ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 416 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاسىم سىدىق «چىن-يۈرەكتىن چىن سۆزلەر » دە
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 539

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????82????
ئۆسۈش: 82%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 82
  تۆھپىسى: 41
  پۇلى: 164 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 82
  ياخشى باھا: 164
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-18
  كىرىشى: 2011-09-11
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 10:23

قاسىم سىدىق «چىن-يۈرەكتىن چىن سۆزلەر » دە





-سىز كۆرۋاتقان تىما قاسىم سىدىق «چىن-يۈرەكتىن چىن سۆزلەر » دە,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چۆل~ئوغلى
مۆھتىرەم ئۇستاز
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 539

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????82????
ئۆسۈش: 82%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 82
  تۆھپىسى: 41
  پۇلى: 164 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 82
  ياخشى باھا: 164
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 41سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-05-18
  كىرىشى: 2011-09-11
1- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 10:24

داۋامىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مەنزىل بۇ يەردە :
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2293

ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 5

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دوستانە ?????????401????
ئۆسۈش: 66.83%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 401
  تۆھپىسى: 72
  پۇلى: 555 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 100
  ياخشى باھا: 536
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 198سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-09-11
2- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 20:36

ئارىمىزدىكى كىشلەرنىڭ قاسىم  سىدىق ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان نەزىريسگە  گۇمان نەزىردە قارىماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ شەخسيتىدىن گۇمان قىلشى روھىيتمزدىكى ئاجىزلقلارنى ئاشكارىلاپتۇ.

مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 5

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:دوستانە ?????????401????
ئۆسۈش: 66.83%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 401
  تۆھپىسى: 72
  پۇلى: 555 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 100
  ياخشى باھا: 536
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 198سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-17
  كىرىشى: 2011-09-11
3- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-10 21:04

قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ قارشى تۇرغۇچىلارغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن بىرى:

