ھەيرانلىق تۇيغۇلار
تۇرسۇنجان ئەمەت ( قوشاقچى )
گۈلنىڭ خۇشبۇي ھېدى ، گۈزەللىكى كەڭ تەبىئەتكە ، شىرنىسى كېپىنەككە مەنسۇپ ئىكەن ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ يەنىلا گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ سايرىغىنىغا ھەيرانمەن .
سېغىنىش چىن يۈرەكتىن بولىدۇ ، ماڭا ساپ يۈرەك ئاتا قىلغان ئانامنى سېغىنىشتىن ، بالامنى شېغىنىشىمنىڭ ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەيرانمەن .
ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرى قىزىل ، كۆزلىرى قارا . ئەمما كۆزلىرى قىزارغان ھامان يۈرەكلىرىنىڭ قارداپ كېتىدىغىنىغا ھەيرانمەن .
مەغلۇبىيەت - غەلبىنىڭ ئانىسى دەيدىكەن ، مەغلۇبىيەت ئانىنىڭ تولغىقىىنىڭ تېخغىچە تۇتمىغىنىغا ھەيرانمەن .
تۆۋە قىلىش ياخشى ئەمەس ، تۆۋە قىلغۇدەك ئىش قىلماسلىق ياخشى . بەزى كىشلەرنىڭ قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ تۆۋە قىلاي دەيدىغىنىغا ھەيرانمەن .
كالا سۈتى ئىنسانلارغا پايدىلىق ، ئەمما موزايغا زىيانلىق ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقىنىمىزغا ھەيرانمەن .