( داۋامى )
تۈن قارڭغولۇقنىڭ پەرەنچىسى ئەتراپنى ئاستا-ئاستا چۈمبىلى ئىچىگە يۆگەشكە باشلىدى.قەيەرلەردىندۇ بۆرىلەرنىڭ سوزۇپ ھۇۋلىغان ئاۋازىغا قىتىلىپ، قۇشلارنىڭ ئەنسىزئاۋازلىرىئاڭلىناتتى.يەرنىڭ قات-قىتىنىڭ ئىچىدىن نىمىلەرنىڭدۇ نالا-زارلىرىمۇ قولاققا ئاڭلىناتتى.ئەتراپنى بىر خىل سۈرۈلۈك ھالەت قاپلاۋاتقان، قانداقتۇ بىر خىل شۇملوقنىڭ ھېدى تۈن پەرەنچىسىنىڭ ئىچىدىن بەد-بۇيىنى بۇرۇنغا ئەكەپ سۇس ئۇرماقتا ئىدى.
يىگىت بۇ ئىشلاردىن قورقۇپ قالمىدى.چۈنكى بۇنداق قورقۇنۇشلوق ئىشلار ھازىر داۋاملىق يۈز بىرىپ تۇراتتى.ھەتتا نەچىگە پارچىلىپ،تىرىسىنى تەتۇر سويۇۋىلىنغان جەسەت-جانۋارلارنىمۇ ئۇ ئۆز قولى بىلەن يەرلەككە قويغان،كۆمگەن ئىدى.بۇ نەچچە يىل كويىقاپنىڭ ئاغزى ئىچىلغاندىن بۇيان بۇنداق قۇرقۇنۇشلوق ۋەقەلەر ئۇنىلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ لىۋىنى چىشلەتكۈزۈپ،سەبىر-تاقاتلىرىنىڭ قاچىسىنى تۇشتۇرۇپ باراتتى.ھامان بىر كۈن بىر ئەزىمەت مۇشۇ زىمىندا ئاپىرىدە بولۇپ بۇ قۇرقۇنۇشلوق ئىشلارغا خاتىمە بىرەتتى...
يىگىت ئات ئۈستۈدە مەنزىلىنى كۆزلەپ ماڭغاچ خىيالغا چۆمەتتى.ئۇ بۇ يىل ئونتۇققۇز ياشقا كىردى.لېكىن ئەزەلدىن ئۇ ئۆزىنى ئونتۇققۇز ياشلىق ياش بالا-دەپ ئويلىمايتى.ئۇنىڭ مەسىللەرنى تەپەككۇر،ئانالىز قىلىشى،دوس-يارانلىرى بىلەن ئۆز مەقسەت مۇدالىرىنى بايان قىلىشىپ مۇنازىرىلىشىشى بولسۇن ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۆزگۇچە ۋە دادىل،جىڭغا توختاغلىق ئىدى.ھەرقانداق ئىشتا سەبىر قىلىشنى،يەتتە ئۆلچەپ بىر كىسىشنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى.
يىگىت تاق ساناق ئۇششاق يېشىدىن تارتىپلا ئەقىللىق ھەم كۈچتۈڭگۈر ئىدى.تەڭتۈش ئاداشلىرىنىلا ئەمەس ئۆزىدىن يىشى خىلىلا چوڭلارنىمۇ يانپاشقا ئىلىپ ياكى ئاسمان تاپىلاق قىلىپ يەرگە چۆرۋىتەلەيتى.شۇڭا ئۇنى مەھەلىدىكىلەر‹‹ بالا پالۋان ››دەپ تەرىپلىشەتتى.ئۇنىڭ مەرھۇم دادىسى ئايۋاجى پالۋانمۇ كارامەت كۈچتۈڭگۈر ئادەملەردىن ئىدى.