ماتېماتىكىنىڭ فىزىكىدا بەكمۇ زۆرۇر قوراللىغىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. لېكىن، فىزىكىلىق ئىدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ماتېماتىكا بىردىنبىر قورال دىيىلسە تولىمۇ خاتا بولىدۇ. فىزىكىلىق نەزەرىيە مەيلى ماتېماتىكىلىق قوراللاردىن پايدىلنىپ بىرەر فىزىكىلىق ئىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارسۇن ياكى لوگىكا-پەلسەپە قوراللىرىدىن پايدىلنىپ بىرەرفىزىكىلىق ئىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارسۇن، ئۇ يەنىلا «نەزەرىيە» قىياس-پەرەزلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانى بولۇپ قالىدۇ. تاكى بۇ ئىدىيەلەر كۈزۈتۈش نەتىجىلىرى ۋە تەجىرىبە تەرىپىدىن ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. نەزەرىيە ھەرگىز ماتېماتىكا تەرىپىدىن «ئىسپات»لانمايدۇ. بەلكى كەلتۈرۇلۈپ چىقىرىلىدۇ، بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىك كېرەك. ئېينىشتېيىن ھىچقاچان نىسبىلىك نەزەرىيىسىنى «ئۆزى ئىسپاتلىغان» ئەمەس. ئەكىسچە باشقىلار تەرىپىدىن «ئىسپات»لانغان. خۇددى شۇنىڭدەك پىلانىك ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىۋى مۇدىل «كۋانت»مۇ پىلانىك تەرىپىدىن «ئىسپاتلانغان» ئەمەس، باشقىلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان. بىر نەزەرىيىچىنىڭ قىلىدىغىنى مەيلى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن بولسۇن، ۋەياكى پەلسەپە، لوگىكىلىق ئۇسۇل بىلەن بولسۇن مۇئەييەن ئىدىيە (فىزىكىلىق ئىدىيىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىنلا ئىبارەت. نەزەرىيىچىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان فىزىكىلىق ئىدىيەنى تەجىرىبە فىزىكىچىلىرى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭغا يۈزلەپ-مىڭلاپ مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. بۇ يەردە نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى گىلاشوۋنىڭ  «گىلەمنى نۇرغۇن ئۇستىلار بىرلىكتە توقۇپ چىقىدۇ، ھەر بىر ئۇستىنىڭ تۆھپىسىنى بىر پۈتۈن گىلەمدىن پەرىقلەندۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ تارقاق، ئارلاش يىپلار تەرىپىدىن يۇشۇرۇنۋېلىنىدۇ، زەررىچە فىزىكىسىدىكى ئەھۋالمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ...."ئۆلچەملىك نەزەرىيە" بىرفىزىكا ئالىمىنىڭ، ھەتتا ئۈچ نەپەر فىزىكا ئالىمىنىڭمۇ كاللىسىدا مۇكەممەل ھالدابارلىققا كەلمەيدۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن تەجىربە فىزىكىسى ۋە نەزەريىۋىي فىزىكا ئالملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دېگەن بۇ سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتوش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.
يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، ماتېماتىكنىڭ تەدبىقلىنىشى ئۈچۈن جەزمەن ماتېماتىكىنى تەدبىقلاش قىممىتىگە ئىگە بولغان لوگىكىلىق ۋە ياكى فىزىكىلىق ئىدىيە بولۇش كېرەك. ھالبۇكى، بۇنداق ئىدىيىەنىڭ نوقۇل ماتېماتىكا ئارقىلىقلا كەلتۈرلۈپ چىقىرلىشى ناتايىن، ئارخىمىد «تاپتىم...تاپتىم...»دەپ مۇنچىدىن قىپ-يالىڭاچ كوچىغا يوگىرەپ چىققاندا ھەرگىز لەيلىتىش كۈچى قانۇنى (ئارخىمد قانۇنى)نى مونچىدا يالىڭاچ ئولتۈرۈپ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدا ھېسابلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق، ئەكىسچە بۇ قانۇن ئارخىمىدنىڭ كاللىسىدا ئەڭ دەسلەپتە لوگىكىلىق ئىدىيە سۈپىتىدە پەيدا بولغان. ئاندىن ئۇنىڭ كونكىرىت مىقدارلىرى ماتېماتىكىلىق ئۈسۈلدا كەلتۈرۇلۈپ چىقىرىلغان. نىيۇتۇننىڭ بىشىغا چۇشكەن ئالمىدىنمۇ ئوخشاش يەكۈن كىلىپ چىقىدۇ. فىزىكا تارىخىدا بۇنداق مىساللارنى ناھايتى كۆپ ئۇچىراتقىلى بولىدۇ.
مەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆنۈلۈشى» سەرلەۋھەلىك ماقالەمدە فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ تۈپ ئىدىيىلىرىنى پەلسەپە -لوگىكىلىق تەپەككۇر شەكلى ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردىم ۋە بۇ تېمىغا قىزىققۇچى كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ فىزىماتلىق كەلتۈرۈپ چىقىرش، تەجىرىبە ئارقىلىق دەلىللەش خىزمىتىگە قاتنىشىشى ئۈچۈن ئۆزۈم ۋە باشقىلار تەرىپدىن نەچچە قېتىم چاقىرىقلار چىقىرىلدى. نەتىجىدە بىرقېسىم مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان كىشىلەر بۇ تېمىغا جەلىپ قىلىنىپ ئىشقا كىرىشىۋاتقان پەيىتتە جىك ئەپەندى باشلىق ناھايتى ئاز بىر قېسىم كىشلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەي تۇرۇپ ئىلمىي ۋە ساغلام بولمىغان روھى ھالەتنى چىقىش قىلىپ ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرگىلى تۇردى ۋە جىك ئەپەندى ئۆزىنىڭ غەيرى ئەخلاقى قىلمىشلىرىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇخىل قىلمىشلىرى فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا قىلىنغان بىۋاستە زىيانكەشلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق بولۇپ ئىپادىلەنمەكتە ۋە خاراكتىرلەنمەكتە.  
فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق رامكىسىنىڭ ئۆزىمۇ ھىچ بولمىغاندا يېڭى فىزىكىلىق، ئالەمشۇناسلىق شۇنداقلا پەلسەپەۋى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مۇھىم بىر پۈتۈن گەۋدە ئىدى، بۇ نەزەرىيىگە قارشى چىققۇچى بەزى ئەپەندىلەر ئەقەللىسى ھەرقانداق فىزىكا ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى پەلسەپەدە ئىنقىلاب بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئۇنتۇپ قىلىشتى، كۆرۇپ يىتەلمىدى ياكى كۆرۇپ يىتىشنى خالىمىدى.
ئاخىرىدا يەنە تەكىتلەيدىغىنىم، شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا بۇ تەتقىقاتنىڭ ئىستىقبالىغا كۆزى يەتكەن، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي، ئىنسانىيەتكە توھپە قوشۇشنى خالايدىغان كەسىپ ئەھلىلىرى قاتناشسا بولىدۇ. بۇ تەتقىقاتقا قىزىقمايدىغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئالدىغا ھىچكىم سەدىقە تىلەپ بارغىنى يوق ۋە بارمايدۇ. شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ قىلچىلىك ئىلمىي قىممىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىماي تۇرۇپ بۇ تەتقىقاتنى ئۇجۇقتۇرۇۋىتىشكە ئۇرۇنغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىدىن ھەرگىز شان-شەرەپكە ئىرىشەلمەيدۇ.مەن «شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئالدىن قىلىنغان پەرەزلىرى ئىچىدىكى قوللاشقا ئىرىشكەن پەرەزلەر» دېگەن يازمامدا خەلقئارادىكى بەزى تەجىرىبە ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ ئالاقىدار ئالدىن قىلىنغان پەرەزلىرىىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسۇتۇپ ئۆتتۇم. شەكىل نەزەرىيىسىى تەتقىقاتىنى ئۈجۈقتۇرۋەتمەكچى بولغان بىر قېسىم ئەپەندىلەر ئالدى بىلەن خەلقئارادىكى ئاشۇ تەتقىقاتچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرمۇ-بىر رەت قىلىپ چىقسۇن. مىنىڭ بەزى چەتئەللىكلەردىن بۇرۇنىراق بەزى ئىلمىي پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغونۇم ھەرگىز مىنىڭ جىنايىتىم ياكى «تەتقىقات ئۇسۇلى»نى بىلمەسلىكىم ھىسابلانماسلىقى كېرەك. ئەقلى ۋە پىسخىكىسى نورمال بولغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئەسلىدە بۇ پاكىتلاردىن ئازىراق بولسىمۇ پەخىرلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەكىسچە مەن «ئالدامچى»، «قويمىچى»، «نوم ئوقوۋاتقان تاڭسىڭ»، «ساياق تەتقىقاتچى»، «ساراڭ»، «ئالجىغان قىرى» قاتارلىق «شەرەپلىك»ناملارغا ئىرىشمەكتىمەن. شۇنى سەمىڭىزلەرگە سىلىپ قويايكى، شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا قارا كۆڭۈللۈك بىلەن بۇزغۇنچىلىق ۋە مەسخىرەۋازلىق قىلىۋاتقان جىك باشلىق تولىمۇ ئاز بىر قېسىم كىشىلەر ئۆزلىرى دوپپىسىنى ئالدىغا قويۇپ قويۇپ ئۇبدان ئويلۇنۇپ كۆرسۇنكى، شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتى قوللاشقا ئىرىشىپ، مۇئەييەن نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى ئۇلار تارىخنىڭ، مىللەتنىڭ، جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە مەسخىرە قىلىشىغا تولۇق تەييارلىق قىلىپ قويسۇن. مىنىڭچە شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنى ئەيىبلىمەكتە ۋە مەسخىرە قىلماقتا، پەقەت بۇ جانابلار سەۋەبى ئۆزلىرىگىمۇ تولۇق ئايان بولمىغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى ۋەجىدىن  بۇ نوقتىنى تېخىچە ھىس قىلىپ يىتەلمىدى، خالاس!.
فىزىكىىلىق شەكىل نەزەرىيىسى ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق چوڭ تېما، پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، ئىشىك ئىچىۋىتىلگەندىن كېيىن ئاز بولمىغان ئۇيغۇر مۇتەخخەسىسلىرى يىتىشىپ چىقتى. ئەگەر يىتەرلىك ۋاقىت ۋە كۈچ سەرىپ قىلىپ كوللىكتىپنىڭ كۈچ -قۇدىرىتى ئورتاق بىر تېمىغا مەركەزلەشتۇرۇلسە ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇش، دۆلەتكە ۋە مىللەتكە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن. مۇبادا ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بۇ تېمىغا قىزىقمىسا خەنزۇ بۇرادەرلەر ۋە چەتئەللەردىكى قىزىققۇچىلار بۇ تېمىغا قىزىقىدۇ، بۇ قەدەم ھازىر باشلانماقتا.
شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتى نەزەرىيە ۋە تېمىلارغا بىۋاستە ئالاقىدار بولغان ھەرقانداق ئىلمىي تەنقىدنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. تېما بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بولمىغان مەسخىرۋازلىقلارنى قىلچە مەنسىتمەيدۇ ۋە بۇنداق مەسخىرۋازلىقلارنى نەچچە ھەسسە ئۆسۈمى بىلەن ئاشۇ ھەزىلكەشلەرگە قايتۇرۇپ بىرىش ئىقتىدارى ۋە جاسارىتىگە ئىگە، بۇ مەسخىرۋاز-ھەزىلكەشلەر سىناپ كۆرۇشنى خالىسا سىناپ كۆرسۇن!.
ئەپەندىم!
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن سەمىمىيلىك ۋە چىنلىق ئۈچقۇنلىرىنى كۆردۇم، قىممەتلىك تەكلىپلىرىڭىزنى قەدىرلەيمەن!، سىزنى  يۇقىردا بايان قىلىنغان تەنقىدى مۇلاھىزىلىرىمنىڭ كىملەرگە قارتىلغانلىقىنى چۈشۈنۇپ يىتەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

