ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8019 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم كىم؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2013-05-21
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 18:58

ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم كىم؟

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمىديار تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-08-18)
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىگە خەت
ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم كىم؟
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،تېچلىقمۇ سىلى!؟
20-ئەسىر دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىزىلگۈچى مىللەتلەر ئۈچۈن،جۈملىدىن خەلقىمىز ئۈچۈنمۇ قۇللۇقتىن،جاھالەتتىن،نادانلىقتىن ئۇيغىنىش دەۋرى بولدى.بۇ ئەسىرنىڭ تۇنجى يىلىدىلا بەختىمىزگە مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتنىڭ مەرىپىتى،ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ئاز ساندىكى ئادەملەر تەۋەلۇت بولۇش بىلەن بىرگە بەختكە قارشى يەنە نەچچە خانلىق رەقەملەر ئاز كەلگۈدەك ساندىكى مۇناپىق ئادەملەرمۇ بۇ زېمىنغا كېلىۋەردى.ئەينى دەۋىردىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ مىللىي مۇناپىقلارنى ۋەتەنپەرۋەر زات دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى بىلەن  نادان خەلق ئۇلارنىڭ ئاز قىسىمىنىڭ كىملىكىنى بىلەلىگەن بولسىمۇ كۆپ قىسىمنىڭ ئەپتى-بەشىرسىنى بىلىش تا-ھازىرغىچە مۇمكىن بولماي كەلگەن ئىدى..
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،بۈ قېتىم بىزدىكى نوپۇزلۇق ژورناللارنىڭ بىرى بولغان«جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق3-سان ‹‹مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر››سەھىپىسىدە سېلىنىڭ«قەشقەر دىيارىدا ئۆتكەن مۆتىۋەر ئادەم-يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر رەھبەر-ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ھەققىدە››دېگەن ئەسلىملىرىنى ئوقۇپ سېلىدىن ھەم«جۇڭگو مىللەتلىرى»ژورنىلىدىن تولىمۇ رايىم قايتىپ كەتتى.
مېنىڭچە،پەقەت ئۆز تەشكىلاتىغا،ئۆز گوروھىغا،ئۆز ئارمىيسىگە خائىنلىق قىلغان ئادەملا مۇناپىق بولمايدۇ.ئۆز خەلقىنىڭ ئېدىلوگىيەسىگە،ئېتىقادىغا،مەدەنىيىتىگە،
سىياسىي،ئىقتىسادىي،مائارىپ ئىشلىرىغا،تىل-يېزىقى،قىممەت قارىشى،ئۆرۈپ-ئادىتى،كېلىچەكىگە...قىسقىسى،ئۆز مىللىتىنىڭ ھەرقانداق بىر مەنپئەتىگە ئاشكارە ۋەياكى يوشۇرۇن قەست قىلغۇچىمۇ ئوخشاشلا مۇناپىقتور!
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،سىلى يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر خەلقپەرۋەر رەھبەر-ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم دەپ تەرىپلەۋاتقان كىشى ئەمىليەتتە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم(1875-1955)ئىسىملىك مىللىي مۇناپىقتور!
سىلى بۇ كىشىنىڭ پاملىسىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ يېڭى مائارىپ باشلامچىسى،
جامائەت ئەربابى،ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر رەھبەر ئىكەنلىكىنى قېيىنئانلىرىنىڭ،
ئانىلىرىنىڭ،دادىلىرىنىڭ،مەرھۇم ئەھمەت زىيائىنىڭ،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ،
مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللا ئاكىنىڭ،مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى،مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرىنىڭ بايانلىرى ۋە قەشقەر خەلقى ئاغزىدىن ھېكايەت قاتارلىق ھازىر سۆزلىيەلمەيدىغان،يازالمايدىغان گۇۋاچىلارنى سۆزلىتىپ يازسىلىمۇ مەن يەنىلا ئۇ كىشىنى مۇناپىق دېگىنىم دېگەن.چۈنكى ۋەتەنپەرۋەر بىلەن مۇناپىق دېگەن ئىككىسى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغان ئىككى دۇنيا!
خوش،ئەمدى مېنىڭ ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ياكى ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇمنى مىللىي مۇناپىق دىيىشىمدىكى ئاساسىمغا نەزەر سېلىپ باقسىلا!
ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بولسا،مىڭلىغان كىشىلەر خانى ۋەيران قىلىنىۋاتقان چاغدا،