ھەر يىلى كۈز ئىيىنىڭ غازاڭ بەسلىدە ئاۋامدا چوڭ بىر داغدۇغۇلوق كاتتا پائالىيەت بولاتتى.بۇ كۈنى بۇ يۇرتتا ‹‹تالقان تۆكتى بايرىمى ››بولاتتى.بۇ كۈز نىمەتلىرىنىڭ ئاۋامغا يىغىلىپ بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ئىدى.ئۇ كۇنى تۆگە-كالا،قويلار توپ-توپ سويۇلاتتى.بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ياۋايىلىرىدىن جەرەن،بوغا-مارانلارنىمۇ كۆرگىلى بولاتتى.بۇنىڭ ئىچىدە يۇرت كاتىلىرىغا تارتىلدىغان ئالاھىدىلىرىمۇ بولاتتى ئالايلوق تاغ قۇشلىرىدىن ئارقار دېگەندەكلەر.بۇنى ناھايىتى ئۈستا ئوۋچىلار ئوۋلىيالاتتى.چۈنكى بۇنى ئوقيا بىلەن ئاتقاندا چوقۇم بىشىغا نەق چەنلەپ ئىتىش كېرەكتى.بولمۇسا بۇ قۇش باشقا يېرى ئىغىر يارىلانغىنىدىمۇ ئۈچۈپ ئۆلۈكىنى كىشىلەرگە كۆرسەتمەيتى.بۇ قۇشنىڭ ئۆزگۈچە ھېكمەت-ھىكايىلىرى بارتى.ئۇنى يىگەنلەرنىڭ كۆزى رۇشەنلىشىپ،يۈرىكى پۈتۈن بولاتتى...تىخى بەزى پالۋان،ئوۋچىلار بۇ كۈنىگە يولۋاسنىمۇ،تىرىك تۇتقان ئىيىقلارنىمۇ باغلاپ ئىلىپ كېلەتتى.بۇ نەرسىلەرنى يۇرت مۆتىۋەرلىرى سېلىق قىلىپ سالمايتى ھەممە بىرلىكتە ‹‹ تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈر ،تاپمىغىنى بىر باش پىياز››ئىدى.شۇڭا ئاۋام پۇخرالىرى ئەڭ ئىسىل نەرسىلىرىنى بۇ كۈندىكى مەشرەپكە- جامائەت سورۇنىغا ئىلىپ كېلىشنى شەرەپ ھەم بۇرچى،يېقىنلىقنىڭ،ئۆملۈكنىڭ،بىرلىكنىڭ نەتىجىسى دەپ بىلەتتى.بىر-بىرىنىڭ قولىنى سىقىشىپ،ئالقانلىرىنى بىر بىرىگە چىڭ جىپسىلاشتۇرۇپ،ئۆزلىرىنىڭ تومۇرداش،تەغدىرداش،مەقسەتداش،قىرىنداش،قانداشلىقىنى بىر-بىرىگە بىلدۈرەتتى.ئوتۇرىدا تاسادى يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۈچۈن يۇرت ئالدىدا بىر-بىرىدىن ئەپۇ-ئۆزرىلىرىنى سورۇشۇپ،سەۋەنلىكلىرىگە توۋا قىلىشىپ ياراتقۇچىسىدىن گوناھىنى بىرلىكتە تىلەيتى. ئات بەيگىسى،چىلىشىش،قوشقار،خوراش سوقۇشتۇرۇش،دارۋازلىق،چىلىشىش...قاتارلىق تەنھەرلەرمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇتقانلىرىنى ماختاپ،تارتۇقلايتى.
يىگىتنىڭ دادىسى ئايۋاجى ئۇستا مەرگەن ھەم شىر يۈرەك ئادەم ئىدى.ئۇ بۇنداق كۈنلەردە يۇرتنىڭ بۇ كاتتا بايرىمىغا نەچچە ئاي ئىلگىرلا جان پىدالىق بىلەن ئاتلىناتتى.ئىگىز تاغ-قىيالارغا يامىشىپ،بوغا-مارال،كىيىكلەرنى،ئارقارلارنى ئەل-مەھەلە ئۈچۈن ئوۋلاپ كېلەتتى.لېكىن ئوۋچىلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا قاراشلىرى بارتى.ئۇدۇل كەلگىنى ئۆلتۈرىۋەرمەيتى.ئامال قىلىپ ساغلاپ ئەركەك ھايۋانلارنى ئوۋلىمايتى.قوسىقىدا بالىسى بارلىرنى ،ياش –قوزىلىرىنى چەنلىمەيتى.چۈنكى ئۇلار ئىسەنگە يەنە ئەۋلات قالدۇراتتى.بۇلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋىتىش گوناھ سانىلاتتى.
كىشىلەرنىڭ ئىسىدە بار .ئايۋاجى پالۋان نەچچە يىل ئاۋال تاغ ئىچىدە ئوۋ-ئوۋلاۋاتسا ئالدىدىن تۇيۇقسىزلا بىر يوغان ئىيىق چىقىپ قاپتۇدە ئۇنىڭغا ئىتىلىپتۇ.ئىككىسى تۇتۇشۇپ كېتىپتۇ.قارا ئىيىق كۈچ-قۇۋىتىگە تولغان ياش ئىيىقكەن.ھىم،شۇنچە يىل رەقىبلىرىگە يىنى تۇتقۇزمىغان ،ياۋنىڭ باسمىلىرىدا مەيدانغا بىرىنجى بولۇپ قىلىچ ئوينۇتۇپ ھۆكۈرەپ كىرىدىغان پالۋان بۇنىڭغا جىنىنى سىپ بىرەمتى؟!