ھەيرانۇ-ھەسمەن، 60 ياشلىق بىر بۈۋاي يىرىپ قالىسا جانغا ئەسقاتىدىغان بىر كۆتەكنى تاپسۇن ۋە ئۆزى ئىنجىقلاپ، ھاسىراپ-ھۆمۇدەپ كۆتەك يارغاچ «ھەي بالىلار كىلىڭلار، بۇ كۆتەكنى تەڭ يارايلى، ئۇ بىزگە نۇر ۋە ھارارەت بىغىشلايدۇ»دىسۇن، ئۇنىڭ ئىشەنگەن ھىلىقى بالىلىرى «كۆتەك»نى قول-قولچە يىرىش بۇياقتا تۇرسۇن، ئەكىسچە «كۆتەك دېگەن بۇنداق بولمايدۇ....كۆتەك دېگەننى ئانداق يىرىش كېرەك، مۇنداق يىرىش كېرەك»دەپ تاماكىسىنى كۆرەڭلىك بىلەن دوللاردا تۇتاشتۇرۇپ قۇرۇق گەپ ساتسۇن، ھەتتا بەزىلىرى كۆتەك يىرىشقا قىزىقىپ پالتىنى قولىغا ئالغانلارغا «پالتىنى تاشلا، بۇ قىرى ئالدامچى، ئۇنى يېتىم قالدۇرۇش كېرەك»دەپ ۋالاقلىسۇن، مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتقان كىشىلەر تىخى «كەسىپ ئەھلى»ھىسابلانسۇن، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى تەپەككۇرلىرىنىمۇ كونتورۇل قىلىش «ئىمتىيازى»غا ئىگە بولىۋالسۇن، -ئۇيغۇر جەمىئىيتىنىڭ تىراگىدىيىسى مانا مۇشۇ!.
ئەپەندىم!.
مىنى «دەرىت تۆكۈش»پۇرستى بىلەن تەمىنلىگەنلىگىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەكىل نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ «كۆتەك»نى ئورتاق يىرىپ كۆرۇشكە تەۋەككۈل قىلالايدىغان ئۇيغۇر زاتى بولسا قىزغىن قارشى ئالىمەن. مەسخىرۋازلارغا ۋە بۇزغۇنچىلارغا ئەڭ ئاخىرىقى نەسىھىتىم شۇكى؛ مەن كىشىلەردىن بىر نەرسە ئىلىۋىلىپ قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان «قويمىچى»ئەمەس، بەلكى ئالغان نەرسىسىنى نەچچە ھەسسە ئۆسۇمى بىلەن ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بىرەلەيدىغان «ساخاۋەتچى»!.
          ھۆرمەت بىلەن: قاسىم سىدىق
           2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

مەنمەنچىگە نەسىھەت قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى نەسىھەتكە مۇھتاج.
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 312

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????100????
ئۆسۈش: 33.33%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 100
  تۆھپىسى: 52
  پۇلى: 208 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 105
  ياخشى باھا: 208
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 20سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-04-05
  كىرىشى: 2011-09-05
4- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 13:06

ئالىم بولاي دىسەڭ قاسىم ئاكىدەك تەپەككۇر قىلىپ باق.
ئادەم بولاي دىسەك، ھەسەت، قېيداش، غەيۋەتتتىن يىراق ياشاپ باق.
ئۇزەڭ قىلالمىساڭمۇ باشقىلاردىن ، ئۆزەڭنىڭ قەۋمىنىڭ ئاددىي ئادەملىرىدىن پەخىرلىنىشنى ئۆگىنىۋال.