يەنى 1937-يىلى كۈزدە قەشقەرگە ۋەن شەنتىڭنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن.(«مەمتىلى ئەپەندى»337-بەت)
1938-يىلى،قەشقەردىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر زات،مۇۋەققەت ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم سوۋىت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىپ،سىتالىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم 1955-يىلى سەكسان بەش يېشىدا قەشقەردە ئۆلگەن. («قەشقەر تارىخ ماتېرياللىرى»1-قىسىم243-بەت)
تۈنۈگۈن مەخسۇم ئۇنىڭغا شېڭ دۇبەن جانابلىرىدىن كەلگەن موھىم بىر تېلىگىراممىنى ئېلىپ كەلگەندى.ئەپسۇسكى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەخسۇم ئالدىنراق خەۋەردار بولغۇچى ئىدى.چۈنكى،ئۈرۈمچىدىن كېلىدىغان تېلىگىرامما سوۋىت كونسۇلخانىسىدا قۇبۇل قىلىناتتى،ئۇ يەردىن مەخسۇم تېگىشلىك ئورۇنغا يەتكۈزەتتى.
ئۇ مەخسۇمنىڭ ساقاللىق ئۇرۇق يۈزىنى،ھەمىشە سەللە بىلەن يۈرۈپمۇ ھاراقنى تاشلىمايدىغان ئاجايىپ قىلىقىنى ئويلاپ بىر تۇرۇپ كۈلگىسى كەلسە،بىر تۇرۇپ ئۆچلىكى كېلەتتى.ئەمما،ئاخىرقى ھېساپتا مەخسۇمنىڭ خەلق ئالدىدىكى نوپۇزىغا ھەسەت قىلىدىغان بولغاچقا،ئۆچمەنلىكى ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى.خەلق قادىر ھاجىنى جاللات دەپ قارايتتى.ئەپسۇسكى،قادىر ھاجى قۇربانلارنى پۇتىنى بۇغۇچلاپ،تۇتۇپ ئاپىرىپ بەرسە جاللاتلىق قىلىدىغان ئادەمنى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى،مەرىپەتچى،ئەڭ ئىلغار زىيالىي دەپ قارىشاتتى...قوزغىلاڭچىلار قەشقەرنى ئىگەللىگەن چاغدا،مەخسۇم ئۇلارنىڭ مەسلىھەتچىسى،مەرىپەت تارقاتقۇچى سۈپىتىدە پەيدا بولغاندى.  شېڭ شېسەي تېلېگىرامما ئەۋەتىپ«پالانچى...باي،مۇنچە پۇل ئىئانە بەرگەنلىكى ئۈچۈن دەرھال قولغا ئېلىنسۇن!»دەپ ئېنىق ئەيىپلەر بىلەن بۇيرۇق قىلغاندا،ساددا كىشىلەر شېڭ دېگەن ئەۋلىيا ئوخشايدۇ،يەرنىڭ تېگىدە يىلان كۆشىگەننىمۇ بىلىدىكەن،دېيىشىپ ھەيران قېلىشقانىدى....
ئەنە شۇنداق،مەخسۇم ھەرقانداق يېڭى شەيئى،يېڭى ھەرىكەتتە ھامان خەلقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالاتتى.ئۇ ئەينى چاغدا قولغا ئېلىندىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنىدى.بىراق،خەلق يەنىلا ئۇنى بىلىشمىدى.(«باياۋاندىكى گۈلخان»2-قىسىم416-417-418-بەتلەر) 
 - لېكىن مېنىڭ خوجايىنىم بۇنى ئاساسىي خەۋپ دەپ قارىمايدۇ.چۈنكى ئۇ ياۋايىلارنىڭ توپىنى ئاسانلا پارچىلىۋەتكىلى بولىدۇ.لېكىن ئۇلار قەشقەرگە يىتىپ كەلسە ئۇلارغا بىر ئاڭلىق كۈچ قوشۇلۇپ كېتىدۇ.مامۇت بۇ كۈچتىن پايدىلانماقچى بولغانىدى.ئۇلار«12-ئاپرېل»دا قوزغالماقچىدىغۇ؟شۇڭا بۇ بالايى بەتەرنىڭ ئالدىنى ئالماق كېرەك،ھاجىم،-مەخسۇم بىرتال «سۋىرناي»نى تۇتاشتۇرۋېلىپ،رەسمىي تەلەپپۇزدا داۋام قىلدى. («باياۋاندىكى گۈلخان»3-قىسىم 312-بەت)
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكا،سېلىدىن سوراپ باقسام،ئونمىڭلىغان زىيالىيلار،
بايلار،موللىلارنى قولغا ئېلىۋاتقان،ئۆلتۈرۋاتقان جاللات شېڭ شېسەي1937-يىلى كۈزدە ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇملىرىنى قايسى تۆھپىسى،قايسى قابىليىتى ئۈچۈن قەشقەرگە ۋەن شەنتىڭنىڭ ئورنىغا مۇۋەققەت ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەندور؟
ئىزىلگۈچى خەلقنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى-شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇپ يېرىم ئەسىردىن كېيىنكى تۇنجى مۇئاۋېن رەئىس خوجىنىياز ھاجىمنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان سىتالىن 1938-يىلى نېمىشقا ئۇنى شېڭ شېسەيگە ئۆلتۈرگۈزۈپ،مۇۋەققەت ۋالىي ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى قوبۇل قىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندۇ؟
ئەجىبا ئۇنىڭ قەشقەردىكى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ قارا تىزىملىكىنى سوۋېت كونسۇلخانىسى ئارقىلىق جاللات شېڭ شېسەيگە يوللاپ بېرىپ،ئۆلتۈرلىشىگە سەۋەپچى بولۇشى ئەمدى ۋەتەنپەرۋەرلىك بولۇپ قالدىمۇ؟
مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىرىنى بۇ بالايى بەتەرنىڭ ئالدىنى ئالماق كېرەك،
دەپ جاللات شېڭ شېسەينىڭ دېپىنى چالغانلىقىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ؟

