىدى . ئۇنىڭ ئىنسانغا بولغان سۆيگۈسىنى چەكسىز چۆللەر ،ئىگىز تاغلار توسۇپ قالالمىدى . ئۇ نەگىلا بارسۇن ، ئىلاھى ھەقىقەتلەرنى تونىغان ۋە ئۆزىنىڭ قەلىپ سادالىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش بىمالال چۈشىنەلەيدىغان ئادەملەرنى ئىزلىدى .لېكىن ، شائىرغا بۇ نېسىپ بولمىدى . چۈنكى تەننى مەنسىتمەيدىغان ۋە قەلىپ چوقانلىرىنى گۇناھ ھېساپلايدىغان ،بۇرمىلانغان ئىتقات قوينىدا تۇنجۇققان ئەينى دەۋىر ئۇنىڭ ئەركىن قاراشلىرىغا ماس كەلمەيتى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىككە تۇيۇنغان ئىدىيەلەرنى ئىپادىلەشكە يول قويمايتى . ئۇنىڭ شېئىرللىرىغا يوشۇرىنغان تىرەن مەنانى چۈشىنىدىغان قەلىپلەرنى خۇجا ـ ئىشانلار چۈشكۈن ئەقىدىلەر بىلەن بۇلغاپ بولغان ئىدى . مەشرەپ ئۆزى ـ ئۆزىنى ئۇنتىغان ،قەلىپ ئىشىكلىرىگە ئېغىر قۇلۇپلار سېلىنغان قېرىنداشلىرى ئارىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ غېرىپلىق ئىچىدىكى ھەسىرتىنى مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ :

‹‹نەمەنگاندىن كېتەر بولسام مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ،

غېرىپلىق شەھەرىدە ئۆلسەم ،مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟

 

قېنى قەۋمۈ قارىنداشىم ،بۇ يولدا بولسا يولداشىم ،

كۆزۈمدىن ئاقغۇزۇپ ياشىم ،مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟

 

مەھەببەت شەربەتى ئىچتىم ، قازاندەك قاينابان تاشتىم ،

بۇ فانىي دۇنيادىن كەچتىم ، مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟

 

تۇشپتۇ بىشىمە سەۋدا ، رەمزۇي ئىشقتىن غەۋغا ،

ئۆزىگە ئەيلىدى شەيدا ،مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟

 

تۇرارغا تاقىتىم يوقتۇر ،يۈرەرگە ھالىتىم يوقۇتۇر ،

يۈرەكتە ئىشقى ئوتى چوقدۇر ،مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ .؟

 

قەرارىم يوق تۇراي دىسەم ، نەمەنگاندا يۈرەي دىسەم ،

جاھاننى سەير كەزسەم ،مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟

 

