ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 158 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر پارچە خەت 14 ياشلىق تۇغما مېيىپ ئوغۇلنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى
يالقۇن
بوزقىر،مۇخبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 858

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????37????
ئۆسۈش: 37%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 37
  تۆھپىسى: 33
  پۇلى: 103 ياۋرۇ
  شۆھرىتى: 66
  ياخشى باھا: 103
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 7سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-08-11
  كىرىشى: 2011-09-11
0- قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-08-16 13:03

بىر پارچە خەت 14 ياشلىق تۇغما مېيىپ ئوغۇلنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى





شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئۆزى بىر تىيىن پۇل خەجلىمەي، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ساختا قولغا ئېرىشىش بىر ئادەتتىكى مېيىپ ئادەم ئۈچۈن ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك ياكى ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەنلىك. ئەمما ئەنگلىيەدىكى بىر تۇغما سول قولى يوق مېيىپ ئوغۇل بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە بىر F1 بىنىز ماشىنا ئەترىتىگە يولۇقتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ياردىمىدە 35 مىڭ فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى بىر تەقدىلىي قولغا ئېرىشتى.
ئەنگلىيەنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەنگلىيەلىك ئوغۇلنىڭ ئىسمى مەتھىۋ جېيمىس بولۇپ، بۇ يىل 14 ياشتا، ئۆزى بىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق F1 مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەۋەسكارى ئىكەن. ئۇ ئېنگلانىدنىڭ جەنۇبىدىكى ۋوكىڭھام بازىدىن كەلگەن بولۇپ، خۇددى باشقا نورمال بالىلارغا ئوخشاشلا مۇشۇ تۈردىكى تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدىكەن.

 



ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن F1 بىنىز ماشىنا ئەترىتىگە خەت يېزىپ، ئۆزىگە بىر يۇقىرى ئىقتىدارلىق ساختا قول سېلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن. مەزكۇر ماشىنا ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ خېتىنى «ئەقىل بىلەن يېزىلغان ھەمدە ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان خەت» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
مەزكۇر ماشىنا ئەترەتنىڭ تېرىشچانلىقى ئاستىدا، مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق تەقلىدىي قول ياساش شىركىتى (Touch Bionics) بۇ بالىغا بىر تەقدىلىي قول تەمىنلەشكە قوشۇلۇپ، پەقەت 10 مىڭ فوندستېرلىڭلا ھەق ئالغان. بۇ بالا شۇنداق قىلىپ بىر تىيىنمۇ پۇل خەجلىمەي، كۆڭلىدىكىدەك تەقلىدىي قولغا ئېرىشكەن.
ئۇ بۇ قولغا ئېرىشكەندىن كېيىن ھاياجىنىنى باسالماي مۇنداق دېگەن:«بۇ نەرسە مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا بولغاندىن كېيىن، مەن ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم، ئۇ ناھايىتى قالتىس! تاشقى قېپى سۈزۈك، سىز ئۇنىڭ تاشقى قىسمىدىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېخانىكىلىق ھەرىكەت جەريانىنى كۆرەلەيسىز».مەنبەسى،نۇر،تورىhttp://www.nur.cn/html/news/27816.shtml

-سىز كۆرۋاتقان تىما بىر پارچە خەت 14 ياشلىق تۇغما مېيىپ ئوغۇلنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى: