ئوغۇل قىزنىڭ سۆيگۈسىگە سەل قارىدى،قىزنى گاھ ئۈمۈدلەندۈردى گاھ ئۈمۈتسىزلەندۈردى،قىز كۆز ياشلىرى بىلەن نالە قىلىپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى،ئۇنىڭدىن بىر قىتىم بولسىمۇ شىرىن مۇھەببەت ۋىسالىغا يەتكۈزۈشنى تىلىدى،ئاللاھ ئۇنىڭ تىلگىنى ئىجابەت قىلدى.بىر كۈن يىگىت قىزنى كۆرشۈشكە چاقىرىپ قالدى.قىزنىڭ يۈرۈگى چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقتى،ئاللاھدىن مەڭگۈلۈك ۋىسالنى تەلەپ قىلمىغىنىغا ئۆكۈندى.ئۇ بۇ«بىر قىتىم»نى قانداق ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.قىزنىڭ كۆزى گۈللەر باراقسان ئىچلىغان كىچىككىنە يولدىكى يىگىتكە چۈشتى.يۈرىگى مەستىخۇش بولدى.يىقىنلاپ كەلگەندە پۇتلىرىدا جان قالماي،شۇ يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى.كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيىلاتتى.قىز بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۆككەن كۆز يىشنى تۇنجى قىتىم كۆرگەن يىگىتنىڭ دىلى يۇمشىدى،قىزنى يۆلىدى ھەم قىزغا سۆيگۈ ئىزھار قىلدى،قىز ئورىنىدن تۇرۇپ بوينىغا گىرە سالغىنىچە قويۇپ بەرمىدى،قىزنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقى خۇددى يىگتنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى يۈرىگى ئارقىلىق ئاڭلاۋاتقاندەك تۇراتتى.يىگىت بولسا بۇنداق ھاياجانغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلمەي ھەيرانلىقتىلا تۇردى.چۈنكى ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى،ئۇ بۇنداق ھاياجاننىڭ يۈرەكتە ئۇزۇندىن بىرى ساقلاپ كەلگەن ئوتنىڭ ۋولقان كەبى پارتىلاپ چىقىشى ئىكەنلىكىنى تىخى ھىس قىلىپ يەتمىگەن ئىدى.
قىز ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىگە مۇلايىملىق بىلەن جاۋاپ بىرەتتى.قارىماققا شوخلىقلىرىغا خاتىمە بەرگەندەك تەسىربىرەتتى. ئۇ ياقتىن بۇ ياققا گۈللەرگە قولىنى سوزغىنىچە كىپىنەكلەردەك يۈگىرەيتتى.يىگىتكە قاراپ جىلۋە قىلاتتى.يۈزلىرىگە قانماي قانماي سۆيەتتىيۇ يۈزلىرى قىزىرىپ كىتەتتى.چۈنكى قىزنىڭ يۈرىگىدە «بىر قىتىم»دىگەن سۆزلا جاراڭلايتتى.ئۇ كۆڭلىدە ئاللاھنىڭ بەرگەن شۇ ۋىسال پەيتىنىڭ ئۇزۇنراق بولىشىنى،يىگىتنىڭ يۈرەكلىرىدىن ئورۇن ئىلىشنى ئىستەيتتى.نىمە ئۈچۈندۇر تىلفونىغا قاراپ قاراپ قوياتتىيۇ،مىھىر بىلەن تاتلىققىنا كۈلۈپ قوياتتى،يۈرەكلىرىدىن مىھىر بالقىپ چىقاتتى.
قىز يىگىتكە تاتلىق تاتلىق سۆزلەرنى قىلاتتىيۇ،بۇ سۆزلىرىدىن ھىجىراننىڭ پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى،يىگىت تاقەتسىز ھالدا قىزنىڭ جاۋابىنى كۈتتى،لىكىن قىز پەقەتلا كۈلۈمسىرەپ قۇياتتىيۇ،«سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن»دىمەيتتى،چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىگىدە مەڭگۈلۈك ھىجىرانغا تەييارلىق بار ئىدى.