بۇ مىسكىن زار مەشرەپنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇ ،

بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ ؟››

مەشرەپ بىرقىسىم كىشىلەر ئېيتقاندەك چۈشكۈنلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى شۇنداقلا  تەركى دۇنيا شائىر ئەمەس  . ئۇنىڭ ئاز بولىمغان  شېئىرىلىرىدا دۇنيادىن بىزار بولۇش ،ئۆلۈمگە بولغان تەشنالىق، ھەسرەت ـ پىغان ئاساسى مەزمۇن قىلىن بولسىمۇ ، لېكىن بۇخىل ئەھۋال ھەقىقى شېئىرلاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىپ . ھەممىمىزگە مەلۇم ، سىموۋۋۇلىزىمنىڭ ئاتسى بودىلېر بىر ئۆمۈر چۈشكۈنلىكنى ، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى بەتپەشىر ئالۋاستىنى ئۆز شېئىرللىرىدا ئىپادىلەپ ،ئىنساننىڭ سۆيگۈسى ئۈستىدىن مەسخىرلىك كۈلدى . بۇنىڭ بىلەن بىز بودلېرنى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى ياكى چۈشكۈنلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى دەپ قارىساق خاتالاشقان بولىمىز . ئۇنىڭ شېئىرللىردىكى چۈشكۈنلىك ئۇنى دەل دۇنياۋى شائىر دىگەن نامغا ئىگە قىلدى . ئەمىلىيەتتە ئىنسان قەلبىدە خۇشال ـ خوراملىقلا بولۇپ قالماي ئۇنىڭدا ھەم ئازاپ ـ قايغۇ ، يەنى غەمكىنلىكىمۇ بولىدۇ . ئىنسان قەلبىدىكى خوشاللىق ۋە ئازاپ ،چۈشكۈنلىك ۋە ئۈمىت بىر ـ بىرىگە ئايلىنىپ تورىدۇ . ئىنسان قەلبىدە ھەر دەقىق ئىچىدە  تۈمەنلىگەن زىدىيەتلەر ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ . بودىلېر چۈشكۈنلىكىنىڭ ساسلىقىغا چوقۇر  چۆكۈپ تۇرۇپ ئۇنى ئۆتكۈر كۆزى بىلەن كۆزەتتى ھەمدە ئۇنىڭ قوينىدىكى گۈزەللىكنى بايقىدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ قىرغاقتىكى كىشىلەرگە ھەقىقەتنىڭ ئۈمىت دەستىسىنى سۇنالىدى .ئۇ ئىنساننىڭ ساختا  بەختىنى مەدىھلىمىدى .ئەكسىچە ، ئىنساننىڭ غېرپلىق قوينىدىكى تىپىرلاشلىرى ، ئۈمىتسىزلىك ئىچىدىكى تېڭىرقاشلىرى ، ئىنساننىڭ كونا ئەقىدىلەر ئىچىدىكى مەھپۇسلىقى ھەمدە  ئىنسان بىلەن ئىنسان ئوتتۇرسىدىكى  سوغ مىھىر ـ مۇھەببەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىمەنلىكىلەرنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئىنسانغا بولغان چەكسىز سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى .مەشرەپمۇ ئۆز شېئىرللىرىدا خىيالى ھۆر ـ پەرىلەرگە بولغان مەستانىلىقنى ياكى بولمىسا بەگ ـ خانلارغا ، ئىشان ـ سوپىلارغا بولغان مەدىھيەنى ئەمەس ،بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ روھىيدىكى ئازاپلارنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق رېئال تەقىدىرىنى ئىپادىلىدى .بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ شېئىرللىرى چەكلەندى ھەتتا جىسمى مىيىپ قىلىندى .چۈنكى ئۇ چىركلەشكەن ھاكىملارنى ، خۇجا ـ ئىشانلارنىڭ پەسكەشلىكىنى پاش قىلىپ تاشلىدى . ئەركىن پىكىرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆكسىگە نەيزە بولۇپ قادالدى .ئۇنىڭ ئۆلمگە بولغان تەشنالىقى قانداقتۇر غەرپلىكلەر ياكى شەرقلىقلەر نەزىرىدىكى نوقۇل شەخىسنىڭ  چۈشكۈنلىكى ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان  قورقۇش ۋە ئازاپتىن قېچىش ئەمەس ئىدى. مەشەرپ نەزىرىدە ئۆلۈملەرنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكى دەل مەنىۋى  ئۆلۈم ئىدى .ئۇ ئىنساننىڭ كامالەتكە يېتىش   ۋە ھەقىقتىنى ئىزلەش يولىدا  ئۆزنى قۇربان قىلىشنىڭ   ھەقىقى قىممەتلىك ئۆلۈم ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇ ئۆزنىڭ ئاپپاخۇجىنىڭ سۇيقەستى بىلەن بەلىخ ھاكىمى مەھمۇد تەرپىدىن ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئاللا بۇرۇن بىلىپ بولغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ ئۆلۈمنى مەنسىتمەيدىغان جەسۇرلىقىنى ئىپادىلىدى . .ئۇنىڭ ئۆلمگە پەرۋا قىلمايدىغان روھ بىلەن يۇغرىلغان شېئىرىللىرى تاشقى رېئاللىقتىكى سەلبىي كۈچلەرنى سارسەمگە سالاتتى . ئۇ ئۆزىنى دارغا ئاسماقچى بولغان ئىشانلارغا مەسخىرلىك كۈلسە يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆلگەنلىكىنى ئىسيانكار شېئىرللىرى ئارقىلىق جاكارلايتى . مەشرەپنىڭ ئۆلمدىن قورقىمايدىغان ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى جەڭچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ دارغا ئېسىلىش ئالدىدا يازغان تۈۋەندىكى شېئىردىن بىلىۋالالايمىز .

‹‹  قانىمنى تۆكەر ئىرمىش بەلخ شەھەرىدە مەھمۇدخان ،

تەقدىرى ئەزەل بولسا ،نەيىلەي بەرمەي جان .

 

مىڭ شۈكۈر خۇدايىمغا مەنسۈرغە قوشۇلدۇم مەن ،

ئول رۇيى سىياھلار كىم مەنسۈرنى ئۆلتۈرگەن .

 

بۇ ئىشىق يۇلىغە كىرگەن ،ئەلبەتتە كېچەر جاندىن ،

كەچمىسە ئەگەر جاندىن ،ئايتقان سۆزىىدۇر يالغان .