پالۋان پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىيىققا ئىتىلىپتۇ.پالۋاننىڭ كىيىملىرى تىتما-تىتما بوپ كېتىپتۇ.ئىككىسى شۇنداق ئىلىشا-ئىلىشا تاغنىڭ يانباغرىدىن بىر-بىرىگە چىرماشقان پىتى تۆۋەنگە دومۇلاپتۇ.ئەقىللىق پالۋان دومۇلاپ چۇشۇۋىتىپ قولىغا يوغان بىر تاشنى ئاپتۇدە دومۇلاپ تۆۋەنگە چۈشۈشىگە كەلتۈرۈپ ئېيىقنىڭ قولاق تۈۋىگە بىرنى ساپتۇ،ئىيىق ھۆكۇرەپ قولىنى بوشۇتۇشىغا پالۋان يەنە بىرنى بار كۈچىنى تاش تۇتقان قولىغا يىغىپ جان -قەھلى بىلەن بايامقى جايغا كەلتۇرۇپ ساپتۇ.ئىيىق خىقىراپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ.پالۋان ئىيىقنى چەمبەر-چاس قىلىپ باغلاپ ئىيىقنى تۇتۇپ مەھەلىگە ياندۇرۇپ ئەكەپتۇ.ئەل-جامائەت باىكاللا ئېيتىپتۇ.كىم بىلسۇن ئاشۇنداق داڭلىق بىر پالۋان - مۇنۇ ئاق بوز ئاتنىڭ ئۈستىدىكى ياش پالۋاننىڭ دادىسى قىياساينىڭ ياغاچ كۆۋرىكىدىن ئۆتۇۋىتىپ ،ئات ئۈركۈپ سۇغا موللاق ئىتىپ چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلىپ كەتتى.سەۋەپ پالۋان ئۆمرۇدە نۇرغۇن ھۈنەرلەرنى ئۈگەنگەن،ماھىر قىلىچۋاز،ئۇستا مەرگەن ،يېنى يەرگە تەگمىگەن داڭلىق پالۋان،ياۋ ئالدىدا باتور سەركەردە بولسىمۇ لېكىن سۇ ئۈزۈشنى ئۈگەنمىگەن ئىدى.ئۇنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق بەخىتسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتى.لېكىن،ئۇن ىڭ باتۇرلوقى،قەيسەرلىكى ئاۋام ئىچىدە داڭلىنىپ قالدى......
يىگىت شۇلارنى خىيال قىلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى.كۆز ئالدىغا دادىسىنىڭ مېھرىبان چىرايى كەلدى.دادىسى ئۇنىڭغا قانداق ئادەم بولۇشنى،ھاياتتا قانداق ياشاشنى،ئۆمۇرنىڭ قىمىتىنى،ئەلنىڭ ھۆرمىتىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگەن.ئۇنى ئۆز قولى بىلەن كىچىگىدىن پالۋان قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرگەن ئىدى.شۇ تاپتا ئۇ دادىسىنى بەكمۇ سىغىندى.كۆزلىرىگە ياش كەلدى.دادىسىنىڭ كەڭ يەلكىلىك باغرىغا ئۆزىنى ئىتىپ دادىسىنىڭ پوراقلىرىنى پۇرۋالغۇسى،دادىسىنىڭ باغرىدا يايرىۋالغۇسى كەلدى.ئەپسۇس ئۆلۇم ئۇنى ئۇنىڭ يېنىدىن ئىلىپ كەتتى.ئۇنىڭ كۇچلۈك قوللىرى بىلىدىكى شەمشەر سىپنىمەككەم سىقىمدايتى، .شەمشەرنىڭ ئالماس قۇيۇلغان سىپىدىن چىدام ھەم غەيرەتنىڭ،سەبىر ھەم تاقەتنىڭ نۇرلىرى ئۇنىڭغا تەسەلى بولۇۋاتاتتى.
( داۋامى ئاللا خالىسا داۋاملىق )
[ بوزقىرانتەرىپىدىن2011-09-03 22:16قايتا تەھرىرلەندى ]