ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 739 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلماڭ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 855
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 7
پۇلى: 25 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 14
ياخشى باھا: 25
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-08-11
ئاخىرقى: 2011-08-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 17:06

توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلماڭ

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار دىن شېئىرىيەت گۈلزارى غا يۆتكەلدى(2011-08-11)
ھەممىمىز توينىڭ ئادەم ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەمما توينىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا ھەممىمىزنىڭ كۆز-قارىشىدا پەرق مەۋجۇت. بەزىلەر توينى پاك مۇھەببەت قەلئەسىگە ئوخشاتسا، بەزىلەر توينى مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ گۆركارىغا ئوخشىتىدۇ. يەنە بەزىلەر توينى بىر خىل رەسمىيەت دەپلا چۈشەنسە، بەزىلەر ئۇنى مەسئۇلىيەت دەپ چۈشىنىدۇ. مەيلى بىز ئۇنى قانداقلا چۈشەنمەيلى، بىز ھەممىمىز ئۆتەڭگە دۇچ كېلىمىز.
توي ھەقىقەتەنمۇ بىر-بىرىنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرگەن بىر جۈپ ياشنىڭ مۇھەببەت گۈلىنى تېخىمۇ پۇراققا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم بىر قەدەمدۇر. توي ھەر ئىككى تەرەپتىن بەلگىلىك بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. توي ھەر ئىككى تەرەپتىن تولۇق روھىي تەييارلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، توي ھەر ئىككى ئىككى كىشىلىك دۇنيانىڭ كىرىش ئېغىزىدۇر. توي توغرىسىدا بۇنداق گەپلەر بەك كۆپ. ھەممىمىز بۇ خىلدىكى گەپلەرنى كۆرگەندە، توينىڭ ئاجايىپ خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. دېمىسىمۇ توي ھەقىقەتەن تېخىمۇ خاسىيەتلىك كۈنلەرنىڭ باشلىنىشىدۇر، ئۇ گويا بىر يوق تاڭغا ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇرى ئىككى قەلب ئىگىسىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا توي قىلىدىغان ئىككى تەرەپ ھەر جەھەتتىن ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.
جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇندىن بىرى خەلقىمىز داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇدۇم خاراكتېرلىك مۇراسىم ئەمدىلىكتە بىر خىل رەسمىيەت ۋە باش ئاغرىتىدىغان كېسەلگە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن ياشلىرىمىز توي قىلىشتىن يالتىيىدىغان، ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا توي قىلىش توغرىلىق گەپ قىلسا ئىلىك ئالمايدىغان بولۇپ قالدى.
مىسال ئا:
- بالام، ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقتىڭ، ئەمدى بېشىڭنى ئوڭشاپ قويساق بولاتتى...
- ۋاي-ۋۇي، قاچان قارىسا، مۇشۇ توي، توي دەپلا يۈرۈيدىكەنسەن، ھەجەپ تويدۇم مۇشۇ گەپلىىڭدىن، مەن دېگەن ئوغۇل بالا تۇرسام،  مەندىن نېمىگە ئەنسىرەيسەن؟
- بالام، يۇرت-مەھەللىدە ئادەمگە سەت تۇرىدۇ، سەن دېمەتلىك بالىلارنىڭ ھازىردىن بىر-ئىككىدىن بالىسى بار، ماڭىمۇ قوشنىلار ئارا قاتار لازىم
مېسال ب:
- قىزىم، خىلى بولدى، كۆڭلىڭزىدە بىرى بولسا، دەڭ، تويۇڭلارنى قىلىۋىتەيلى، خىزمەتكىمۇ چىقىپ بولدىڭىز، سىزنىڭ غېمىڭىزنىلا يەيمەن. تويىڭىزنى ساق-سالامەت قىلىۋالساق، بېشىمىز ئاسمانغا تاقىشىدۇ.
- ھەي، ئاپا! نېمە دەپ يۈرۈيسەن؟!... مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ سېنىڭ كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنۈپ قالغان ئوخشايمەن، شۇنداقمۇ؟ توۋا، مەن تېخى ساڭا ھەمرا بولارمەن، دەپ ئويلىسام سەن ئەجەب بىر گەپلەرنى قىلدىڭا!
يۇقىرىدەك دىئالوگلار بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. نېمىشقا ئۇلار تويغا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟ ئۇلارنى زادى نېمە چەكلەپ قويغان؟
بۇنىڭغا سەۋەب بولغىنى، كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى يۇقىرىلاپ،  ئىنسانىي ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىگىنىدۇر. ئۇلار توينى بىر خىل ئاۋارىچىلىك ياكى ئارتۇقچە ئىش دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھامان بىر خىل ئەركىن تۇرمۇشنى، ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى ياشاش ئۇسۇلىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتتىن بىزار ياكى مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغان. ئۇلارنىڭ كۆڭلى مۇھەببەت دېگەن ئاتالغۇدىن ۋە توي ئۇقۇمىدىن بىزار بولغان. شۇڭلاشقا، توينىڭ گېپى چىقسىلا ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ، گەپ خۇشياقمايدۇ. ھە دېسىلا توينى كەينىگە سۈرۈش ياكى قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.
