10-ئاۋغۇست سەھەردە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭجۇدا 3-قېتىملىق ئادەم قىسقارتىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. جېنخۇادې بىلەن قالدۇرۇۋېتىلگەن موكې ۋە ۋاڭلىگاڭ تازا پاراڭلىشىۋاتقاندا، پەخىرلىك شىرئەلىجان بولسا بىر قانچە سودىگەرلەر بىلەن ئېلان توختامى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقان ئىدى، چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان بىر قانچە داڭلىق كارنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگەن ئىدى. 10-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بېيجىڭدىكى ياتىقىغا قايتىپ كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە كوماندا يىغىنى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن شىرئەلىجان يۈك-تاقلىرىنى پوچتىدىن ئەۋەتكەچ:« مەلۇم قىسمىنى ئەۋەتىۋەتتىم، قالغىنى بىرلا سومكا بولدى، ئەمدى قۇلايلىق بولدى.»دېدى. ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندە بولسۇن، ياكى مۇسابىقىگە ماڭغاندا بولسۇن پەقەت جىق نەرسە ئالمايتتى، خۇددى تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تىزىملاتقىلى بارغاندەكلا.
شۇ كۈنى خېلى كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، شىرئەلىجان ياتاق بىناسىدىن چۈشىشىگىلا بېيجىڭدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. 20 ياشلىق يىگىتىمىز داڭلىق كىشىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئانچە يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەت گەرچە ئۇنىڭ كېلىشىپ قويغىنىدىن يېرىم سائەت كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ تېلېفوندا ناھايىتى تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىغاندا قەلبىنى بىر خىل ئىللىقلىق قاپلىدى.
كىچىك ئارخىپ:
ئىسمى: شىرئەلىجان مۇختەر
نومۇرى: 20 (شىنجاڭ كوماندىسى) 19 (دۆلەت كوماندىسى)
تۇغۇلغان كۈنى: 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئېگىزلىكى: 191 سانتىمېتىر
ئېغىرلىقى: 91 كىلوگرام،
مەنبەسى
http://nur.cn/html/news/27628.shtml