 

شىرىن غەمىدە فەرھاد ،تاغاردا ئېتىپ فەرياد،

ئىشق ئوتىدا ئۆرتۈنىپ ئاخىر چۇ فانا بولغان .

 

ئول ئاشقى مەجنۇن ھەم لەيلىگە بولۇپ شەيدا ،

چۆللەردە ۋەتەن ئەيلەپ كۆز ياشى رەۋەن بولغان .

 

ئول رازى زىلەيخا ھەم يۇسفكە بولۇپ شەيدا ،

كۆردۈڭمۇ خەلايىقغە رەسۋايى جەھان بولغان .

 

كۆر تاھىرۇ زۇھرانى خەلق ئىچرە بولۇپ مەشھۇر ،

كۆڭلىنى بېرىپ يارغە ئىشقىنىڭ يولىدا ئۆلگەن .

 

كۆر ئاشىق ئەرەنلەرنى . ئەي مەشربى دىۋانە ،

كەلگەندە ئەجەل جامى جانى بىلە سىپقارغان .››

 

مەشرەپ سەرگەردانلىققا تولغان قىسقىغىنە ھاياتىنى ئۆلمەس شېئىرللىرى ۋە ئۆز روھىيدىكى ئىنسانغا بولغان چەكسز سۆيگۈسى ھەمدە ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان تەشنالىقى بىلەن مەڭگۈلىككە ئىگە قىلدى . ئۇنىڭ قەشقەر ،يەركەن ، خوتەن ،ئافغانىستان ، كەشمىر ...قاتارلىق يۈرت ۋە ئەللەرنى كېزىپ چىقىشى دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كىروزىدەك مەخسەتسىز تەۋەكۈلچىلىق ئەمەس ئىدى . روبىنزون كىروزى بىلەن مەشرەپ ھەرگىزمۇ  ئورتاق مەخسەت يولىدا كۆرەشكە ئاتلانغان شەخىسلەر ئەمەس .روبىنزون كىروزى تاسادبىي مەلۇم سىرلىق ئارالغا تاشلانغان كىشى .ئۇ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىر توپ قۇل سودىگەرلىرى ئىدى .روبىنزون كىروزى دېڭىزدا سەپەرگە چىققاندا كىمە تالاپەتكە يولقۇپ ئارالدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ .ئۇ بۇ جەرياندا كەڭ تەبىئەتنى چۈشۈنىشنى خالىمايدۇ . ئۇ نامەلۇم  ئارالغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ قورقۇنۇشقا چۆمۈلۈپ قىرغاققا يېقىن يەرلەردىكى ئۆڭكۈرلەردە ،ئادىن كېيىن ئىگىز چوقىلاردا مۆكۈپ يۈرىيدۇ .   ئۇنىڭ بۇنداق سىرلىق تەبىئەتتىن ئېھتىيات قىلىشى ئۆز ـ ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن قاچقانلىق ئىدى .ئۇ گايىدا تەڭرىنى يات ئېتىپ ئىنجىل سەيىپىللىرىنى ۋاراقلىسا گايىدا قىيانچىلىقلارغا يولۇققاندا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىنجىلنى يەرگە ئېتىپ تەڭرىگە ھاقارەت قىلىدۇ .مانا بۇ روبىنزون كىروزى روھىيدىكى ئىككى يۈزلىمىچىلىككە تولغان ئېتقات .ئۇ پەقەت ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان مۇھىيتىقا قايىتىپ كېتىۋىلىش ئۈچۈنلا تەڭرىگە ئىتقات قىلىدۇ .ئۇنىڭ تەلپۈنىۋاتقىنى ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان ساپ ۋە سىرلىق كەڭ تەبىئەت دۇنياسى بولماستىن ئادەمنى قۇل قىلىدىغان دۇنيا ئىدى .ئۇ ئارالغا مەدەنىيەت ئەمەس بەلكى قۇللىقىنى ئېلىپ كەلدى .ئۇ ئارالدىكى ئەركىن تەبىئەتنىڭ ئوغلى بولغان بىر قارا تەنلىك ياشقا قۇللىق تامغىسى ئۇردى ھەم ئۇنىڭ ئېتقاتىغا مەختۇمئەزەم ئەۋلاتلىرى قەشقەرىيەلىكلەرنىڭ  ئېتقاتىغا ۋە ئەركىنىلىكىگە چاڭ سالغاندەك چاڭ سېلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلەشكەن ئادەمنى ـ ئادەم قۇل قىلىدىغان ئېتقاتىنى دەسسەتتى . دىمەك روبىنزون كىروزى بىلەن ئاپپاق خۇجىلار ئوخشاش تىپتىكى ئادەملەردۇر .خۇجا ـ ئىشانلار باشقا يەرلەردىن قەشقەرىيەگە ھوقۇق  ۋە مال ـ دۇنياغا ئېرشىش ئۈچۈن كەلگەن .روبىنزون كىروزى دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئۇنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا :‹‹ قۇللارغا ئېرشىش ئۈچۈن›› كەلگەن ھەم بۇ مەخسەتكە يەتكەن . مەشرەپ ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئىنسانىيەتنىڭ بوينىدىكى كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ھەم ئىنسانىيەتنىڭ قەلىپ ئالىمىدىكى گۈزەللىكىنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ روھى ھەقىقەتلىرىنى ئاشكارلاش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان ئىنسسانپەرۋەر ۋە ئەركىنلىكنى ياقلىغۇچى روھققا ئىگە ئىسيانكار شائىر .ئۇ روبىنزون كىروزى ۋە مەختۇمئەزەم ئەۋلاتلىرىدەك ماددى نەرسىلەر ۋە ھوقۇق ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئەركىنلىكنى بوققىچى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ رەزىل سۈيقەستلىرىنى ئاشكارلاش ئۈچۈن ھەم ئۆزلىكىنى ئۇنتىغان ئىنسانلارنى ئۆزى ـ ئۆزىنى تونۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن  يىراق يۇرتلارغا ۋە ئىنسانىيەت روھى  ئالىمىگە سەپەر قىلغان.