 
پايدىلانغان ماتېرياللار:
‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››2011-يىل3-سان
مىرەھمەت سىيىت،يالقۇن روزى «مەمتىلى ئەپەندى»شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى
1997-يىل8-ئاي 1-بېسىلىشى
شېرىپ خۇشتار ‹‹شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر››  شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى2000-يىلى9-ئاي 1-بېسىلىشى
غۇلام ئۆمەر‹‹«باياۋاندىكى گۈلخان»2-3-قىسىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى                               2003-يىل8-ئاي 1-بېسىلىشى









[ kichikoghulتەرىپىدىن2011-09-06 13:31قايتا تەھرىرلە ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+30(ئۈمىديار)
  • دوستلىشىش
    سودىگەر
    مەيىن شامال بورانغا ئايلاندى.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 516
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 98
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە98دانە
    تۆھپىسى: 5
    پۇلى: 128 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 10
    ياخشى باھا: 108
    توردا: 9(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-14
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 20:59

    ئەجىبا ھاجى مىرزاھىد ئاكا يېڭلىشىپ قالغاندىمۇ ؟ ئۇنىڭ ماقالىسنى بىر ئۇقۇپ  باقساق بولغۇدەك .
    دوستلىشىش
    سەھراقىزى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 51
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
    تۆھپىسى: 1
    پۇلى: 53 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 2
    ياخشى باھا: 53
    توردا: 19(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-08-10
    ئاخىرقى: 2012-11-01
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 23:56

    تېتىقسىز ...لاۋزا....يەنە ........
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 207
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
    تۆھپىسى: 53
    پۇلى: 366 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 86
    ياخشى باھا: 306
    توردا: 40(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-07-03
    ئاخىرقى: 2013-03-24
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 01:11

    بۇ ھەققىدە تەپسىلى ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ
    دوستلىشىش
    سودىگەر
    مەيىن شامال بورانغا ئايلاندى.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 516
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 98
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە98دانە
    تۆھپىسى: 5
    پۇلى: 128 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 10
    ياخشى باھا: 108
    توردا: 9(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-14
    ئاخىرقى: 2012-05-13
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-13 20:41

    سەھرا  قىزى  نىمشقا ئاغزىڭزنى بۇزىسىز ؟
    دوستلىشىش
    سەھراقىزى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 51
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
    تۆھپىسى: 1
    پۇلى: 53 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 2
    ياخشى باھا: 53
    توردا: 19(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-08-10
    ئاخىرقى: 2012-11-01
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-14 00:11

    مەن ئاغزىمنى بۇزمۇدۇم بەلكى بۇ تىمىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرا تىنى  ئىنكاسىمدا ئىنىق ئىپادىلەپ ساپتىمەن ...
    بۇ تىما توغرىسىدا تىما ئىگىسىگە ئارتۇق چۈشەندۈرۈشكە ئەرزىمەيدىكەن ...
    تىما ئىگىسى ئۆز سالاھىتىنى تازا ئىنىق ئوتتۇرىغا قويماي تۇرۇپ ..مەرھۇم ئەھمەت زىيائى،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،
    مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللا ئاكا،مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى،مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرى بايانلىرى ۋە قەشقەر خەلقى نىڭ باھا لېرىنى جاھىللىق بىلەن ئىنكار قىلغان ..دىمەك قانداق كەن ؟؟؟
    تىما ئىگىسى  ، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى سۈرۈشتۈرۈشتىن بۇرۇن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىم -ئەدىپلېرىمىز بىلەن تازا بىر تونۇشۇپ چىقسا بولغىدەك ....
    [ سەھراقىزىتەرىپىدىن2011-08-14 03:30قايتا تەھرىرلەند ]
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    تۆھپىسى: 48
    پۇلى: 252 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 67
    ياخشى باھا: 127
    توردا: 14(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-13
    ئاخىرقى: 2013-05-21
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-15 18:25

    تىما ئىگىسى مەرھۇم ئەھمەت زىيائى،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللا ئاكا،مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى،مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرى بايانلىرى ۋە قەشقەر خەلقىنىڭ باھالېرىنى جاھىللىق بىلەن ئىنكار قىلغان ..دىمەك قانداق كەن  
    تىما ئىگىسى  ، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى سۈرۈشتۈرۈشتىن بۇرۇن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالىم -ئەدىپلېرىمىز بىلەن تازا بىر تونۇشۇپ چىقسا بولغىدەك ....
    ___________________________________________________
    سەھرا قىزى:سىز ماقالەمدىكى  ھازىر سۆزلىيەلمەيدىغان،يازالمايدىغان گۇۋاچىلارنى سۆزلىتىپ يازسىلىمۇ ...دېگەن جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي.بۇ كىشىلەرنىڭ ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ھەققىدىكى سۆزلىرى بەلكىم  ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئەمەس،ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكامنىڭ قەلىمىدىن چىققان بولۇشى مۇمكىن دېمەكچىمەن.ئەجىبا،مەرھۇملارنىڭ بىرەر ئەسىرىدە ئابدۇلكېرىمخان مەخدۇم ھەققىدىكى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكامنىڭ يازغىنىغا ئوخشايدىغان بىرەر جۈملىنى ئۇچۇرتىپ باقتۇقمۇ بىز.
    قايسى بىر ژورنالدا بىر تارىخچى قەشقەردىكى بىر نوپۇزلۇق كىشىنىڭ سۆزۈنى نەقىل ئېلىپ يازغان ئەسلىمىگە قارىتا نوپۇزلۇق كىشى ئۆزىنىڭ بۇ تارىخچىنى كۆرۈپمۇ باقمىغانلقى ھەققىدە ئەسلىمىدىكى ئۆزىگە ئارتىلغان سۆزلەرنى ئىنكار قىلىپ ئۆتتى.
    دوستلىشىش
    سەھراقىزى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 51
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
    تۆھپىسى: 1
    پۇلى: 53 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 2
    ياخشى باھا: 53
    توردا: 19(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-08-10
    ئاخىرقى: 2012-11-01
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 13:09

    ھەي؟؟؟
    مەن تىما ئىگىسىگە ئارتۇق گەپ قىلغىم بولمىسىمۇ يەنە ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا يەنە شۇنى سوراشقا مەجبۇر مەن ،،سىز  سوز لەۋاتقان چۈشۈنۈكسىز ھېلىكى نوپۇزلۇق ئادەمنىمۇ شىپى كەلتۈرۈپسىز ،،ماقۇل ئەمسە شۇ سىز كىم ؟ سىز  ھەممە ئىتىراپ قىلغان كىشىلەرنى تىلغا ئېلىپ ،يەنە ئۆزىڭىز ئىتىراپ قىلىدىغان مەۋھۇم بىر نوپۇزلۇق ئادەمنىمۇ مىسال كەلتۈرۈپ  چۈشۈنۈكسىز لا  گەپلەرنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنىڭمۇ بىررەر كىشى ياكى بىرەر ئورۇن ئىتىراپ قىلغان ئىتىراپ نامىڭىز نىمۇ (نوپۇزىڭىز)نىمۇ ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ بىر سۆزلىۋەتمەمسىز ؟ سىز يۇقۇرىدا بايانلېرىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەر بولسا خەلق ئىتىراپ قىلغان ،ھۆكىمەتمۇ ئىتىراپ قىلغان ،چاخچاق قىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەر ئۇ .
    سىز جاھىللىق قىلسىڭىز بولمايدۇ ...
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    تۆھپىسى: 48
    پۇلى: 252 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 67
    ياخشى باھا: 127
    توردا: 14(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-13
    ئاخىرقى: 2013-05-21
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 13:59

    سەھرا قىزىغا:  بۇ مۇنازىرىدە مېنىڭ كىملىكىم موھىم ئەمەس، بەلكى ئابدۇلكېرىم مەخدۇمنىڭ كىملىكى موھىم. ھەممە ئىتىراپ قىلغان كىشىلەرنى ئاۋال مەن تىلغا ئالمىدىم. ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكام ئابدۇلكېرىم مەخدۇمنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن
    ئۇلارنى قەستەن تىلغا ئېلىپتۇ. مەن پەقەت  ھاجى مىرزاھىد كېرىمىكام دېگۈزگەن ئۇلارنىڭ مۇناپىق ئابدۇلكېرىم مەخدۇمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەققىدىكى بايانلىرىنى يالغان،ئۇلار ئۇنداق دېمىگەن بولۇشى مۇمكىن دېمەكچى. سىز ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى جۈملىنى چۈشەنمەمسىز قانداق؟
    ئەگەر مەرھۇم ئەھمەت زىيائى،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللا ئاكا،مەرھۇم سەيپىدىن ئەزىزى،مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرى بايانلىرى ۋە قەشقەر خەلقى بىر مۇناپىقنى ۋەتەنپەرۋەر دېگەن تەقدىردىمۇ ھەقىقەت ھەرگىز ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.
    دوستلىشىش
    سەھراقىزى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 843
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 51
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
    تۆھپىسى: 1
    پۇلى: 53 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 2
    ياخشى باھا: 53
    توردا: 19(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-08-10
    ئاخىرقى: 2012-11-01
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 15:54

    مەن يەنە سۆزلەيدىكەنمەن دە ...
    جۈملە دەيسىز ...
    1- سىز تىمىڭىزدا مەلۇم ئادەمنى (ھاجى مىرزاھىد ئاكا )نى ئىسمىنى ئاتاپ ئوچۇق ئاشكارە تىلغا ئېلىپ سوزلەپسىز..يەنە بۇ تىمىنى سىز يوللىغان .شۇڭا سىز نىڭمۇ ئۆزسالا ھىتىڭىز نىمۇ ئوچۇقراق دەپ باقسىكەن دەپتىمەن .
    2-سىز باشقىلارنى (ھاجى مىرزاھىد ئاكا )نى يالغان سوزلىگەن بولىشى مۇمكىن دىيىشتىن بۇرۇن ،،ئۇ كەلتۈرگەن مىساللار دىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلمەس ئەسەر لېرىنى بىر ئوقۇپ ئۇلار راس شۇنداق دىگەنمۇ قانداق ،بىر كورۈپ چۈشەنمەمسىز ؟
    سىزگە ئۇلارنىڭ بايان لېرىدىن مەنمۇ يەنە مىسال كەلتۈرگىم يوق ،چۈنكى  ئۇچاغدا سىز سەھرا قىزى كىم دەپ تىما يوللىشىڭىز دىن قورقىمەن ،يەنە چۈنكى سىز ......