بۇ خىل يۈزلىنىشكە ئۇچرىغان قىز-يىگىتلەر ئارىدىن بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ ۋاقىتتا ھەممە نەرسە ئۇلارنى قىستايدۇ، ئامال يوق، شارائىت، ۋاقىت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇلارغا شۇنداق بىر ئېھتىياجىنى ھەدىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى مۇۋاپىقراق بىرىنى تېپىپ توي قىلىشنى ئويلايدۇ. مانا ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى مۇشۇنداق ئاددىيلا باشلانماقچى بولىدۇ.
بىزنىڭ نۇرغۇن قىز-يىگىتلىرىمىز توي ئىسىغا سەل قارايدۇ. تويغا ئانچە ئالدىراپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بولمىسا، خىزمەت تېپىۋالغاندىن كېيىن، تويىنى قىلىۋەتسە بولىدۇ. توي قىلغاندا بىر خىل بېسىم ۋە رەسمىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن قارشى تەرەپ ئوخشاش ھېسسىياتتا تۇرۇپ قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۇنى يېڭى بىر ھاياتنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ بىلىش كېرەك. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، سىز پەقەت توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالغانلىقىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بېسىمى تۈپەيلى بۇ قەدەمنى ئالماسلىقىڭىز كېرەك. شۇنداق، سىز توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلماڭ، توي ھەرگىزمۇ مەلۇم نەرسىدىن بىزار بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ خىل مەنىگە ئىگە قىلىپ قويغۇچىلار بولسا ھاياتنى ۋە مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان ياكى بۇ ھەقتىكى تونۇشى كەمچىل كىشىلەردۇر. ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نىشانىغا موھتاج. ئەگەر سىز بىرى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز، بولۇپمۇ مۇھەببەتلىشىۋاتقىلى خىلى يىللار بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ ۋە قەدىرلەڭ. چۈنكى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلى خۇددى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئوخشاشلا مۇھىم ۋە نازۇك. ئۇنىڭغا ئازار بەرسىڭىز نەتىجىدە سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولىسىز. چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز، ئۇنى بەختلىك قىلىشىڭىز كېرەك، سىز بىر نەچچە يىل مۇھەببەتلىشىپلا، بولدى قىلسىڭىز، ئۇنى ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلالمايسىز. قار ياغقان كەچلەردىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر ئۇزۇنغا بارمايدۇ. پەقەت سىز ئۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ھاياتىڭىزنى بىرگە ئۆتكۈزەلىسىڭىزلا، ئاندىن ئۇ ئەسلىمىلەر تېخىمۇ گۈزەل سىياقتا ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالىدۇ.
ئاخىرىدا، دېمەكچى بولغىنىم توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلماڭ، توي ئىشىغا سەل قارىماڭ، ئوغۇل بالا بولسىڭىز ئىشلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق پىلانلاڭ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ھايات قورغىنىڭىزنى بەرپا قىلىشىڭىزدا ئالمىسىڭىز بولمايدىغان مۇھىم قەدەمدۇر.www.ahtu.cn
www.ahtu.cn
دوستلىشىش
سودىگەر
مەيىن شامال بورانغا ئايلاندى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 516
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 102 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 102
توردا: 8(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2012-03-05
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 20:44

ھەممە تىما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزغا www.ahtu.cn ئادىرسنى قېتىۋىلشىڭزدىن ئەزا سوراپ كىرگەندەك قىلىسىز .
دوستلىشىش
قۇمبۇلاق
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 123
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
تۆھپىسى: 8
پۇلى: 150 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 33
ياخشى باھا: 140
توردا: 35(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2011-10-05
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 12:55

ئەجدادلىرىمىز «توي !» دەپ بىكار قويماپتىكەن ئىسمىنى ، بەزىلەر تويسا ، بەزىلەر تويدۇرىدۇ ....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 361
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 24 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 24
توردا: 8(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-14
ئاخىرقى: 2011-09-27
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 13:41

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  جاپا چېكىپسىز.....
سۈكۈت