ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 157 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىناسى ئادەمبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 22 ئادەم ئۆلدى
يالقۇن
بوزقىر،مۇخبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 858

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????39????
ئۆسۈش: 39%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 39
  تۆھپىسى: 35
  پۇلى: 109 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 70
  ياخشى باھا: 109
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 7سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-08-11
  كىرىشى: 2011-09-12
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-15 20:28

ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىناسى ئادەمبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 22 ئادەم ئۆلدى


 
  1. جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 15-كۈندىكى تېلېگراممىسى، ئافغانىستان پارۋان ھۆكۈمەت بىناسى 14-ئاۋغۇست 6 نەپەر تېررورچىلارنىڭ ئۆزنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 22 نەپەرگە يەتتى.
    پارۋان ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ئابدۇل باسىر ساراڭجى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا ئامان قالدى، ئۇ تېررورچىلار ھۇجۇم قىلغاندا قولۇمغا قورال ئېلىپ ئاز دېگەندە بىر نەپەر تېررورچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردۈم دېدى.
    ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 14-ئاۋغۇستتىكى پارتلىتىش ۋەقەسى چوڭ ئىشىكتىن باشلانغان بولۇپ، بىر نەپەر تېررورچى ماشىنا ھەيدەپ بىر تامنى پارتلىتىپ ئۆرۈۋەتكەن، قالغان 5 نەپەر تېررورچى ئارقىدىنلا قورال ۋە پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ھويلىغا كىرگەن. ئۆلكە باشلىقى ساراڭجى، ساقچى باشلىقى، ئاخباراتقا مەسئۇل باشلىق، بىر نەپەر يەرلىك ئارمىيە كوماندىرى ۋە ئىككى نەپەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ زىيارەتچىسى قاتنىشىۋاتقان بىخەتەرلىك يىغىنى پارتلاش سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان.
    ئىككى نەپەر تېررورچى بەدىنىگە بومبا تېڭىپ ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرگەن، قالغان 3 نەپىرى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.ئافغانىستان ئىچكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلىتىشتا 16 نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى، 6 نەپەر ساقچى ئۆلگەن، 37 نەپەر ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.تالىبانلار بۇ ۋەقەنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.مەنبەسى،نۇر،تورىhttp://nur.cn/html/news/27730.shtml

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىناسى ئادەمبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 22 ئادەم ئۆلدى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: