ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رىسالىسى
1. ئەل -ئاۋامنىڭ بەخت -سائادىتى ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭ.
2. ئۆزىڭىزنى ھەسەت ۋە ئىچى تارلىقتىن يىراق تۇتۇڭ .
3. ئېتىقاتلىق، ۋىژدانلىق ،پاكىزە بولۇڭ .
4. تاماقنى دەل ۋاختىدا يەڭ، ئەتىگەنلىك تامىقىڭىز نورمال، چۈشلۈك تامىقىڭىز قۇۋەتلىك، كەچلىق تامىقىڭىز يىنىك بولسۇن .
5. ئۆزگىلەرگە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭىزدىن سۆيۈنۈپ تۇرۇڭ .
6. ئاتا- ئانىڭىزغا ، ئىلىم بەرگەن ئۇستازلىرىڭىزغا مەڭگۈ ۋاپادار بولۇڭ .
7. غەزەپتىن يىراق، سەۋرىگە يېقىن بولۇڭ .
8. دەرت- ئەلەمنى ئۇنتۇپ، خوشاللىقنى ئۇنتىماڭ .
9. داۋاملىق ئۆزگىلەرنىڭ بەختىنى ئويلاڭ، ئۆز مەپسىڭىزگە چوغ تارتماڭ .
10. ئىلىم -مەرىپەت ئىگەللەشتە قانائەتسىز ،مال- دۇنيا توپلاشتا قانائەتچان بولۇڭ.
11. كىندىك قېنىڭىز تۆكۈلگەن ۋەتىنىڭىزنى مەڭگۈ قەدىرلەڭ .
12. ئۆزگىلەرنىڭ خوشاللىقىدىن سىزمۇ خوشاللىق تېپىڭ .
13. ئەتىراپىڭىزدىكى مۇھىتنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ .
14. ئۆزىڭىزنى ھەرگىز ئاجىز ھېساپلىماڭ .
15. دانىشمەنلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، كۆڭلىڭىزدىكى قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتۇپ تۇرۇڭ .
16. كېسەللىك كۆرۈلسە دوختۇردىن ھەرگىزمۇ يوشۇرماڭ، كېسەللىك كۆرۈلمىسە بىھۇدە دورا ئىستىمال قىلماڭ .
مەن بۇ رىسالىنى خوتەن ئابدۇغوپۇر ھاجىم (ئۇيغۇر غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى"ئۇيغۇر تىبابىتى"نىڭ ھەقىقى ۋارىسى - گۇۋانامىسىنىڭ ساھىبى)ئۇيغۇر تىبابەت ئامبۇلاتورىيەسىدە كۆرۈپ خاتىرلىۋالغان ئىدىم ، مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.