مەن شۇنغا ھەيران ، بىزنىڭ بىرقىسىم يازغۇچىللىرىمىز غەرپنىڭ روبىنزون كىروزىدەك قۇل سودىگەرلىرىنى ،جىنىسى ئەركىنلىكىنى تەرغىپ قىلغۇچى شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ۋە  ئەخلاققا زىت چۈشكۈنلىكىنى قوللىغىچى ئەدىپلىرىنىڭ قارشلىرىنى ياكى بولمىسا شەرقنىڭ دائىم كىشىلەرگە ھىلە ئۈگۈتىدىغان ساختا ئۇلىمالىرىنىڭ تېتقىسىز نەسىھەتلىرىنى ئەسەرلىرىدە كۈچەپ كۆككە كۆتۈرىشىدۇ ،لېكىن مەشرەپكە ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان  ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ ـ مارمانلىرى ئۈچۈن بار ئاۋاز بىلەن جار سالغان ئۇلۇغلىرىمىزنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ . خەقنى ماختاش ئۆزىگە بولغان ئىشنىش روھىينىڭ يوقلىقىنىڭ ئالامىتى  .گەپنى تۇزلا ئېيتقانداق ھەرقانداق ئادەم : ‹‹ ئۆزىنى سۆيمىگەن تەڭرىنى سۆيمەيدۇ .››(ئوتتۇرئاسىيا )دىگەن ھېكىمەتكە ئەمەل قىلمايدىكەن. ئۇ ھامان باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .سۈيۈملىك شائىرىمىز مەشەرپ باشقىلارغا ئوخشىمىغان ھالدا شېئىرللىردا بۇراندەك غەزەپنى ،ئۆلۈمنى مەنسىتمەيدىغان روھنى ، ئەركىنلىككە بولغان تەۋەرنمەس ئىرادىنى ، رەزىل كۈچلەرگە بولغان غەزەپ ۋە  ئۇلارنى مەنسىتمەسلىكنى ئىپادىلىدى . ،مەشەرپنىڭ باشقىلاردەك گۈل ـ چېچەكلەر دۇنياسىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئەمەس ،بەلكى ئۆتكۈر تىكەنلەرنى قولىدا قاملاپ ھەمدە دارنىڭ ئاستىدا مەردانلىق بىلەن تۇرۇپ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنىلىك روھىينى ئىپادىلەيدىغان ئۆزىگە خاس روھقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان تۈۋەندىكى مىسرالاردىنمۇ بىلىۋالالايمىز.

‹‹چۈن قولۇم بىرلە ئايغىم باغلىماق ھاجەت ئەمەس،

مەن ئۆلۈمگە رازدۈرمەن ،تۇرغالى تاقەت ئەمەس .››

***
‹‹ ئەجەپ مەجنۇن ئېرۇرمەن ،دەشت ئىلە سەھراغە سىغمىدىم ،

دىلىم دەريايى نۇردۇر ، مەۋج ئۇرۇپ دۇنياغا سىغمىدىم . ››

مەشرەپ ئاز ۋە ساز شېئىرللىرى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيتىنى يورتۇپ كىلۋاتقان نامايەندە .ئۇنىڭ شېئىرىللىرىدا  ئىپادىلەنگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىديەلىرىنى ئۈگۈنىشىمىزگە ۋە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .تارىختا تالاي خان ـ بەگلەر ۋە خۇجا ـ ئىشانلار ئۆتكەن بولسىمۇ . ئۇلار  كىشىلەرنىڭ ئېسدىن ئاللا بۇرۇن كۆتۈرلۈپ كەتتى .مەشرەپ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆز شېئىرللىرى ئارقىلىق كىشلەر قەلبىنى ۋەتەن قىلىپ ھېلىغىچە ياشىماقتا ھەتتا ناخشىللىرىمىزگە جان ئاتا قىلىپ روھىيمىزنى لەرزىگە سالماقتا  ،ئۇنىڭ مۇبارەك نامى ئەۋلاتلار ئاغزىدا سېغىنىش بىلەن ياڭرىماقتا . ‹‹ئاچ ئانا ئىشىگىڭنى دەرت تارتقان بالاڭ كەلدى ... ››دىگەن ئاشۇ مۇلۇق  مىسرالار ھەرقانداق ئانىنىڭ ۋە پەرىزەننتنىڭ يۈرىكىگە ئەسىرلەردىن بۇيان سۆيگۈ ۋە ھاياجان ئاتا قىلىپ كەلمەكتە .

ھازىرقى زامان شېئىرىيتىمىز كىلاسسسىك شېئىريىترىمىزنىڭ مەنا چوقۇرلىقىغا چۆكۈپ ئۆزىنى بېيىتىشكى كېرەك .شېئىريىتىمىز مەشەرەپ شېئىرللىرى ياراتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىدىيەلىرىنى ھەمدە ئۆركەشلەپ تۇرغان مىللى روھنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغاندىلا، ئۆزگە خاس بولغان ئېڭى بىر شېئىريەت دېڭىزنى نامايەن قىلالايدۇ .

 

دوستلىشىش
ياساۋۇل
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 602
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 105 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 105
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-26
ئاخىرقى: 2012-10-24
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 13:29

شەيتان دىدى: ھايات بىردۇر نەپسىڭگە قۇل بولۇپ ئۆتكىن،
نەپسىڭنى رىزۋان كۆرۈپ ئۇنىڭدا سەيلىبان ئۆتكىن.
مەشرەپ ئېيتتى:بولدى ئاۋارە بولما قوي ھىلە ،قەستىڭنى،
چۆللەردە سەيلىبان ئەيلەي،سەن كەينىمدە ھاۋشىپلا ئۆتكىن.
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-05-08
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-13 20:43

ياخشى يېزىلغان تىمكەن، ئالىپ ئوغۇزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 324 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 184
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-05-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 21:56

مەشرەپ ئالىپ ئوغۇز ئېيتقاندەك ھەقىقەتەن  قەدىرلەشكە تېگىشلىك شائىر . ئۇنىڭدا نە ھەسەتخورلىق  ،نە كىبىر بولسۇن .ئۇنىڭدەك شائىر دۇنياغا ئاز كېلىدۇ .
دوستلىشىش
ئوغۇلچاق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 666
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 59 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 59
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2012-07-29
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-02 23:26

مەشرەپ روھى  
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-04 15:07

  ‹‹بوزقىر››مۇنبىرىمىزنى يىرىك ماقالىللىرى بىلەن بېزەۋاتقان ئالىپ ئوغۇز  ئەپەندىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-06 15:56

بۇرادەر ئارمان ئابلىزدا مەشرەپ روھى بار ئىدى،ئەپسۇس... ئۇمۇ كېتىپ قالدى...
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 324 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 184
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-05-16
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 00:08

كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2011-يىللىق

3-سان مۇندەرىجىسىدىن مەزكۈر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىغانلىقىنى كۆردۈم .
مۇبارەك بولسۇن ئالىپ ئوغۇز . مۇنبىرىمىزنى ياخشى يېزىلغان ماقالىلىرىڭىز ئارقىلىق  داۋاملىق قوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن !
ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 731
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 151
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە151دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 324 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 184
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2013-05-16
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-20 00:37

ئالىپ ئوغۇز مەزكۈر ماقالىڭىز كۈسەندە ئېلان قىلىنىپتۇ مۇبارەك بولسۇن !
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-09-22 12:21

‹‹ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى›› يۇقارقىدەك تەتقىقات ماقالىلىرىغا مۇھتاج...