قايتىش ئالدىدا يىگىت قىزدىن قاچان كۆرشىشنى سورىدى،قىز يىگىتنى ئالدىدلا ئولتۇرغۇزدى،ئۆزى ئۇنىڭغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ،ئىڭكىنى يۆلىگنىچە يىگتنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى،قىزنىڭ كۆزلىرىدىكى مۇھەببەت يىگىتنىڭ كۆزىدىكى ئىپادىسىزلىكنى كۆرۈپ يۈرىگىدىكى سۆزىنى ئىيتالمىدى،پەقەتلا تارام-تارام كۆز ياشلىرى بىلەن يىگىتنى ئۇزۇتۇپ قويدى.يىگىت يەنىلا نىمىشقىدۇر ئىپادىسىز ئىدى.بىر ئازدىن كىيىن يىگتنىڭ تىلفونىغا ئۇچۇر كەلدى:«ھاياتىمدىكى قۇياشىم،سىزنى سۆيگەن،سىزگە كۆيگەن،تىلفونىڭىزنى ساقلىغان،ھەتتا نۇمۇرىمنمۇ ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان شۇ كۈنلىرىمگە مۇشۇ ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان مۇشۇ«بىر قىتىملىق»ۋىسال پەيتىدە مىڭ قەتىرە شۈكىرىلەر ئىيتتىم.سۆيگڭىزگە بىرىدىغان جاۋابىم پەقەتلا ھىجىران،بۇ ھىجىران بىر سىزگىلا ئەمەس ماڭىمۇ ھەم مەڭگۈلۈك ھىجىراندۇر،ئاللاھتىن پەقەت بىر قىتىملىقلا تىلىگەن ۋىسالنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھىجىران بولماي نىمە بولماقچى ئىدى،ئەگەر مەن شۇ دەمدە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت،«بىر قىتىملىق»ھىجىران تەلەپ قىلغان بولسام ئىدى،بەلكىم بىر قىتىملىق شۇ ھىجىران بىزلەرگە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىلا نىسىپ بولار ئىدى».يىگىت ئۆزىدىن كەتتى.نۇرغۇن خىياللارنى قىلدى.قىزنىڭ جىلۋىسى،قىزنىڭ سۆيگۈسى ئۇنىڭ خىيالىنى ئالدى.بىر قىتىملىق مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك ھىجىرانى ئۇنى ساراڭلاردەك قىلىپ قويدى.يادىدىن قىزنىڭ ئۇنىڭغا بىچارلەرچە تىلفون قىلغان چاغدىكى باھانىلىرى كەچتى.ئۇمۇ ھەم باھانە ئىزدەپ تىلفون قىلىپ«سىز تىلفون قىلغان نۇمۇر قۇرۇق نۇمۇر»دىگەن ئاۋاز غا ئىرىشتى.قىزنىڭ قايسىدۇر چاغلاردا ئۇنىڭ يانفونىغا ئۆيىدىن ئۇرغان نۇمۇرىنى تاپتى.ئەمما قىز ئۇنى ئايىغاندەك ئۇمۇ قىزنى ئايىدى،چۈنكى ئۇ ھەر قىتىم قىز بىلەن سۆزلىشىشنى خالىمىغان چاغلىرىدا «مەن ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللىتىم»دىگەن سۆزىنى ئاڭلىسىلا تىلفوننى قۇيۋىتەتتى،ئۇ ئۇرسا قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بولوپ قالسىچۇ؟
ئەمدى ئۇ سەۋدايىغا ئايلاندى،ئۇ قىزنىڭ ھەر بىر تىلفوننى قويغانلىرىدا«كۆڭلىڭىز يىرىم بولوپ،پاراڭلاشقىڭىز كەپ قالسا 2-3 كۈندە بىر قىتىم بولسىمۇ تىلفون قىلىپ تۇرارسىز»دىگەن سۆزىنى ئويلايتتى.2-3كۈندە بىر قىتىم قىزنىڭ قۇرۇق نۇمۇرىغا تىلفون قىلاتتىيۇ،قىزنىڭ مۇلايىم ھەم بىچارلەرچە ئاۋازىنى قايتا ئاڭلىيالمىدى.ئۇ قايسى كۈنلىرى قىزنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بەرگەن ناخشىلىرنى ئاڭلىدى،ئۇنىڭدىن قىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىدىيۇ،ئۆزىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىيالمىدى.كىچىلىرى تىلفونلىرنى ئۇچۇق قوياتتىيۇ ئۆزى كۈتكەن قىزنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايتتى.
-ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇڭ ماڭا
...............
كۆزلىرىمدىن كۆز ياش ئەمەس ئاقتى قانلىرىم
ئۇنتاي دەپمۇ ئۇنتالمىدىم كۆيگەچكە ساڭا
ئۇ قاچانلاردا بۇ ناخشىنى ئاڭلىدى،شۇندىن بىرى ئۇنىڭ ئىيتىدىغىنمۇ شۇ ناخشا،ئاڭلايدىغىنىمۇ شۇ ناخشا،تىلفونىنىڭ رەڭلىك قوڭغۇرىقىمۇ شۇ ناخشا،كەلگەن چاغدىكى مۇزىكىسىمۇ شۇ ناخشا بولوپ قالدى،قىزنى ئويۇن تاماشىلاردىن ئىزدىدى،باغچىلاردىنمۇ ئىزدىدى تاپالمىدى،ھىجىران ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى كاردىن چىقاردى،ئەمىلىيەتتە قىزنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكىنى پەقەتلا پەقەت بەكلا ئاددى بىر نەرسە ئىدى.«بۇ يىگىت ئاللاھدىن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت،بىر قىتىملىق ھىجىراننى تىلىسە،مۇرادىمىزغا يەتسەك....»ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس،ئاشقىلىق ھەم ھىجىران ئۇنى بۇ تەپەككۇرىدىن ئايرىغان ئىدى.«ئەي ئاللا،ئاشىق يۈرەكلەرگە مەڭگۈلۈك مۇھەببەت،بىر قىتىملىقلا ھىجىران ئاتا قىلغايسەن».
مەنبە:ئۆز تەپەككۇرۇم.
[ مەدىنەتەرىپىدىن2011-08-11 18:39قايتا تەھرىرلەندى ]